كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى

كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国执业医师法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى(1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي قائىدە 

1-ماددا بۇ قانۇن دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دوختۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن كەسپىي دوختۇرلۇق ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىپ ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا دوختۇرلۇق قىلىدىغان كەسپىي تېببىي خادىملارغا تەتبىقلىنىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دوختۇرلار كەسپىي دوختۇرلار ۋە كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

3-ماددا دوختۇرلار ياخشى كەسىپ ئەخلاقى ۋە داۋالاش كەسپى سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرىشى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتەك مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىشى لازىم. 

پۈتۈن جەمئىيەت دوختۇرلارنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم. دوختۇرلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە دوختۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دوختۇرلار خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

5-ماددا دۆلەت داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدە تۆھپە قوشقان دوختۇرلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

6-ماددا دوختۇرلارنىڭ تېببىي كەسىپ-تېخنىكا ئۇنۋانى ۋە تېببىي كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش، ئۇلارنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

7-ماددا دوختۇرلار قانۇن بويىچە دوختۇرلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرما ۋە ئۇنىڭغا قاتناشسا بولىدۇ. 

8-ماددا دۆلەت دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا ئايرىلىدۇ.

دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىر تۇتاش ئىمتىھان چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەشكىللەيدۇ. 

9-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرىنى ھازىرلىغانلار كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ:

(1) ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي كەسىپ بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا سىناپ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بىر يىلغا توشقانلار؛ 

(2) كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىگىنىگە ئىككى يىل توشقانلار؛ تېخنىكوملارنىڭ تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقانلار.

10-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ياكى تېخنىكوملارنىڭ تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا سىناپ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بىر يىلغا توشقانلار كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.

11-ماددا ئەنئەنىۋى تېبابەتنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگىنىگە ئۈچ يىل توشقان ياكى كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئالاھىدە تېببىي ماھارەت يېتىلدۈرگەنلەردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك كەسپىي تەشكىلاتى ياكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى سىنىغاندا لاياقەتلىك بولغان ھەمدە شۇلار كۆرسەتكەنلەر كەسپىي دوختۇرلۇق ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. 

ئىمتىھان مەزمۇنىنى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

12-ماددا دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. 

13-ماددا دۆلەت كەسپىي دوختۇرلارنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئۆزىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالى بارلاردىن باشقىلارنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە رويخەتكە ئېلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بېرىشى لازىم. 

داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئاپپاراتىدىكى دوختۇرلارنى كوللېكتىپ رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ. 

14-ماددا دوختۇرلار رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ ئورنى، تۈرى، دائىرىسى بويىچە داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ كەسىپ گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ دوختۇرلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

15-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بارلار رويخەتكە ئېلىنمايدۇ: 

(1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار؛ 

(2) جىنايى جازاغا تارتىلغانلاردىن جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە بولغان ۋاقتى ئىككى يىلغا توشمىغانلار؛

(3) دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلەردىن جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە بولغان ۋاقتى ئىككى يىلغا توشمىغانلار؛ 

(4) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋالى بارلار.

ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەي رويخەتكە ئالمىغانلارغا ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن باشقىچە پىكرى بارلىرى ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان دوختۇرلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇلار تۇرۇشلۇق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۇلارنى رويخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا 30 كۈن ئىچىدە مەلۇم قىلىشى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم:

(1) ئۆلگەنلەر ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلانغانلار؛ 

(2) جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛

(3) دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلەر؛

(4) بۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا سىناشتا يەنىلا لاياقەتلىك بولالمىغانلار؛ 

(5) دوختۇرلۇق پائالىيىتى ئىككى يىل توختاپ قالغانلار؛ 

(6) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋالى بارلار. 

رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ئالاقىدار تەرەپلەردىن باشقىچە پىكرى بارلىرى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

17-ماددا دوختۇرلاردىن رويخەتتىكى كەسىپ ئورنى، تۈرى، دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى، رويخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.

18-ماددا دوختۇرلۇق پائالىيىتى توختاپ قالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ھەم مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال تۈگىگەنلەردىن قايتىدىن دوختۇرلۇق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئاپپاراتنىڭ سىنىقىدىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەن بولۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتىدىن رويخەتكە ئېلىنىشى لازىم.

19-ماددا كەسپىي دوختۇرلاردىن يەككە دوختۇرلۇق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا بەش يىل ئىشلىگەن بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىشى شەرت؛ تەستىقلاتمىغانلارنىڭ دوختۇرلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يەككە دوختۇرلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دائىم نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بارلارنى ۋاقتىدا رويىخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئۇنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

3-باب كەسىپ قائىدىسى 

21-ماددا دوختۇرلار كەسىپ پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ: 

(1) رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ دائىرىسىدە تېببىي دىئاگنوز قويۇش، كېسەل تەكشۈرۈش، تېببىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىپ تېببىي ئىسپات بېرىش ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش لايىھىسىنى تاللاش؛

(2) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئۆز كەسىپ پائالىيىتىگە لايىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي شارائىتىغا ئېرىشىش؛ 

(3) تېببىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، كەسپىي ئىلىم تەشكىلاتىغا ئېرىشىش؛

(4) كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش، داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىش؛ 

(5) كەسىپ پائالىيىتىدە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىق.

(6) ئىش ھەققى ۋە ياردەم پۇلى ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ 

(7) ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپپاراتنىڭ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىش، ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپاراتنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش. 

22-ماددا دوختۇرلار كەسىپ پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ: 

(1) قانۇن، نىزاملارغا، تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىش؛ 

(2) كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى تىكلەپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، دوختۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش، بىمارلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش؛

(3) بىمارلارغا غەمخۇرلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، ھۆرمەت قىلىش، بىمارنىڭ سىرىنى ساقلاش؛ 

(4) كەسىپكە بېرىلىپ، بىلىمنى يېڭىلاپ، كەسىپ-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛

(5) ساقلىق ساقلاش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بىمارلارغا ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش. 

23-ماددا دوختۇرلار داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، مۇناسىۋەتلىك تېببىي ئىسپاتقا قول قويۇشتا ئۆزى دىئاگنوز قويۇشى، تەكشۈرۈشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە تېببىي ھۆججەتنى ۋاقتىدا يېزىشى شەرت. تېببىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرۇشقا، ياسىۋېلىشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.

دوختۇرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتسىز ياكى كەسىپ تۈرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېببىي ئىسپات بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

24-ماددا دوختۇرلار كېسىلى جىددىي-خەتەرلىك بىمارنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ داۋالىشى لازىم؛ جىددىي قۇتقۇزۇش-بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

25-ماددا دوختۇرلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان دورا، دېزىفېكسىيە دورىسى ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشى لازىم. 

ئورۇنلۇق دىئاگنوز، داۋالاش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناركو دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، نېرۋا دورىلىرى ۋە رادىئوئاكتىپ دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

26-ماددا دوختۇرلار بىمارغا ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كېسەل ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇشتۇرۇشى، لېكىن بىمارغا زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرمەسلىككە دىققەت قىلىشى لازىم. 

دوختۇرلار كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىپ داۋالاشنى دوختۇرخانىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم. 

27-ماددا دوختۇرلارنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، بىماردىن پۇل-مال سورىشىغا، قانۇنسىز ھالدا پۇل-مال ئېلىشىغا ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەت ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتى-ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دوختۇرلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.

29-ماددا دوختۇرلار داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالى سېزىلگەندە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپاراتقا ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش لازىم.

دوختۇرلار بىمارنىڭ زەخىملەندۈرۈلگەنلىكىنى ياكى نورمالسىز ئۆلگەنلىكىنى سەزگەندە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماققا دوكلات قىلىشى لازىم.

30-ماددا كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلار كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئۆز كەسىپ تۈرى بويىچە ئىشلىشى لازىم. 

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەيدىغان كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلار دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئادەتتىكى كەسىپ پائالىيىتى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللانسا بولىدۇ. 

4-باب سىناش ۋە تەربىيىلەش 

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ئاپپارات ياكى تەشكىلات دوختۇرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى دوختۇرلارنىڭ كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە قەرەللىك سىناپ تۇرۇشى لازىم. 

سىنىغۇچى ئاپپارات دوختۇرلارنى سىناش نەتىجىسىنى رويخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 

سىناشتا لاياقەتسىز بولغان دوختۇرلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش پائالىيىتىنى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە توختىتىپ تۇرۇشقا ھەمدە تەربىيىلىنىشكە ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. كەسىپ پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش مۇددىتى توشۇپ، قايتا سىناشتا لاياقەتلىك بولغانلار داۋاملىق ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ لاياقەتلىك بولالمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دوختۇرلارنى سىناش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەكشۈرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ.

33-ماددا دوختۇرلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ:

(1) كەسىپ پائالىيىتىدە تېببىي ئەخلاقى ئالىيجاناب، ئىش-پائالىيىتى گەۋدىلىك بولغانلار؛ 

(2) تېببىي كەسىپ-تېخنىكا جەھەتتە زور نەتىجە يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار؛ 

(3) تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتى-ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛ 

(4) چەت-ياقا، نامرات جايلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى شارائىتى جاپالىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر؛

(5) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-مەمۇرىي تارمىقى تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋال بارلار. 

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى دوختۇرلارنى تەربىيىلەش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تەربىيىلىشى، ئۇلارغا داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردا ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېببىي خادىملارنى تەربىيىلىشى لازىم. 

35-ماددا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە ۋە پىلان بويىچە ئۆز ئاپپاراتىدىكى دوختۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دوختۇرلارنى سىناش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى دوختۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. 

5-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

36-ماددا دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى ناتوغرا ۋاستە بىلەن ئېلىۋالغانلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

37-ماددا كەسىپ پائالىيىتىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان دوختۇرلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى كەسىپ پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) سەھىيە مەمۇرىي قائىدە-تۈزۈملىرىگە ياكى تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ 

(2) كېسىلى جىددىي-خەتەرلىك بىمارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كېچىكتۈرۈپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ 

(3) داۋالاش مەسئۇلىيەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛

(4) ئۆزى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويماي، تەكشۈرمەي، دىئاگنوز، داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەل ئىلىمىگە دائىر ياكى تۇغۇلغانلىق، ئۆلگەنلىككە دائىر ئىسپات-ھۆججەتلەرگە قول قويغانلار؛ 

(5) تېببىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر؛ 

(6) ئىشلىتىشى تەستىقلانمىغان دورا، ماتېرىياللارنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆيدۈرۋەتكەنلەر؛ 

(7) ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، نېرۋا دورىلىرى، ۋە رادىئوئاكتىپ دورىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلەر؛ 

(8) بىمار ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، بىمارنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىپ داۋالىغانلار؛ 

(9) بىمارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ 

(10) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، بىماردىن پۇل-مال سورىغان، قانۇنسىز ھالدا پۇل-مال ئالغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەت ئالغانلار؛ 

(11) تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتى-ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛ 

(12) داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى، بىمارنىڭ زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى ياكى نورمالسىز ئۆلگەنلىكىنى سەزگەندە، بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار. 

38-ماددا دوختۇرلادىن داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدە ھادىسە پەيدا قىلغانلىرى قانۇن بويىچە ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

39-ماددا تەستىقلاتماي، ئۆز مەيلىچە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغان ياكى دوختۇر ئەمەس تۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە دورا، سايمانلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 001 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دوختۇرنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىمارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

40-ماددا دوختۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە دوختۇرلۇق قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، دوختۇرلارغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان، تەھدىت سالغان، دوختۇرلارنى ئۇرغان ياكى دوختۇرلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان، نورمال ئىشلىشىگە، تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

41-ماددا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە شۇ ئاپپاراتنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

42-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارماقنىڭ خادىملىرى ياكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

6-باب قوشۇمچە قائىدە

43-ماددا مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تېببىي كەسىپ-تېخنىكا ئۇنۋانىغا ۋە تېببىي كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسىگە ئېرىشكەنلەر ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپارات ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بېكىتىشىگە يوللىغاندىن كېيىن مۇناسىپ دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېببىي خادىملارنى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپارات مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا كوللېكتىپ يوللايدۇ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى رويخەتكە ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. 

44-ماددا بۇ قانۇن پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇرلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. 

45-ماددا يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كەنت ئاھالىسىگە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ۋە ئادەتتىكى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان يېزا-كەنت دوختۇرلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشسە بولىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسپىي دوختۇرلۇق ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. 

46-ماددا ئارمىيىدىكى دوختۇرلارنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپ بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ. 

47-ماددا چېگرا سىرتىدىكىلەر جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش، دوختۇرلۇق قىلىش ياكى كلىنىكىدا ئۆگىتىش، كلىنىكىدا تەتقىق قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

48-ماددا بۇ قانۇن 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#