جاۋاشىر

جاۋاشىر  بولسا رەڭگى سېرىق، سۈزۈك، تەمى ئاچچىق بولۇپ، خۇش پۇراق، «جاۋاشىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.گۆش ئۈندۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى جاۋاشىر
خەنزۇچە نامى 格逢脂

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاۋاشىر  بولسا  كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم مېۋە بېرىدىغان ئۆسۈملۈك جاۋاشىرنىڭ يېلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، شەكلى ياڭاق مېغىزىغا ئوخشاپ كېتىدۇ،تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، پەي – مۇسكۇلنى چىڭىتىش، قىزىتىش، يەل تارقىتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش، چىراينى پارقىرىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، گۆش ئۈندۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ يېسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۇرۇقدانغا زىيانلىق تەسىرى بار.

بۇ نېرۋا ئۇچلىرىنى قوزغاتقۇچى تەسىرگە ئىگە.

جاۋاشىر تەركىبىدە %5 - %20 گىچە ئۇچۇچان ماي، %60 دىن ئارتۇق رېزېنا، %20 دەرەخ يېلىمى بار.


1. 1.5گرام مىقداردىكى جاۋاشىرنى مەرزەنجۇش سۈيىدە قاينىتىپ بەرسە، بەزگەك، ئىستىسقا، جىگەر كېسىلى، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، سۈيدۈك يوللىرى ئېچىشىش، بالىياتقۇ ئىششىقى، سۈيدۈك يولىدا تاش تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، كاۋاك چىشقا قويسا، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. 2. جاۋاشىردىن 5 گرام، گۈل يېغىدىن 10 گرام ئېلىپ ، زىمات تەييارلاپ چاپسا ئىششىق تارقىتىدۇ. 3. جاۋاشىر ۋە كۇندۇردىن 10 گرام، تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى دانە ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، ئىستېمال قىلسا سۈرئىتى ئىنزالغا شىپا بولىدۇ. 4. جاۋاشىر ۋە ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 7 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى ۋە يەرلىك شوخلىدىن 10 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر، تال توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.

مېڭە ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا، تۇتقاقلىق كېسەل، تارتىشىش، تىترىمە كېسەل، سەكتە، نەزلىلىك زۇكام، ئۈچەي ئالمىشىش كېسىلى، مۇپاسىل، سۇلۇق ئىششىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، سۈيدۈك، ھەيز راۋان بولماسلىق، قورساق ئېسىلىش، بالىياتقۇدىكى يەلدىن پەيدا بولغان ئاغرىقلار ۋە بەدەننىڭ ھەر خىل زەخىملىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

2 ~ 4 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

مۇرمەككى، گۈل بىنەپشە.

ئورۇنباسارى

ئەنجۈر، پىننە.

لوئوقى جاۋاشىر.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) 

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=479

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#