باس ئىسكىرىپكا

باس ئىسكىرىپكا

باس ئىسكىرىپكا ئوركېستىردا كەم بولسا بولمايدىغان ئىككىلەمچى ئوتتۇرا ئاۋازلىق ياكى تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ.

ئۇيغۇرچە نامى باس ئىسكىرىپكا
خەنزۇچە نامى 大提琴

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باس ئىسكىرىپكاباس ئىسكىرىپكا — تىك تارلىق، تۆت قۇلاقلىق، تۆت تارلىق، يەرگە تىرەپ چېلىنىدىغان خەلقئارالىق چالغۇ بولۇپ، ئۇنى چالغۇچى ئوڭ قولدا كامالچە، سول قولدا پەدە بېسىپ ئورۇندۇقتا يېرىم ئولتۇرۇپ، يەرگە تىرەپ، مۇزىكىنىڭ قائىدىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ چالىدۇ. كامالچىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە، بىلەكنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرى ماسلىشىدۇ، سول قولدا تارىنى بېسىپ، ئوڭ قولدا كامالچە ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، ئوڭ قولدىكى كامالچە ھەرىكىتى سول قولنىڭ ھەرىكىتىدىن مۇرەككەپ بولىدۇ. چۈنكى، ئوڭ قول سول قولغا ئوخشاش تارا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، كامالچىنى توغرا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بارماقلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش ھەم كامالچىنى مۇقىم تۇتۇش كېرەك. باس ئىسكىرىپكا چوڭ – كىچىك ئوركېستىرلاردا كەم بولسا بولمايدۇ، جۈملىدىن مىللىي ئوركېستىرلاردا ئورۇنلىنىدىغان ناخشا– مۇزىكىلارنىڭ بەزى يېقىمسىز تەرەپلىرىنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىن ئوراش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ يېقىملىق، مۇڭلۇق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. باس ئىسكىرىپكىنى خەلقئارا ئوركېستىردىمۇ، مىللىي ئوركېستىردىمۇ تەڭكەش قىلغىلى، ھەر مىللەتنىڭ ئاھاڭلىرىغا بىمالال چالغىلى ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس مۇڭ، ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ.

باس ئىسكىرىپكاباس ئىسكىرىپكا ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى، يەنى قايغۇ–ھەسرەت، شادلىقلىرىنى ئىپادىلەش رولىغا ئىگە. مەسىلەن: ئۇنىڭ 1–، 2–ئىسترونلىرىدىن چىققان ئاۋاز لىرىك بولۇپ، كىشىلەرگە شادلىق بېغىشلىسا، 3–، 4–ئىسترونلىرىدىن چىققان ئاۋاز مۇڭلۇق ھەم قايغۇلۇق بولۇپ، كىشىلەرگە ئېچىنىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

باس ئىسكىرىپكىنى ئۆگىنىشكە بەلگىلىك بەدەن ساپاسى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك، يەنى بەدىنى ئورۇق، بويى ئېگىزرەك، قول بارماقلىرى ئۇزۇنراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۈن كېلىدىغان ھەۋەسكارلار بۇ چالغۇنى ئۆگىنىشكە باپ كېلىدۇ ۋە بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىدۇ. باش ئىسكىرىپكا چاڭ، غىجەك، تەمبۇر، راۋاپ، نەي، داپ، سوناي قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مىللىي ئوركېستىرلاردا قۇلاققا قاتتىق ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلارنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىن ئوراش، ئۈستىدىن بىر قەۋەت يېپىش ئارقىلىق ئاھاڭنى يېقىملىق قىلىپ، كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىيالايدۇ. مىللىي مۇزىكىلاردىكى قىسمەن ئاجىز نۇقتىلارنى تولۇقلايدۇ، ئاھاڭلارنى قېلىپلاشتۇرىدۇ ھەم سالماقلاشتۇرىدۇ. ھازىر ئىلى رايونىدىكى تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە، دۇتار، تەمبۇر، غىجەك قاتارلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار كۆپرەك تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدۇ. بۇ مۇزىكىلار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا–مۇزىكىلاردا بەزىدە نىسبەتەن قاتتىق، چىرقىراق ئاۋازلار چىقىپ ئاڭلىغۇچىلارغا يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇزىكىلارغا باس ئىسكىرىپكىغا قوشۇلۇپ ئوركېستىرلاشتۇرۇپ چېلىنسا، يېقىملىق مېلودىيە ھاسىل بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2013-03/25/c_132260684.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#