ئېلېكترونلۇق يوللانما

ئېلېكترونلۇق يوللانما

ھازىر، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر «ئېلېكترونلۇق يوللانما» ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولدى.

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكترونلۇق يوللانما
ئىنگىلىزچە نامى E-Mail
بەلگىسى @
خەنزۇچە نامى 电子邮件
چەتئەلچە نامى Electronic Mail
خاسلىقى
توردا ئىشلىتىلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكترونلۇق يوللانمائىلگىرى ئىككى شەھەر ياكى ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشتە، ئادەتتە خەت يېزىش، تېلېفون بېرىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىناتتى. جۇڭگودىن بىر پارچە خەتنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئادەتتە يەتتە كۈن كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش-ئالتە يۈەن پوچتا ھەققى ئېلىناتتى؛ تېلېفون بېرىشكە توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى دەرھاللا ئاڭلىغىلى بولسىمۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئون نەچچە يۈەن تېلېفون ھەققى تۆلەشكە توغرا كېلەتتى. 

ئېلېكترونلۇق يوللانماھازىر، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر «ئېلېكترونلۇق يوللانما» ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولدى.

ئېلېكترونلۇق يوللانمىنىڭ ئىنگلىزچە نامى E-Mail بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېردا «خەت يېزىپ» تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ئىنتېرنېتتا «يوللىنىلىدىغان» خەتنى كۆرسىتىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەخسۇس «ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى» بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتكەندە، ئاۋۋال كومپيۇتېردا خەت مەزمۇنى ۋە خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ «ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى» نىڭ ئادرېسى كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىپ، خەت ئەۋەتىلىدۇ، قارشى تەرەن بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا خەتنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ پەقەت بىر نەچچە مو ئېلىنىدۇ.

ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتىشنىڭ يەنە نۇرغۇن قۇلايلىق تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، كەلگەن خەتنى ناھايىتى ئاسانلا يەنە بىر ئادەمگە قايتۇرۇپ يوللىغىلى بولىدۇ؛ خەتتىن باشقا، يەنە سۈرەت، رەسىم جەدىۋەللەرنىمۇ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانمىنىڭ مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلار خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ ھەم يوقىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئەۋەتىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەت ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#