ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق

ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق

ھامىلىدارلىق ۋاقتى ھامىلىدارلىقنىڭ 24-ھەپتىسىنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بارسا ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 过期妊娠
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىقىرىش قۇۋۋەت(قۇۋۋىتى دافىيە) نىڭ ئاجىزلىشىپ، تۇتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدە تۇرۇش ۋاقتى ئېشىپ كېتىدۇ.

 2. شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت ئاجىزلاشقاندا ھامىلە مېڭىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن مېڭىسىز ھامىلە شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ھامىلىنىڭ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىسى بولمىغانلىقتىن ھىپوفىز تەنچىسى-بۆرەك ئۈستى بېزى ئوقىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەك ئۈستى بەز ھورمونىنىڭ ئاجرىلىشى ئازلاش سەۋەبىدىن بالىياتقۇ ئىچكى ئېغىزى ۋە بالىياتقۇ تۆۋەنكى بۆلىكىنىڭ غىدىقلىنىشى تۆۋەن بولۇپ ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.


ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق1. كېسەللىك تارىخىدا ھامىلىدارلىق ۋاقتى مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن ئىككى ھەپتە ئېشىپ كېتىدۇ.

2. بالىياتقۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.  پايدىلىنىش فورمىلاسى: قورساق ئايلانمىسى ×(cm) بالىياتقۇ تۈۋى =500(g)+(cm) ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى (g)  تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ ئاي كۈنى توشقان ھامىلىدارلىقتىكى بالىياتقۇ چوڭلۇقىدا بولۇپ ھامىلە چوڭراق بولىدۇ. باش سۈيى ئازراق بولىدۇ. ھامىلە بېشى داسقا چۈشكەن، بالىياتقۇ بويۇن كانىلى يوقالغان ياكى قىسمەن يوقالغان بولىدۇ.

3. تۇغۇتتىن كېيىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرىنى تەكشۈرۈش: ھامىلە مېيى ئاز ياكى يوق ھەم تېرە ئاستى ماي قەۋىتى نېپىز بولىدۇ. قۇرۇق بولۇپ خۇددى «كىچىك بوۋاي» غا ئوخشاپ قالىدۇ. باش سۆڭىكى قاتتىق بولىدۇ. بالا ھەمرىيى كونىرىغان، باش سۈيى ئاز بولىدۇ. شۇنداقلا ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن، چىقىرىلغان گەندە بىلەن ساغۇچ يېشىل بويىلىدۇ.

ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق1.ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن بالا ھەمرىيىنىڭ خىزمىتى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، بالا ھەمرىيى ئىچىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ ۋە كالتسىيلىشىپ قان ئايلىنىشقا تەسىر قىلىدۇ. ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن تۇنجۇقۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بالا ھەمرىيىنىڭ خىزمىتى نورمال بولغۇچىلاردا ھامىلە زورىيىپ كېتىدۇ.

2. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىقتا گەرچە ھامىلە پۈتۈنلەي چوڭىيىپ كەتمىسىمۇ لېكىن زىيادە يېتىلگەنلىكتىن باش سۆڭىكى قېتىپ قالىدۇ. شۇڭا تۇغۇت ۋاقتىدا قىيىن تۇغۇت بولۇپ ھامىلە بېشى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئانا تېنىدىكى يۇمشاق تۇغۇت يولى زەخىملىنىش پۇرىقى كۆپ بولىدۇ.

 3. ۋاقتى ئۆتكەن ھامىلىدارلىقتا ھامىلىنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا تۇنجۇقۇپ قېلىش پۇرسىتى نورمال ھامىلىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ.

 4. بالىياتقۇ زىيادە چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن دائىم تولغاق كۈچسىز كېلىدۇ. نەتىجىدە تۇغۇت توختاپ قېلىش ياكى تۇغۇتتىن كېيىن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە: تۇغۇت ۋاقتى ئىككى ھەپتە ئېشىپ كەتكەن، لېكىن ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز ۋاقتى توغرا بولمىغان، ھەيز تەرتىپسىز بولغان، ھامىلىمۇ چوڭ بولمىغانلار داۋاملىق كۆزىتىلسە بولىدۇ. تۇغۇت مەزگىلىدە: تۇغۇتنىڭ 1-دەۋرىدە تۇغۇت جەريانى باشلانغان چاغدا ئاسانلا ھامىلە تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. شۇڭا تۇغۇت جەريانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھامىلە يۈرىكىنىڭ سوقۇش ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزىتىش لازىم. تۇغۇتنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ۋە باش سۈيىنىڭ خاراكتېرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ھامىلىنىڭ بېشىنى شۈمۈرۈش ياكى تۇغۇت قىسقۇچى بىلەن قىسىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش ئارقىلىق تۇغۇتنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. باش ۋە داس سۆڭىكى ماسلاشمىغانلارنى قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن قائىدە بويىچە تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ھامىلىدار ئاياللار ئالدىن ھېسابلانغان ھامىلىدارلىق ئاي سانىغا دىققەت قىلىشى، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تۇغۇتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، دەرھال تەكشۈرتۈپ ئېنىقلىشى كېرەك. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىقنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىدىن ساقلىنىش لازىم.


1. كېسەللىك تارىخى ۋە كلىنىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ مۆلچەرلەنگەن ۋاقتىتىن ئىككى ھەپتە ئېشىپ كېتىشى، ھامىلە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تۇغۇتتىن كېيىن ھامىلە مېيىنىڭ ئاز ياكى يوق، تېرە ئاستى ماي قەۋىتىنىڭ نېپىز بولۇشى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.

 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا بالا ھەمرىيىنىڭ خىزمىتى ۋە يېتىلىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاقتى ئۆتكەن ھامىلىدارلىققا ئېنىق دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە بالا ھەمرىيىنىڭ پىشىش دەرىجىسى Ⅲ دەرىجىگە يەتكەن، باش سۈيىنىڭ مىقدارى ئازلىغان بولىدۇ(ھامىلىدار ئايال قورسىقىنىڭ يېقىمسىزلىنىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ، بۇ بالا ھەمرىيىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئاجىزلىغانلىقتىن، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن كۆرۈلگەن ئەھۋال) ھەمدە ھامىلىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ قېتىپ بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1206

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#