بايىنبۇلاق
بايىنبۇلاق تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغ قاپلاپ تۇرىدىغان تەڭرىتېغىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك چوڭ ئويمانلىق .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بايىنبۇلاق تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغ قاپلاپ تۇرىدىغان ئويمانلىق بولۇپ، ئويمانلىقنىڭ كۆلىمى 100 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ يەر شەكلى تۈز بولۇپ، كۆپلىگەن ئېقىننىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن قايدۇ دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. بايىنبۇلاق ئويمانلىقى تەڭرىتېغىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك چوڭ ئويمانلىق بولۇپ، ئېلىمىزدىكى 2 – چوڭ ئېگىز تاغ يايلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا تىپىك ئېگىز تاغ يايلىقى ۋە نەم يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاق قۇ قوغداش رايونىدۇر. يىلدا بۇ يەردە 7000 دىن ئارتۇق ئاق قۇ يازلايدۇ ۋە كۆپىيىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.