تامارا لىمپىچكا

تامارا ياش تۇرۇپلا نام قازانغان. (lempicka) دېگەن ئىمزا بار رەسىمگە ئىگە بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز سالاھىيىتى، سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىسى بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تامارا
باشقا نامى تامارا لىمپىچكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1980-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔玛拉德兰陂卡
تۇغۇلغان ۋاقتى 1898-يىلى
چەتئەلچە نامى Tamara de Lempicka

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تامارا لىمپىچكاتامارا لىمپىچكا (Tamara de lempicka) (1898-1980) پولشادىكى بىر پۇلدار ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تامارا ياش تۇرۇپلا نام قازانغان. (lempicka) دېگەن ئىمزا بار رەسىمگە ئىگە بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز سالاھىيىتى، سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىسى بولۇپ قالغان.

تامارا لىمپىچكا 22 ياشلىق تامارا كۇبىزىمچى رەسساملاردىن ئاندىرى لوت ۋە دېنىستىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 5 يىلدىن كىيىن 27 يا شقا كىرگەن تامارا لىمپىچكا ياۋروپا سەنئەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملاردىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئىتالىيەدە شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن، ئىتالىيىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن بولۇپ «ساھىپجامال ئايال رەسسام» دەپ نام ئالغان. ئۇ سىزغان كۈچلۈك زىننەت تۈسىگە ئىگە، تەسۋىرى سىزىقلىرى ئېنىق، رەڭلىرى قېنىق، قۇيۇق ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئاياللارنىڭ رەسىملىرى كىشىلەرنىڭ سەزگۇسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. 

قولىدا رەسىم قەلىمى تۇتقان تامارا خانىم رەسسام بولۇش سالاھىيىتى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ 40 يىللىردا ئامېرىكىدا پەيدا بولغان ئابىستىراكىت ئىجادىيەت ئېقىمىغا تازا ماسلىشىپ كېتەلمەي بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، 70-يىللارغا كەلگەندە بارون خانىمنىڭ رەسىملىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.

تامارا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «مەن سىزغان ھەر بىر پارچە رەسىم ئۆزەمنىڭ پورترېتى» دېگەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز ئىجادىيىتىنى قانچىلىك چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. تامارانىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئۆز تېنىگە بولغان بىر خىل مۇھەببەت تۇيغۇسى ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، ھەتتا ئۇ«ئۆز-ئۆزىگە چوقۇنۇش» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. مودىللارنىڭ بەدىنىدىن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى گۈزەللىكنى بايقاشقا ھەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياجانلىق تۇيغىنى رەسىم يۈزىدە ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماھىر. 

تامارا لىمپىچكاكىچىكىدىن باي ئائىلىدە چوڭ بولغان تامارا 18 يېشىدا ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان رۇسىيەلىك ئادۋوكات تادىيۇز لېمپىچكىغا ياتلىق بولغان. تويدىن كېيىنكى دەسلەپكى 2 يىلدا تۇرمۇشى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن. ئۇزاق ئۆتمەي رۇسىيەدە «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئېرى قولغا ئېلىنغان تامارا ئېرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىر ئېرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ شۇ يىلى پارىژغا قېچىپ كەتكەن. نامراتلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي چوڭ بولغان تامارا بىر كېچىدىلا نام نىشانسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان. پارىژغا بارغان دەسلەپكى كۈنلەردە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنچە مەرۋايىتلىرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان بولسىمۇ كېيىنچە لىمپىچكا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمىغاچقا، باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان تامارا كىچىكىدە ئۆگەنگەن، رەسىم سىزىش ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىماقچى بولغان.

تامارانىڭ قارىشىدا رەسسام بولغان ئادەم رەسىمىنى ياخشى سىزىش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۆپرەك مۇھەببەتكە مۇھتاج بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 1928-يىلى يولدىشىدىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن تامارا 35 ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ، كاتتا باي بارون رائول كوفنېرغا ياتلىق بولغان. كىيىن ئېرى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 

تامارا 1962-يىلى ئىككىنچى ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن رەسىم سىزىشتىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، مېكسىكىغا كېتىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

تامارانىڭ پولشادىكى ئابىدىسىتامارانىڭ رەسىملىرى ھازىرقى زامان سەنئىتىگە كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ جىنسى ئازادلىق تېما قىلىنغان سەلبى ئەسەرلىرى يۇقىرى تەبىقىدىكى شاللاق خېنىملارنىڭ روھى ئوزۇقى بولغان بولسا، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۈچلۈك زىننەت تۈسىگە ئىگە پورترېت رەسىملىرى كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، مودا كىيىم مەركىزى دەپ ئاتالغان پارىژدا «Lolita Limpicka» دېگەن بىر مودا كىيىم ماركىسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھوللىۋود كىنولىرىدا تامارانىڭ رەڭ تەسىرى پەۋقۇلاددە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن.

تامارانىڭ ئەسەرلىرىنى ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى ئۇنى ياخشى كۆردىغان خۇسۇسىي رەسىم ھەۋەسكارلىرى ساقلاپ كەلمەكتە. ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى جىك نىكولسون تامارانىڭ ئەڭ سادىق، ئەڭ قىزغىن ھەۋەسكارى بولۇش بىلەن داڭ چىقارغان. 6 يىل ئىلگىرى كرېستى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى بازارغا سالغان تامارانىڭ «ئىككى قولى باغلاقلىق ئايال» ناملىق رەسىمىنى داڭلىق ناخشىچى مەيداننا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رەسىم ھازىرمۇ ئۇنىڭ كاتتا ھۇجرىسىدا ئېسىقلىق ئىكەن.

مەدەنىيەت سەنئەت دۇنياسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق رەسسام تامارا لىمپىچكا 1980-يىلى مېكسىكىدىكى تۇرالغۇسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان پېتى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن جەسەت كۈلى پوپوكاتېپېتل يانار تېغى ئەتراپىغا چېچىۋېتىلگەن.[0]

تامارانىڭ رەسىملىرى ھازىرقى زامان سەنئىتىگە كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ جىنسى ئازادلىق تېما قىلىنغان سەلبى ئەسەرلىرى يۇقىرى تەبىقىدىكى شاللاق خېنىملارنىڭ روھى ئوزۇقى بولغان بولسا، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۈچلۈك زىننەت تۈسىگە ئىگە پورترېت رەسىملىرى كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، مودا كىيىم مەركىزى دەپ ئاتالغان پارىژدا «Lolita Limpicka» دېگەن بىر مودا كىيىم ماركىسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھوللىۋود كىنولىرىدا تامارانىڭ رەڭ تەسىرى پەۋقۇلاددە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1675888.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#