چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لېشەن ناھىيىسىدىكى مىلې بۇتى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇت ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۇتنىڭ ئېگىزلىكى 71 مېتىر بولۇپ، شاڭخەيدىكى خەلقئارا مېھمانخانىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. تازا قاۋۇل يىگىتمۇ ئۇنىڭ پۇتىنىڭ بارمىقىچىلىك كەلمەيدۇ. پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە 20 ئاپتۇبۇس سىغىدۇ. بىر بارمىقىنىڭ تىرنىقى چوڭ يۇمۇلاق ئۈستەلنىڭ يۈزىچىلىك كېلىدۇ. ئالدىنقى يىللىرى ئۇنىڭ ئازراق پۇچۇلغان بىر بارمىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 5000 دانە خىش ئىشلىتىلگەن، يۇڭگاڭ، لۇڭمىن، دونخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق بۇتلار لېشەندىكى چوڭ بۇتنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە بىر نەرسە بولۇ قالىدۇ. 

خاتىرلەرگە قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى كەييۈەن يىللىرىنىڭ باشلىرىدا لىڭيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى خەي تۇڭ لىڭيۈەنشەن تېغىنىڭ ئۈچ دەريا قوشۇلغان يېرىدە دەريا سۈيىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئېقىپ كېمىلەرنى ئاغدۇرۇپ، ئادەملەرنى غەرق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىلەرنى خۇدانىڭ ئۆز پاناھىدا ساقىلىشى ئۈچۈن، لىڭيۈنشەن تېغىنىڭ ئالدىغا مېلى بۇتىنى ياسىتىشنى بەل باغلايدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ «ئۇلۇغ ئارزۇسى ئەمەلگەئاشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. » جېنيۈەن يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ۋېيگاۋ غەربىي سىچۈەندە ھەربىي ۋالى بولغاندا بۇ بۇتنى پۈتۈن قۇرۇلۇشى تاڭ شۈەنزاڭ ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۈچ سۇلالىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىلگىرى-ئاخىر 90 يىل داۋام قىلىدۇ. 

بۇ زور بۇت پۈتۈن-پۈتۈن تاغ جىنىسلىرىدىن ياسالغان بولۇپ، چىرايىدىن تەمكىنلىك زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ. ئىككى قولى تىزىغا چۈشۈرۈلگەن، يالاڭئاياغ، دۈمبىسى تاغقا يۈلەنگەن بولۇپ، تاغ بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نىسپىتى ماسلاشقان بولۇپ، مەيلى يۇقۇرىدىن، ئوتتۇرىدىن تۆۋەندىن قارىغاندا بولسۇن، ياكى ئوڭدىن سولدىن قارىغان بولسۇن، ئىنتايىن ماسلاشقان. ئۈستىنىڭ يامغۇردىن ئۇيۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئۇستلىق بىلەن سۇ چىقىرىش سېستىمىلىرى ئويۇلغان بولۇپ، بۇنى ئاسانلىقچە پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. بۇتنىڭ سول تەرىپىدىكى تىك يارغا ئەگرى-بۈگرى ئاسما يول ياسالغان. ساياھەتچىلەر لىڭيۈنشەننىڭ چوققىسىدىكى بۇتنىڭ بېشىدىن ئاسمايول ئارقىلىق بۇتنىڭ ئاستىغا چۈشەلەيدۇ. 

بۇت ياسالغاندىن كېيىن، يەنە 13 قەۋەتلىك(بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە يەتتە قەۋەتلىك) بۇت راۋىقى سېلىنغان. بۇ راۋاق سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەڭرى راۋىقى دەپ ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا لەشكەرلەر ئوت قويۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. ھازىر بۇ بۇتنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاش تامدا ئەينى زاماندا راۋاقنىڭ جازىلىرى قويۇلغان تۆشۈكلەر ساقلانماقتا. (جۇ جۇڭيۈي) 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#