قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

1991–يىلى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国未成年人保护法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى(1991–يىلى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدۇ. 

2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.

3–ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسئۇنالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم–پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ. 

4–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم. 

(1) ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ 

(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛ 

(4) تەربىيلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش. 

5–ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى مال–مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنىڭ دەخلى–تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش–دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم. 

6–ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 

7–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 

2–باب ئائىلىدە قوغداش 

8–ماددا ئاتا–ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغايەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكەبولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

9–ماددا ئاتا–ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك. 

10–ماددا ئاتا–ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت–نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم. 

11–ماددا ئاتا–ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشقا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ. 

12–ماددا ئاتا–ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەشئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك. 

ئاتا–ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزۈتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ. 

3–باب مەكتەپتە قوغداش

13–ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم. 

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق–پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگۈنشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى كەسىتمەسلىكى لازىم. 

14–ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم.

15–ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرشىكە ياكى كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ. 

16–ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرىدە پائالىيەت قىلدۇرماسلىقى كېرەك. 

ھەر قاندان تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ. 

17–ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ–يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم. 

18–ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك، تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم. ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ. 

19–ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 

4–باب جەمئىيەتتە قوغداش 

20–ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 

21–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت–شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللشتۈرۈشى لازىم. 

22–ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، كىنو–تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى(زالى) ، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم. 

23–ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس. ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. 

24–ماددا دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو–تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكتى قىلغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئۈن–سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىشقا يار–يۆلەك بولىدۇ. 

25–ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت–ژۇرنال، ئۈن–سىن بۇيۇملىرىنى سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

26–ماددا بالىلار يېمەكلىكلىرى، ئويۇنچۇقىلىرى، لازىمەتلىكىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك. 

27–ماددا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلار، ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ. 

28–ماددا ھەر قاندام تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

29–ماددا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقىلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا–ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقىلرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ. 

30–ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ.

31–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت–چەكلىرىنى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت–چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت–چەكلىرىنى ئېچىشقا بولمايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#