ھەشقىپىچەك

ھەشقىپىچەك

ھەشقىپىچەك يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق يۆگىمەچلىشىپ ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان قىرلىق، قارا ياكى ئاق رەڭلىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ. پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ھەشقىپىچەك
پارسچە نامى Pharbitis nil (Linn.) Choisy
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 牵牛子
شەكلى كانايسىمان
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىھەشقىپىچەك يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق يۆگىمەچلىشىپ ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈكنى ئاق ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ يۈرەكسىمان، ئالدىنقى تەرىپى قىسقا ئۇچلانغان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئومۇم گۈل سېپى قولتۇقىدىن ئۆسكەن، گۈل سېپىنىڭ ئۇچىدا بىردىن بەشكىچە گۈل ئۆسىدۇ، گۈل تاجىسى كانايسىمان بولۇپ، رەڭگى ئادەتتە كۆكۈش سۆسۈن ھال ۋە ئاق رەڭدە بولىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان قىرلىق، قارا ياكى ئاق رەڭلىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندىن كېيىن ئۇرۇقى ۋە چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ئۇرۇقى ۋە چۆپىنى ئايرىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ھالەتتە ياكى ئازراق قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈنگەي يەرلەردە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

سۇيۇقلۇقنى ھەيدەپ، ئىششىق قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

سەككىز گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 15 گرام پاقىيوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر قېتىشىشتىن بولغان قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 140 گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 35 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش سەۋەبىدىن قورساققا سۇ يىغىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى سوقا چىلان ۋە قارا شېكەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر قېتىشىش سەۋەبىدىن قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، زەنجىۋىل سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 12 گرام شاپتۇل مېغىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام قورۇلغان ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 20 گرام خام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى ۋە 70 گرام ئۇرۇقلىغان تۇرۇپ بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەزىم ناچارلىق، قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 12 گرام كەۋرەك، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا، 15 گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە يۈز، كۆز ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى 35 گرام زەمچە بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، ئازراق ئۇن قوشۇپ تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن توقاچ ياساپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئالىقىنىغا تېڭىپ بەرسە، قىزىلغا ئۆپكە ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئېرىسا ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ قۇلاققا تېمىتسا ياكى پاختىنى چىلاپ قۇلاق ئىچىنى ياغلاپ بەرسە، قۇلاق كىرىنى چىقىرىپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

ھەشقىپىچەكنىڭ ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە جىگەر توسالغۇلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تەپتىن بولغان قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەك سۈيىنى خىيار شەنبەر سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىش، ئۈچەي ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ گۈلىدىن توققۇز گرام ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى يىرىڭلىق چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ تال ساھەسىگە چېپىپ بەرسە، تال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەشقىپىچەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ياكى يۇمشاق ئېزىپ لاتىغا ئوراپ، پەرجىگە قويۇپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھەشقىپىچەكنى كۆيدۈرۈپ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن پەرىجىگە دۇت بەرسە، ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ يوپۇرمىقى ياكى غولىنى يۇمشاق ئېزىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ھەمەل قىلىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ. ھەشقىپىچەكنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بۇغۇملارنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەشقىپىچەكنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ياغ بىلەن پىشۇرۇپ ئەزالارغا چېپىپ بەرسە، ئىششىقلارنى تارقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ھەشقىپىچەك يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى موم يېغى بىلەن قوشۇپ چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. قارا ھەشقىپىچەك يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قارا ھەشقىپىچەكنىڭ ئوسارىسىنى باشقا سۈركەپ بەرسە، چاچنى قارايتىدۇ. قارا ھەشقىپىچەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، بەدەندىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، پىتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. قارا ھەشقىپىچەكنى ئېزىپ شاراب بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۆمۈچۈك چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#