كامانچە

كامانچە

ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇيغۇر چالغۇسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقياغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان چەكمە چالغۇدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى كامانچە
خەنزۇچە نامى 卡曼贾

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كامانچەئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇيغۇر چالغۇسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقياغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان چەكمە چالغۇدۇر.مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) بىر تالدىن كۆپ تاللىققا كۆپەيتىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق <غۇنقا> دەپمۇ ئاتالغان.

كامانچەكامانچە بارلىق چەكمە چالغۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە مىڭ يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە مىلادىيەدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە خېلى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە كەڭ قوللىنىلغان، گەرچە كامانچە توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللاردا ئېنىق مەلۇمات كۆپ بولمسىمۇ، ئەمما Ⅲ ئەسىردە سىزىلغان باي ناھىيىسى <قىزىل مىڭئۆي> - لىرىنىڭ 38 - نومۇرلۇق ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىدا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئېنىق سىزىلغان رەسىمى ۋە سول قولىدا كامانچە تۇتۇپ، ئوڭ قول بارمىقى بىلەن تارنى ئىلىپ ساز چېلىۋاتقان <ئەرش نەغمىسى> سازەندىسىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل رەسىمى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. كېيىنكى دەۋلەردە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) ئورنىغا ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىنى باغلاپ، ئۇنى تارلىق چالغۇلارغا سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇلار (غېجەكنىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىلىرى) كەشىپ قىلىنىپ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇلارمۇ <كامانچە> دەپ ئاتالغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامانچىلىق چالغۇ تۈرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#