ئىلى دەرياسى
ئىلى دەرياسى ئاسيادىكى مەشھۇر دەريالارنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىلى دەرياسى، جۇڭگودىكى سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا. ئىلى دەرياسىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى، تېكەس دەرياسىنىڭ باشلانغان شىمالىي خانتەڭرى چوققىسى، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق °82 ئەتراپىدا، شىمالغا قاراپ ئېقىپ، قارا دېمىڭ تاغ تىزمىسى كېسىپ ئۆتكەن ۋە كۈنەس دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، يەنە غەربكە قاراپ ئېقىپ، غۇلجا ۋە قاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، چېگرادىن كېسىپ ئۆتۈپ، قازاقىستانغا كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بالقاش كۆلىگە كىرىدۇ. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى يامغۇر سۈيى مول، يېزا ئىگىلىكى ئاساسەن سۇغىرىش ھاجەتسىز. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تېمپېراتۇرا شىنجاڭنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى، غول ئېقىنىنىڭ مۇز تۇتۇشى پەقەت 60 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
بۇ دەريا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، قاتمۇ–قات تاغلار ئارىسىدىكى قېلىن قارىغاي لىق جىلغىلار ۋە رەڭگارەڭ گۈل-چىچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل يايلاقلاردىكى سانىسزلىغان كىچىك ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەشھۇر ئەزىم دەريادۇر.
1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئىلگىرى ئىلى دەرياسىدا كۆۋرۈك يوق بولۇپ، ئايدۆڭ، قاراتام (تالدى)، ياماتۇلاردا زەنجىر ئارغامچىغا ئىلىنغان ياغاچ كېمە بار بولۇپ، ئاپتوموبىل، ھارۋا، ئات-ئۇلاغ ۋە پىيادىلەر مۇشۇ كېمە ئارقىلىق ئۇ قاشتىن بۇ قاشقا ئۆتەتكەن.
1970–يىللىرى ئايدۆڭدىكى غۇلجا-چاپچال كۆۋرۈكى، 1980–يىللىرى ياماتۇ كۆۋرۈكى ياسلىپ قاتنىشى باشلانغان.
ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. گەرچە ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتناش تارىخى توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، ئەمما ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا سالچىلىق بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سالچىلار ئارىسىدىكى چۆچەك تەرىقىسىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ۋەقەلىكلەردىن قارىغاندا، بۇ دەريانىڭ سالچىلىق تارىخى بەش ئەسىردىن كەم ئەمەس. سالچىلار 50–60 كېمىنى چېتىپ سال قىلىپ، ئۈستىگە ئات، كالا، قوي قاتارلىق ماللارنى ۋە تۈرلۈك چارۋا مەھسۇلاتلارنى سېلىپ، دەريا ئارقىلىق ھەيدەپ غۇلجىغا كەلگەن. 1950– يىللىرى ئىلى دەرياسىدا چەتئەل پاراخوتلىرى بىرقانچە يىل قاتنىغان.
ئىلى دەرياسى شەرقىي مېرىدىئان °74 ~ °85، شىمالىي كەڭلىك °42 ~°47 ئارىلىقىغا جايلاشقان، دەريا شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە قازاقىستاننىڭ خەلقئارالىق دەرياسى. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي تارماق پولىكنۇ تېغى بىلەن جەنۇبىي تارماق خالىق تېغى ئوتتۇرىسىدا، جۇڭگودىكى تەڭرىتاغ سۇ بايلىقى ئەڭ مول تاغ بۆلىكى. يۇقىرى ئېقىنىدا 3 مەنبە بار، يەنى تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى.
تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى ياماتۇدا قوشۇلۇپ، ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ، تېكەس دەرياسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىن باشلىنىپ، موڭغۇلكۈرەدىكى قۇم ئويناقنىڭ 6 كىلومېتىر غەربىدە جۇڭگو چېگرىسىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىن قازاقىستان-جۇڭگو چېگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، سۈمبە چازىغا كەلگەندە چېگرا لىنيىسىدىن ئايرىلىپ، موڭغۇلكۈرە تەۋەسىگە كىرىپ قارا كۆل، قوتۇرقاي، ئاقدالا، چاتمابىل، ئاقتام، مىڭبۇلاق، تېكەس، مەدىيەن، ئاقگۈمبەز، قارا دالا، قارىتوقاي، كىچىك جىرغىلاڭ، قىزىل تاللاردىن ئۆتۈپ كۈنەس دەرياسىغا قوشۇلۇپ، ئادىن گۆر جىلغىدىن ئۆتۈپ ياماتۇغا كېلىپ، قاش دەرياسىغا قوشۇلۇپ ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلغان.
كۈنەس دەرياسى
كۈنەس دەرياسى يۇلتۇز تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ نارات، ئارالتۆپە، قىلى، قارا سۇلاردىن ئۆتۈپ تېكەس دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىغا قونجالىق، چاقپى دەريالىرى ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلار قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 195 كىلومېتىر، يللىق سۇ مىقدارى 2 مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر.
قاش دەرياسى
قاش دەرياسى ئاۋرال، ئارىشاڭ، ئىرەن قابىرغا ۋە بولخنۇر تاغلىرىدىكى ئالاستاي، كوركى، سايقىندولى، سارقىلتى، تورگونچاغان، زىكوي، تېمىرلىك، بارغايتى، ئۇلاستاي، سۇپتاي، بوربوس دەريالىرىنىڭ ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئارا سوندىن باشلىنىپ ئىسبوغى، شاتبۇلاق، يۇقىرى ئۇلاستاي، خوجى تاي، نىلقا، تۆۋەن ئۇلاستاي، توقايلاردىن ئۆتۈپ، ياماتوغا كېلىپ ئىلى دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. قاش دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 290 كىلومېتىر، يىللىق سۇ مىقدارى 4 مىليارد كۇپ مېتىر.
ئىلى دەرياسى، ئىران سۇ، ئۇلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، غۇلجا شەھەر ئەتراپىغا 16 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئېقىم مىقدارى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، دەريا يۈزى كەڭ، مەنزىرىسى گۈزەل، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە قاراپ قورغاس دەريا ئېغىزىدىن ئېقىپ قازاقىستان چېگراسى ئىچىگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بالقاش كۆلىگە ئېقىپ كىرىدۇ.
ئىلى دەرياسى بويىدا قارلىق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، غۇلجا دەرياسىنىڭ ئەڭ يېقىن بۆلىكىدە داڭلىق بولغان ئىلى چوڭ كۆۋرۈكى بار، بۇ كۈننى ياخشى سۈرەتكە ئېلىش ئورنى، «ئىلى كۆرۈكىنىڭ كەچكى شەپىقى» فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى فوتو-سۈرئەت تېمىسى بولۇپ قالغان.
تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ ئورنى شىمالغا سۈرۈلۈپ تۇرغان.
1765– يىلىدىن 1820–يىلىغىچە بولغان 55يىل ئىچىدە، ئىلى دەرياسى شىمالغا 500 ~ 1000 مېتىرغىچە سۈرۈلگەن.
1820–يىلىدىن 1860– يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا 800 مېتىر شىمالغا سۈرۈلگەن. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان يىلىغا ئوتتورا ھېساپ بىلەن 18مېتىر ئەتراپىدا شىمالغا سۈرۈلگەن.
1952–يىلىغا كەلگەندە، كۈرە قەلئەسىنىڭ تۆتتىن بىر قسمىنى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى ئېقىتىپ بولغان.
1976–يىلىدىن 1979– يىلىغىچە بايانداي ئەتراپىدا ئىلى دەرياسى شىمالغا قاراپ 330 مېتىر سۈرۈلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.