پارىس مۈشۈكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پارىس مۈشۈكى دۇنيادا كەڭ تارقالغان، مىجەزى مۇلايىم ۋە شوخ، ئىنكاسى تېز، ئىنتايىن ئەقىللىق، ئادەمگە يېقىن تۇرۇشنى بىلىدىغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك بولۇپ، 16-ئەسىردە فىرانسىيە ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە كىرىپ تەدرىجى دۇنياغا تارقالغان ۋە نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ياۋروپادا ئىسىلزادىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. پارىس مۈشۈكى قىممەتلىك مۈشۈك بولۇپ، ئەسلى ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى يۇڭلۇق مۇلۇنى بىلەن ئاناتولىيە ئىگىزلىكىنىڭ ئەنقەرە مۈشۈكىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ.
پارىس مۈشۈكىنىڭ يۇڭى ئۇزۇن ۋە قۇيۇق، پىلىدەك يۇمشاق ۋە پاقىراق بولۇپ ، ئىلگىرى تېرىسى ياۋروپادا ئىسىل شارپا ياسايدىغان ماتېرىيال. پارىس مۈشۈكىنىڭ ئادەتتىكى مۈشۈكلەرگە سېلىشتۇرغاندا بېشى يوغانراق، پۇتى قىسقا، بۇرنى قىسقا ۋە پاناق، قۇلىقى كىچىك، كۆزى چوڭ ۋە كۆز ئارىلىقى يېقىن، قۇيرۇقى قىسقا ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ. رەڭگى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ قىزىل رەڭلىكلىرى بىر قەدەر قىممەتلىك ھىساپلىنىدۇ، ئۆلچەملىك رەڭدىكىلىرىدىن باشقىلىرى، شالغۇت نەسىللىكلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن.
پارىس مۈشۈكى يىلدا بىر قېتىم 2 دىن 6 گىچە كۆپىيىدۇ. يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا ئادەتلىرى ئۆي مۈشۈكى بىلەن ئوخشاش.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.