ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوقۇل پەخرىي ئىلمىي ئاپپارات. ئۇ 1863-يىلى زۇڭتۇڭ لىنكولىن ئىمزالىغان قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان، گەرچە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭدەك مەملىكەتلىك ۋە دۇنياۋى پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىگە تەكلىپ بېرىش، ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. 

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى
چەتئەلچە نامى National Academy of Sciences,United States
خەنزۇچە نامى 美国国家科学院

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوقۇل پەخرىي ئىلمىي ئاپپارات. ئۇ 1863-يىلى زۇڭتۇڭ لىنكولىن ئىمزالىغان قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان، گەرچە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭدەك مەملىكەتلىك ۋە دۇنياۋى پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىگە تەكلىپ بېرىش، ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. 

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىدىكى شۆھرىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن 60 يېڭى ئاكادېمىك سايلىنىدۇ، بۇ يېڭى ئاكادېمىكلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشقا يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى گۈللەنگەن پەن ساھەلىرىنىڭ نادىر ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى 1500 دىن ئارتۇق ئاكادېمىكنىڭ %50 تىن كۆپرەكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14 ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس ئۆتىدۇ ياكى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاكادېمىكلار بەش ئىلىم يۇرتى، 23 پەنگە تەۋە. بۇ5 ئىلىم يۇرتى ماتېماتىكا ۋە ماددا پېنى، جانلىقلار پېنى، قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن، مېدىتسىنا، ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئىبارەت. ھەربىر ئىلىم يۇرتىدا بىر نەپەر مۇدىر، بىر نەپەر كاتىپ بولىدۇ. 

مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1964-يىلى 12-ئايدا يەنە مەملىكەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى، 1970-يىلى مەملىكەتلىك مېدىتسىنا ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغان. 

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىمەملىكەتلىك تەتقىقات كېڭىشىنىڭ قارىمىقىدا تۆت پەن كومىتېتى بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر ئورتاق تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساس خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تۆت كومىتېت ھەرىكەت ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر كومىتېتى، ئىنژېنېرىيە(قۇرۇلۇش ئىلمى) كومىتېتى، ھاياتلىق ئىلمى كومىتېتى ۋە ماتېماتىكا، ماددا پېنى كومىتېتىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا يەنە خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق كومىتېتى، ئىجتىمائىي، تېخنىكا تۈزۈلمىسى كومىتېتى ۋە ئىنسانلار بايلىقى كومىتېتى قاتارلىق تۆت مەخسۇس كومىتېت بولۇپ، پەن ھالقىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ-چوڭ تېمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#