ئەڭ ئۇزۇن جىلغا

كولورادو چوڭ جىلغىسى
جىلغا دەريانىڭ كۈچلۈك يالىشى(كېسىشى) ئارقىدا پەيدا بولغان تار ۋە چوڭقۇر ۋادىدۇر. كولۇرادو دەرياسى ئۆزىنىڭ 2190 كىلومېتىرلىق مۇساپىسىدە جەمئىي 19 ئاساسىي جىلغىنى ھاسىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە باۋېر كۆلىنىڭ ئېغىزىدىن باشلانغان چوڭ جىلغا ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر جىلغىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كولورادو چوڭ جىلغىسى
باشقا نامى the Grand Canyon
ئۇزۇنلىقى 446كىلومېتىر
خەنزۇچە ئىسمى 科罗拉多大峡谷
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
كەڭلىكى 16 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر شارىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ كولورادو دەرياسى ھاسىل قىلغان چوڭ جىلغا بىر قەدەر گەۋدىلىكرەكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

جىلغا دەريانىڭ كۈچلۈك يالىشى(كېسىشى) ئارقىدا پەيدا بولغان تار ۋە چوڭقۇر ۋادىدۇر. كولۇرادو دەرياسى ئۆزىنىڭ 2190 كىلومېتىرلىق مۇساپىسىدە جەمئىي 19 ئاساسىي جىلغىنى ھاسىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە باۋېر كۆلىنىڭ ئېغىزىدىن باشلانغان چوڭ جىلغا ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر جىلغىدۇر. 

چوڭ جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 446 كىلومېتىر، كەڭلىكى 16 كىلومېتىر بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 1740 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەگەر مەملىكىتىمىزدىكى تەيشەن تېغى ئۇنىڭ ئىچگە جايلاشتۇرۇلغان بولسا، تەيشەننىڭ چوققىسى جىلغىغا بويلىماي 200مېتىردىن كۆپرەك كەم قالغان بولاتتى. چوڭ جىلغىنىڭ ئىككى يېنىنىڭ ئارىلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە چىغىر يول بىلەن ماڭساق، 34 كىلومېتىر يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ماشىنا بىلەن ماڭساق، 343 كىلومېتىر يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. سۇ ئويۇپ ئويۇپ چۈشكەن ئىككى يارنىڭ تەبئىي كۆرۈنۈشىدىكى پەرق ئىنتايىن زور. جەنۇبىي ياردېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىز بولۇپ، چۆل-باياۋان مەنزىرىسىنى بېرىدۇ. شىمالىي يار دېڭىز يۈزىدىن 2470 مېتىر ئېگىز بولۇپ، دەل-دەرەخلەر بىلەن ياپ-يېشىل تۈس ئالغان. بۇ يەردە بۇغا-ماراللار توپ-توپى بىلەن يۈرۈشىدۇ، قىش پەسلىدە بۇ يەرلەر قار-مۇز بىلەن قاپلىنىدۇ. 

چوڭ جىلغىنىڭ ئىچىدە ھەرخىل يەككە تاغلار ۋە تاش تۈۋرۈكلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياردا مەغرۇرانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، بەزىلىرى جىلغا ئاستىدا يېيىلىپ ياتىدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا ئىلاھلارنىڭ ۋە قەھرىمانلارنىڭ نامىنى بەرگەن. بەزىلىرىنى بولسا، شەكلىگە قاراپ باش بارماق، پاراخوت تاغ دەپ ئاتاشقان. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، جىلغىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاش قاتلاملىرى ئېنىق پاراللېل قاتلاملار بويىچە ئېچىلغان بولۇپ، خۇددى سانسىز كىتابلارنىڭ دەستىلەپ قويۇلغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىچىدە قۇمتاش، سىلانتىس، ھاكتاش ۋە تاختا تاشلار بار. بەزى جايلىرىدا يەنە تۈرلۈك لاۋا جىنىسلارمۇ بار. ئۇلار بىر-بىرىدىن سۈپەت جەھەتتىلا ئەمەس. بەلكى رەڭ جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ. كىشىلەر مەيلى جىلغىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تىك ياردا تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىسۇن، ياك جىلغا ئاستىدا تۇرۇپ يۇقرىدىكى تاغقا قارىسۇن، ئاجايىپ خىلمۇ-خىل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يىل ئىچىدىكى ھەرخىل پەسىللەردە ۋە بىر كۈن ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇشى ۋە باراقسان بولۇپ ئۆسۈشى، بۇلۇت-تۇمانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە غايىب بولۇشى ياكى قۇياش سايىسىنىڭ سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ جىلغىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىرىپ، خىلمۇ-خىل تۈس ئېلىپ تۇرىدۇ. 

ھەيۋەتلىك چوڭ جىلغا خۇددى گېئولوگىيە دەرسلىكىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگىنىگە 10 مىليون يىل بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېقىن سۇ چوڭ ئۈزۈك قاتلام سىزىغىنى بويلاپ پروتېروزۇي دەۋرىنىڭ كېينىس جىنىسلىرىغا قەدەر كېسىپ چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن بىر مىليارد 300 مىليون يىل بۇرۇنقى قەدىمقى تاغ جىنىسلىرى جىلغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېرىدە ئېچىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مىليارد 300 مىليون يىلدىن بۇيانقى ھەرقايسى گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردىكى تاغ جىنىس قاتلاملىرى يۇقۇرىغا قاراپ رەتلىك ئورۇنلاشقان بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەبئىي مەنزىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن 1908-يىلى پۈتۈن چوڭ جىلغا رايونىنى دۆلەتلىك باغچا قىلىپ ئاچتى. ھازىر ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىدىغان ساياھەتچىلەر 20 مىليوندىن ئاشىدۇ. (جاڭ شەنيۈي) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#