نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى

1944-يىلى، دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتى ئىدى. 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ سانسىزلىغان پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرى توساتتىنلا ئىنگىلىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى نورماندى دېڭىز بويىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، بىر كۈندىلا ساھىلىدىكى بەش پوزىتسىيىنى ئالدى. نەتىجىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ 150 مىڭ ئەسكىرى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئاخىرىدا فاشىست گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

نامى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى
باشقا ئاتىلىشى Normandy landing
ۋاقتى 1944-يىلى 6-ئاي
خەنزۇچە نامى 诺曼底登陆战
باش قوماندان دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر (德怀特·戴维·艾森豪威尔)
ئورنى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نورماندى
نەتىجىسى ئىتتىپاقداش ئارمىيە غەلىبە قىلىپ، ياۋروپا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى مۇۋەپپىقىيەت قازاندى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى1944-يىل6-ئاينىڭ5-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە فاشىستىك گېرمانىيە كونتروللۇقىدىكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر فلوت تەشكىللىدى، بۇ فلوت ئىرىلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن يولغا چىقىپ، ئېنگلس بوغۇزىدىن ئۆتۈپ دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان فرانسىيىنىڭ نورماندىيە رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇشنى باشلىدى. باش قوماندان دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر (德怀特·戴维·艾森豪威尔)

ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئەركىن فىرانسىيە، بولان، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ناتسىست گېرمانىيىسى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيە 2876000 ئادەم. (7-ئاينىڭ 25-كۇنى)، گېرمانىيە ئارمىيىسى 380000 ئادەم (7-ئاينىڭ 23-كۇنى)

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىبۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرگەنىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرەپ ئەنگلىيىدە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسىدىن2 مىليون870 مىڭ ئادەم، 13 مىڭ ئايروپىلان، 6000 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت، 800 زەمبىرەك ۋە450 مىڭ ماشىنا توپلىدى. گىتلېر ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1942-يىلى9-ئايدىلا شىمالدا نود تۇمشۇقىدىن باشلاپ جەنۇبتا ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز بويىغىچە «ئاتلانتىك ئوكيان قورغىنى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇداپىئە لىنىيىسى قۇردى. بۇ «قورغان» نىڭ ئۇزۇنلۇقى2500 مىل كېلىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈش چارىسىنىلا قوللىنىشقا بولاتتى، شۇڭا، كۆپلىگەن جايلاردا ئۇزۇنلۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقى يۈرۈشلەشمىگەن دالا ئۇرۇشى ئاكوپلىرىلا بار ئىدى. گىتلېر دەسلەپتە ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىنى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان جاي قىلىپ تاللايدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر پەيدا قىلغان ھەر خىل ساختا كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئاخىر ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئېنگلس بوغۇزىدىكى ئەڭ تار بولغان گالې پورتىنى نۇقتىلىق مۇداپىئە رايونى قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بۇ يەرنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلدى.

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىئېنگلس بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گالې ئەتراپى قۇرۇقلۇققا چىقىشتا ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئىدى. بۇ يەر ئىككى قىرغاق ئارىلىقى ئەڭ تار جاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر قاتار ياخشى پورتلار بار ئىدى. ئەمما قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ھەربىي جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، قۇرۇقلۇققا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسكىرىي كۈچ ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن، دۈشمەن تەرەپنىڭ كۆپلەپ ئەسكەر تۇرغۇزغان رايونىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىنتايىن تەسكە توختايتتى. شۇڭا، قۇرۇقلۇققا چىقىپ قىلىدىغان جەڭدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تولاراق دۈشمەننىڭ دىققەت-ئېتىبارى قوزغالماسلىققا باغلىق ئىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىنى قۇرۇقلۇققا چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر قاتار قايمۇقتۇرۇش پىلانلىرىنى يولغا قويدى. ئۇلار بىر ساختا قىسىمنى تەشكىللەپ، ئۇنى كېنت ئەتراپىغا جايلاشتۇردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق گېنېرالى باتوننى كېنتقا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنتتىن كۆپلەپ خەۋەر بېرىپ، ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق شتابىنى كېنتقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، دەيدىغان ساختا كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق قايمۇقتۇرۇش پىلانى نەتىجىسىدە، گىتلېر ئاساسىي كۈچى بولغان23 دېۋىزىيىنى فلاندر دېڭىز بويىغا جايلاشتۇردى ھەمدە ئۇ يەردە مۇستەھكەم مۇداپىئە ئاكوبى ياسىدى، ھەتتا ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىنكى يەتتە ھەپتە ئىچىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى بۇ يەنىلا ساختا ھۇجۇم دەپ قارىغانلىقتىن، ئەسكىرىي كۈچىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كېلەلمىدى. 

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىئامرىكىدا 29000 ئادەم قۇربان بولغان، 101600 ئادەم يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن.

ئەنگىلىيەدە 11000 ئادەم قۇربان بولغان، 54000 ئادەم يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن.

كانادادا 5000 ئادەم قۇربان بولغان، 13000 ئادەم يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن.

فىرانسىيەدە 12200 پۇقرا قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.

گىرمانىيەدە 23019 ئادەم قۇربان بولغان، 67060 ئادەم يارلانغان، 198616 ئادەم يوقاپ كەتتى ياكى ئەسىرگە ئېلىنغان.

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇۋەپىقىيەتلىك بولدى؟ ئەمەلىيەتتە، بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا ئىتتىپاقداش ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ دىققەت-نەزەرىنى نورماندىدىن بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، فرانسىيىنىڭ گالاي رايونىغا قارىتىلغان بومباردىماننى قەستەن كۈچەيتكەن، شۇنداقلا گالايغا ئەڭ يېقىن جايدىكى ئەنگىلىيە پورتىدا نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە پاراخوتلارنى تەييارلاپ قويغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە گالايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ، دېگەنگە ھەقىقىي ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىئىتتىپاقداش ئارمىيە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى. 6-ئاينىڭ بېشىدا ئىنگىلىز بوغۇزىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دېڭىز دولقۇنى كۈچلۈك بولغاننىڭ ئۈستىگە شىددەتلىك بوران-چاپقۇن بولاتتى، شۇڭا گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇنداق چاغدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ قۇرۇقلۇققا چىقمايدۇ، دەپ قارايتتى. بىراق ئىتتىپاقداقش ئارمىيىنىڭ ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھاۋا ۋاقىتلىق ياخشىلىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. دەل مۇشۇ «ئارىلىق» تىكى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەخمىنەن 6000 پاراخوت ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلاننى توپلاپ، نورماندىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش تارىخىدىكى بۇ بىر مەيدان ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە يەنە بىر قىسىم ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى قەستەن گالاي تەرەپكە ئەۋەتىپ ساختا ھۇجۇم قوزغىدى، شۇڭا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تاكى نورماندىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولغۇچە، گېتلېر بۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى.

نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى1944-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئېنگلس بوغۇزىدا شىددەتلىك بوران چىقىپ يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاۋا رايى تارماقلىرى ئەتىسى بۇ بوران-يامغۇرنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى دەرھال كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ، ئەسلىدىكى ۋاقىت بويىچە قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ فلوتى دەھشەتلىك بوران-يامغۇرغا قارىماي يولغا چىقتى. 6-كۈنى تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بوران-يامغۇر ئاجىزلاشتى، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملار نورماندىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا پەيدا بولدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ مۇشۇنداق كىلىماتتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشىنى زادىلا مۆلچەرلىمىگەنىدى. 7-ئاينىڭ25-كۈنى قۇرۇقلۇققا چىققان ساھىل بېشى بازىسى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، قۇرۇقلۇققا چىققان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى1 مىليون450 مىڭغا يەتتى. بۇ ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتىدۇر. 8-ئاينىڭ15-كۈنى ئامېرىكا-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى يەنە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە جەنۇبىي ۋە شىمالىي يولغا بۆلۈنۈپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا قىستاپ ھۇجۇم قىلدى. 8-ئاينىڭ25-كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژنى ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نورماندىيە ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.[0]

  • Normandy landing

  • Normandy landing

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#