غايىپ بولغان 10 چوڭ مەدەنىيەت

غايىپ بولغان 10 چوڭ مەدەنىيەت

دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخىئولوگ ۋە تارىخچىلار نۇرغۇن قان-تەرلىرىنى سەرپ قىلغانلىق ئەمما يەنىلا نۇرغۇن سىرلارنىڭ تېخىچە ئېچىلمىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىق ۋە كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى، ئىنسانىيەت تەرەققىيات جەريانى قايتا- قايتا قۇرۇش ۋە يوقىلىش مۇساپىلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، قەدىمقى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى چۈشەندۈرشكە ئامالسىز قېلىنغانلىقى توغىرسىدىكى مەزمۇنلار خەۋەر قىلىنغان. تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا ئاخبىرات ۋاستىلىرى تىزىپ چىققان قەدىمقى زاماندىكى ئون چوڭ سىر.

ياپونىيە دېڭىز ئاستىدىكى خارابىيلىقى 

ياپونىيە ئوكىناۋانىڭ جەنۇبىدىكى 20 ~ 100 فوت چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدا بىر قەدىمقى قۇرۇلۇش خارابىيلىقى بار. بۇ قۇرۇلۇشلار بەلكىم نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ياسالغان بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملار ئۇنى «يوقالغان مەدەنىيەت» دەپ ئاتىغان. بەزى گۇمان قىلغۇچىلار بۇ قۇرۇلۇشلار بەلكىم تەبىئى شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. فىرانىك. يوسىف «لەيلەپ چىققان ئاتلانتىس» دىگەن ماقالسىدە : «ئىككىنچى يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا بىر غەۋۋاس ئوكىناۋا دېڭىز ئاستىدا نۇرغۇن تاش ئىشىكلەر ۋە ئۆتۈشمە تونىللارنى كۆردى، بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشتىكى تاش ئويمىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا قارىغاندا ئىنكا مەدەنىيتى خارابىيلىقىدىكى قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاپ كېتەتتى» دەپ يازغان.

بۇ بەلكىم قەدىمقى دەۋىردىكى بىر قۇرۇلۇش بۇلىشى مۇمكىن بولۇپ، بەزى قۇرلۇشلار كىرسىت شەكىللىك يول، چوڭ تىپتىكى نەزىر چىراق سۇپىسى، چوڭ مەيدانغا تۇتاشقان پەلەمپەيلەر شۇنداقلا ماياك شەكىللىك مۇنارلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئارخىئولوگلار ئەگەر ئۇ چۆكۈپ كەتكەن شەھەر بولسا ئۇنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ.

كۇبادىكى چۆكۈپ كەتكەن شەھەر

2001-يىلى 5-ئايدا ،بىر يۇقىرى دەرىجىدىكى سېفىرلىق ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى (ADCC) بىر تەكشۈرۈش گۈرۇپپىسىنى باشلاپ كۇبا دېڭىز رايونى ۋە دېڭىز ئاستىنىڭ يەر شەكلىنى سىزماقچى بولغان. دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە تەتقىقاتچىلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرنەرسىنى بايقىدى. تەخمىنەن 2200 فوت دېڭىز ئاستىدا تاش شەكىللىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قۇرۇلۇشسىمان دۆۋىلەرنى بايقىغان. بۇلار قارىماققا شەھەر خارابىيلىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى Paul Weinzweig : «تەبىئەت ھەرگىزمۇ بۇنداق تەكشى ،رەتلىك بولغان قۇرۇلۇشسىمان شەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تەبىئى شەكىللەنگەن ئەمەس، بىراق بىز بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدۇق» دىگەن.

ئەجىبا بۇ چۆكۈپ كەتكەن قەدىمقى شەھەر خاربىيلىقىمىدۇ؟ ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە قانىلى بۇنىڭغا قىززىقىپ قالدى، ھەمدە كەينىدىكى تەتقىقاتلارغا قاتناشتى. 2003-يىلى بىر كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى بۇ دېڭىز ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يوقىرى دەرىجىلىك رەقەملىك ئۇچۇر ئورنىدىكى Paulina Zelitsky نىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ دېڭىز ئاستىدىكى سىرلىق خارابىيلىق قارىماققا بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمقى زامان شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزى بولىشى مۇمكىنلىكىنى ، بىراق بۇنىڭغا ئائىت ئىسپاتلار تېپىلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى ھەققىدىكى سىر

داڭلىق دېڭىزچى كىرىستوپىر. كولۇمبو ئۆزىنى ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغان بىرىنچى كىشى دەپ قارايدۇ. بىراق ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقان بىرىنچى ئادەم بولىشى ناتايىن. كولۇمبودىن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەر ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان ھەمدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.كولۇمبۇ بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ياشىغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بەزى پاكتىلار باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئامېرىكا ۋە مېكسىكا چىگراسىدا نۇرغۇن قەدىمقى يۇنان ۋە رىمنىڭ تەڭگىلىرى ۋە ساپال بۇيۇملىرى بايقالدى. ئامىرىكدىكى چوڭ جىلغىدا يەنە نۇرغۇن قەدىمقى مىسىرنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بايقالدى. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى كولۇمبونىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا چىقىشىدىن بۇرۇن ئىكەن. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدا ئىبرايلارنىڭ ۋە قەدىمقى ئاسىيالىقلار ياسىغان قاچىلار بايقالغان. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك رىۋايەتلەردە يىراق قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارمۇ بار. بۇ ھېكايىلەر بەلكىم ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلار بولىشى مۇمكىن. ئارخىئولۇگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى بىز قەدىمقى زامان دېڭىزچىلىقىغا ئائىت قانچىلىك نەرسە بىلىمىز دىگەن سۇئالدىن ئىبارەت.

لېمۇرىيە (مۇ قىتئەسى) نىڭ سىرى 

رىۋايەتلەردىكى لېمۇرىيە (Lemuria) مەدەنىيىتى ئاتلانتىس مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. تېنچ ئوكياندىكى بەى ئاراللاردىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، لېمورىيە مەدىنىيىتى تېنچ ئوكياندىكى «جەننەت» كە ئوخشاش ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ، ئارالدا نۇرغۇن ھايۋانلار ياشايدىكەن . نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يېشىلمىغان سىرلارنى ئېلىپ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەنىكەن. ئالىملارنىڭ لېمورىيە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلىرى ئاتلانتىس ھەققىدىكى تالاش -تارتىشقا ئوخشاش تېخىچە توختىغىنى يوق.

ئامېرىكا چوڭ جىلغىسىدىكى قەدىمقى مىسىر خەزىنىسى

1909-يىلى 4-ئاينىڭ 55-كۈنى، ئامېرىكا «ئارىزونا ھۆكۈمەت گېزىتى» دە «ئامېرىكا چوڭ جىلغىسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئىشەنگۈسىز بايقاش : قەدىمقى زاماندىكى چوڭ جىلغىلىقلار يىراق شەرقتىكى مىسىردىن كەلگەنمۇ» دىگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە بۇ قېتىمقى بايقاشنى شىمىس جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتى قوللىغان بولۇپ، ئامېرىكا چوڭ جىلغىسىدا زور مىقداردىكى قەدىمقى مىسرنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى تاپقان. بۇ ماقالىدە يەنە تەسۋىرى يېزىقلار، مىستىن ياسالغان قوراللار ۋە بۇيۇملار، مىسر ئايال ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى ۋە مومىيالارنىڭ بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بايقاش گەرچە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلدى. كىشىلەر بۇ تەتقىقاتنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ دەپ ھېساپلىدى. چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن قەدىمقى مىسىر غەزىنىسىگە ئائىت نەرسىلەر بايقالمىغان، ئىلگىرىكى جىلغىدىكى ئۆڭكۈرلەرنى تەكشۈرۈشتە تەكشۈرگۈچىلەر قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن.

ئېكىسپىدىتسىيەچى David Hatcher Childress نىڭ ئېيتىشىچە «بۇ بىر ئويۇن بولىشى مۇمكىن، بىز بۇنى ئاخبىرات ۋاستىلىرى ئويناپ چىققان، ئىنچىكە پىلانلانغان بىر مەيدان ئويۇن دەپ ئېيتالمايمىز. لېكىن بۇ ماقالىدە شىمىس جەمەتى ئىلمى جەمىيىتدەك تەسىر كۈچكە ئىگە ئورۇننىڭ ياردىمى بولغان، بىراق نەچچە بەتلىك بايقاش جەريانى سۆزلەنگەن مەزمۇنغا قارىغاندا، بۇنى ھەرگىزمۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان دىگىلى بولمايدۇ» دىگەنىدى. بۇ بايقاشنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ خارابىيلىق كونتىرول قىلىندىغان رايونلار قاتارىدا ئىكەنلىكى،بۇيۇملارنىڭمۇ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.

ئامېرىكا ئەرۋاھ ئۆڭكۈرىدىكى مومىيا

1940-يىلى ئارخىئولوگ ئەر-خوتۇن Georgia Wheeler لار ئامېرىكا نېۋادا شىتاتى فاللون رايونىدىن شەرىققە 13 مىل كېلىدىغان يەردە بىر «ئەرۋاھ ئۆڭكۈرى» دە ئىككى سىرلىق مومىيانى بايقىغان، بۇ ئىككى مومىيانىڭ بورا بىلەن يۆگەلگەن، بىرسى چوڭقۇرراق كۆمۈلگەن، يەنە بىرى تېيىزراق كۆمۈلگەن، جەسەتنىڭ باش ۋە مۈرە قسىملىرىدا قورۇلۇش ئالامەتلىرى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇلار يەرلىك كىشلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆڭكۈردىن 67 پارچە قەدىمقى زاماننىڭ قاچىسىنى قېزىۋالغان. بۇ قاچىلارنى نېۋادا شىتاتلىق مۇزىيدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنى 1500-2000 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ بېكىتكەن. 54 يىلدىن كېيىن 1994-يىلى كالىفورنىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى ئىنسانشۇناس Erv Taylor ماسسا سېپىكتىرىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ تارىخىنى 9400 يىل بۇرۇنقى دەۋرىگە سۈرگەن. بۇنىڭ تارىخى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا قىتئەسىدە بايقالغان ھەرقانداق مومىيادىن ئۇزۇن . تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى مومىيادا كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بولغانلىقى، ئالاھىدىلكى ياپونىيەدىكى ئاينۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق ئالىملار ھازىرغىچە نوپۇزلۇق پاكىتلارغا ئېرىشەلمىدى.

چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان مايا بىشارىتى

قەدىمقى مايالارنىڭ ئالدىن بەرگەن بىشارەتلىرى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ بىشارەتلەرگە ئىشىنىدۇ، ھەمدە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بالا -قازادىن قورقۇش ھېس قىلىدۇ. مايالارنىڭ بىشارىتىدە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىر زامان بولىدۇ دىيىلگەن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دۇنياۋى خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشمۇ ياكى ئۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئاخىرقى زامانمۇ؟ يېڭى ئېرانىڭ باشلىنىشى ياكى ئىنسانلار يېڭى دەۋرىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟ بۇ بىشارەت تېخى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز پەقەت بۇنى كۈتۈش. بەلكىم 2012-يىلىدىكى روژىستوۋا بايرىمىدۇ. كىشىلەر ئالدىنئالا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ ، «ئاخىرقى زامان» غا تەييارلىق قىلىش كېرەكتۇ بەلكىم.

ئاتلانتىسنىڭ ئورنى

ھازىر ئاتلانتىسنىڭ جايلاشقان ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار بار.گېرىك پەيلاسوپى پىلاتوننىڭ تەسۋىرلىشدا ئاتلانتىس ناھايىتى گۈزەل، تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بىر ئارال بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 370-يىلغىچە سۈرۈستۈرۈشكە بولىدۇ. پىلاتوننىڭ ئاتلانتىسنىڭ كونكىرىت ئورنى توغىرسىدىكى بايانىمۇ ئېنىق ئەمەس. نۇرغۇن كىشلەر ئاتلانتىس مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ.بىراق ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار يەر شارى خاراكتىلىق ئىزدەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. Edgar Cayce نىڭ داڭلىق بىر بايانىدا ئاتلانتىس بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدا (ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللار) دەپ ئۆتكەن. 1969-يىلى گىئومېتىرىك تاش قۇرۇلۇشلارنىڭ بىمىنى ئارىلىدا بايقىلىشى، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىللەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتلانتىسنىڭ ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، ئانتىراكتىكىدا، مېكسىكىدا، ئەنگلىيە دېڭىز بويلىرىدا شۇنداقلا كۇبا دېڭىز بويلىرىدا دىگەندەك.

ناسكادىكى چوڭ شەكىللەر

داڭلىق ناسكا چوڭ شەكىللىرى پىرونىڭ لىما دىگەن يېرىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقتا. بۇنىڭ ئىچدە ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 37 مىل، كەڭلىكى 1مىل كېلىدۇ. بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بايقالغان بۇ غەلىتە غايەت زور شەكىللەرگە ھازىرغىچە ئالىملار تەبىر بېرەلمىدى ، بۇ شەكىللەرنىڭ بەزىلىرى بىر بىرى بىلەن پاراللىل. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئاسماندىن قارىغاندا بۇ شەكىللەر ئۇچۇش يولىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. Erich von Daniken ئۆزىنىڭ «تەڭرىنىڭ ھارۋىسى» ناملىق كىتابىدا بۇ شەكىللەرنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئۇچار كېمىسنىڭ ئۇچۇش يولى دەپ ھېساپلىغان. 

بۇنىڭدىن باشقا مايمۇن، ئۆمۈچۈك، ھەرە قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىرىمۇ بار. كىشىلەرنىڭ چۈشەنمەيدىغىنى بۇ غايەت زور شەكىللەرنىڭ قانداق رولى بولغانلىقى. بۇ شەكىللەرنى پەقەت ئاسماندىن قارىغاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئاستىرونومىيە بىلەن مۇناسىۋتلىك دەپ قارىدى، يەنە بەزىلەر بۇنى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. ھازىر بەزىلەر بۇنى سۇ مەنبەسىنى كۆرسىتىدىغان شەكىل دەپ قارىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ قاراشلارنىڭ ھەقىقى ئاساسىي يوق. بۇ ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

ئەلئېھرام ۋە سىفىنكىسنىڭ يېشى

نۇرغۇن تارىخچىلار جىسا ئەلئېھرامى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى «سىفىنكىس» ھەيكىلىنى 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىشىدۇ. بەزىلەر بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى يېشى ئەمەس دەپ ھېساپلايدۇ. ئاستىرونومىيە تەتقىقاتىغا ماھىر بىلگىيەلىك ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى Robert Bauval روبېرىت شىر تەنلىك ئادەمنىڭ قاچان ياسالغانلىقى قەدىمقى مىسىر پۈتۈكلىرىدە بايان قىلىنمىغان دەپ قارايدۇ.

شىر تەنلىك ئادەم قايسى چاغدا ياسالغان؟ John Anthony West بولسا ھەيكەلنىڭ ئاستى قىسىمدىكى ئۇپراش ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ ئۇزۇن مەزگىل يامغۇر-يېشىنلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ قۇملۇقتا ئۇزۇن مۇددەت يامغۇرلۇق ھاۋارايى بولمايدۇ، بىراق بۇنىڭدىن 10500 يىللار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ھاۋارايىدابۇنداق ھۆل-يېغىن بولغان. بۇنداق بولغاندا بۇ سىفىنكس ھەيكىلىنىڭ تارىخىنى 10500 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ، قەدىمقى مىسىر مەدەنىيىتىدىن بۇرۇن بولغان. شۇنداق بولغاندا يېڭى مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: شۇ چاغدىكى شارائىت ئاستىدا كىم شۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشنى ياساپ چىقالايدۇ؟

مىسرلىق تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ شىر تەنلىك ئادەمنىڭ پۈتكۈل سىرتقى قسىمىنىڭ ئۇپرىشى شامالنىڭ ئۇپرىتىشىدىن بولغان دەپ قارايدۇ. شۇ چاغدىكى مىسىرلىقلار بۇ تاشنىڭ شەكلىنىڭ مۇشۇككە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنى شۇنداق شەكىلدە ياسىغان بۇلىشى مۇمكىن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#