گۇلاڭيۈ مەنزىرە رايونى
گۇلاڭيۈ ئارىلى − ۋەنشىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا، جىنمېن ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى191 كۋادرات كىلومېتىر، «دېڭىز ئۈستىدىكى باغچە» دېگەن نامى بار. گۇلاڭيۈ دېڭىزغا يانداش، ئەتراپى قۇرۇقلۇق، يېرىم ئارال، تاقىم ئاراللار بىلەن ئورالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۇلاڭيۈ ئارىلى فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا شىمالىي كەڭلىك N24°26′55.25″ ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق E118°03′43.55″ . شيامىن ئارىلى غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان ، شيامىن ئارىلى بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ، كەڭلىكى 600 مېتىر،گۇلاڭيۈ ئارىلىنى تۇلۇق بىر ئايلىنىپ چىقىشقا 40 مىنۇت كېتىدۇ .
بۇ يەردە غايەت زور يەككە تاشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاجايىپ-غارايىپ تاشلار ئۆزگىچە گېئولوگىيىلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلغان. ۋەنشىخۇ كۆلى بويىدا400 خىلدىن ئارتۇق تروپىك، سۇبتروپىك بەلۋاغ دەرەخلىرى بار. ۋۇلاۋفېڭ چوققىسى ئېتىكىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەنپۇتو ئىبادەتخانىسى نەپىس ياسالغان بولۇپ، جەنۇبىي فۇجيەندىكى بۇددا مۇقەددەس ئورۇنلىرىنىڭ بىرى.
پۈتۈن ئارالنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 40 تىن يۇقۇرى ، ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ ، ھەر خىل دەرەخ ، چاتقال , پېلەك غولى , يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى جەمئىي 90 دىن ئارتۇق ، سۇبتروپىك بەلباغ رايونى كۆپ ئۇچرايدىغان بەي يۈلەن ، پۇراقلىق كامفورا دەرىخى , ئارائۇكارىيە دەرىخى , دېلونىكس دەرىخى , سامىران دەرىخى , ياۋا ئەنجۈر , ئېۋكالىپت دەرىخى , ۋېندىمىل پالما دەرىخى , كوكۇسلۇق , بامبۇك قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلىرى بار .
گۇلاڭيۈ دېڭىزغا يانداش، ئەتراپى قۇرۇقلۇق، يېرىم ئارال، تاقىم ئاراللار بىلەن ئورالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. ئارال تاغلار ئېگىز-پەس، قىيالار ئېللىپس شەكىللىك، رىگۇاڭيۈەن، يىڭشيۇڭشەن قاتارلىق زور تاش يىغىلمىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەنزىرىلىك رايوننىڭ تۆت پەسلى باھاردەك بولۇپ، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار ياشىرىپ تۇرىدۇ، بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى تاغقا يۆلەپ سېلىنغان، مۇھىتى گۈزەل .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.