توختام قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھات

توختام قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىك

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ 1090-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1999–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
ھۆججەت س ئى (1999) 19-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于适用中华人民共和国合同法若干问题的解释
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1999–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

س ئى (1999) 19-نومۇرلۇق پەرمانى 

1999-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ 1090-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. 1999–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

توختام ماجىراسى دېلولىرىنى توغرا سوت قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «توختام قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «توختام قانۇنى»نى تەتبىقلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:

بىرىنچى  قانۇننىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى

1-ماددا «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن توختامدا ماجىرا كېلىپ چىقىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، «توختام قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن توختاملاردا ماجىرا كېلىپ چىقىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، مەزكۇر ئىزاھاتا باشقىچە بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن باشقىلىرىدا ئۆز ۋاقتىدىكى قانۇن، بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى بولسا، توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلىسا بولىدۇ.

2-ماددا توختامنىڭ تۈزۈلۈشى «توختام قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن بۇرۇن بولسىمۇ، لېكىن توختامدا بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغان كۈنگە ياكى «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قىلىپ بېكىتىلىپ، توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ماجىرا كېلىپ چىقسا، «توختام قانۇنى»نىڭ 4-بابىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى توختامنىڭ كۈچىنى بېكىتكەن ۋاقىتتا، «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن توختامغا قارىتا ئۆز ۋاقتىدىكى قانۇننى تەتبىقلىغاندا توختام ئىناۋەتسىز بولۇپ، «توختام قانۇنى»نى تەتبىلىغاندا توختام ئىناۋەتلىك بولسا، پرىنسىپ جەھەتتىن «توختام قانۇنى»نى تەتبىقلاش كېرەك.

4-ماددا «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى توختامنى ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتىشتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزگەن قانۇنلارنى ۋە گوۋۇيۈەن تۈزگەن مەمۇرىي قانۇن ئىزاھاتلىرىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. يەرلىك خاراكتېرلىك قانۇن-نىزام، مەمۇرىي قائىدىلەرنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ.

5-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئاخىرقى سوت ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىپ بولغان دېلولارنى يېڭىۋاشتىن سوت قىلماقچى بولغاندا «توختام قانۇنى»نى تەتبىقلىمايدۇ.

ئىككىنچى  دەۋا سۈرۈكى

6-ماددا تېخنىكا توختام ماجىراسىدىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقتىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىت «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، دەۋالاشقۇچى ئۆز ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىت بىلەن «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغان ۋاقىت ئارىلىقىدا بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىمايدۇ. بىر يىلغا توشمىغانلىرىنىڭ دەۋا قىلىش سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ.

7-ماددا تېخنىكا ئىمپورت-ئېكسپورت توختام ماجىراسىدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقتىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىت «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، دەۋالاشقۇچى ئۆز ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىت بىلەن «توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغان ۋاقىت ئارىلىقىدا ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىمايدۇ. ئىككى يىلغا توشمىغانلىرىنىڭ دەۋا قىلىش سۈرۈكى تۆت يىل بولىدۇ.

8-ماددا «توختام قانۇنى»نىڭ 55-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «بىر يىل»، 75-ماددىسىدا ۋە 104-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «بەش يىل»لىق مۆھلەت ئۆزگەرمەس مۆھلەت بولۇپ، بۇلارغا دەۋا سۈرۈكىنىڭ ئوتتۇرا يولدا توختىتىشى، ئۈزۈلۈپ قېلىشى ياكى ئۇزارتىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

ئۈچىنچى  توختامنىڭ كۈچى

9-ماددا «توختام قانۇنى»نىڭ 44-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختام تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە ياكى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدە بىرىنچى سوت سوتلاپ مۇنازىرە باسقۇچى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن يەنىلا تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن ياكى تەستىقلاش، تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتەلمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر توختامنى كۈچكە ئىگە بولمىغان دەپ بېكىتىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنىڭ چوقۇم تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تىزىملاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە دەپ بەلگىلەنمىگەن بولسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرمەسلىكى توختامنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، توختام نىشانىدىكى مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋە باشقا مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.

«توختام قانۇنى»نىڭ 77-ماددا 2-تارمىقى، 87-ماددا، 96-ماددا 2-تارمىقىغا كىرگۈزۈلگەن توختامنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى، بىكار قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

10-ماددا دەۋالاشقۇچىلار تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ توختام تۈزگەنلىرىدە خەلق سوت مەھكىمىسى شۇنىڭغا ئاساسەنلا توختامنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن، دۆلەتنىڭ تىجارەت قىلىشقا چەك قويغان، ئالاھىدە ئىجازەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان، شۇنداقلا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامىدا تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان تىجارەتلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تۆتىنچى، ئورۇن بېسىش ھوقۇقى

11-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 73-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئورۇنباسار ھوقۇقى ئۈستىدە دەۋا قىلغاندا، ئۇنىڭ دەۋاسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

1. ھەقدارنىڭ قەرزدارغا قارىتا بولغان ھەقدارلىق ھوقۇقىغا سۆرەلمىلىك قىلىپ، ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتسا؛

2 . قەرزدار مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىغا سۆرەلمىلىك قىلىپ، ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتسا؛

3 . قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتى توشقان بولسا؛

4 . قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى مەخسۇس قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ھەقدارلىق ھوقۇقى بولمىسا.

12-ماددا «توختام قانۇنى»نىڭ 73-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مەخسۇس ھەقدارلىق ھوقۇقى» بېقىش مۇناسىۋىتى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇناسىۋىتى، يار-يۆلەك بولۇش مۇناسىۋىتى، ۋارىسلىق مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەمگەك ھەققى، پېنسىيە پۇلى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، نەپىقە پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلى، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، جىسمانىي زىيان تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى كۆرسىتىدۇ.

13-ماددا «توختام قانۇنى»نىڭ 73-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «قەرزدار مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىغا قارىتا سۆرەلمىلىك قىلىپ، ھەقدارغا زىيان سېلىش» قەرزدارنىڭ مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، شۇنداقلا دەۋا قىلىش شەكلى ياكى كېسىم قىلىش شەكلى ئارقىلىق پۇلنى بېرىپ بولغانلىق مەزمۇنىدىكى مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىغا مۇناسىپ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويماي، ھەقدارنىڭ مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

كېيىنكى قەرزدار (قەرزدارنىڭ قەرزدارى) قەرزدار مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى كەينىگە سۈرمىگەن دەپ قارىسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

14-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 73-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئورۇن بېسىش ھوقۇقى ئۈستىدە دەۋا قىلسا، دېلو جاۋابكار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

15- ماددا ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە قەرزدار ئۈستىدىن دەۋا قىلغاندىن كېيىن، يەنە شۇ خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېيىنكى قەرزدار ئۈستىدىن ئورۇن بېسىش ھوقۇقى ئۈستىدە دەۋا قىلسا، مەزكۇر ئىزاھاتنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 108-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەزكۇر ئىزاھاتنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىدە ھەقدارغا كېيىنكى قەرزدار تۇرۇشلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئايرىم دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئورۇن بېسىش ھوقۇقى ماجىراسىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقدار قەرزدار ئۈستىدىن قىلغان دەۋانىڭ ھۆكۈم-كېسىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 136-ماددا 5-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىشى كېرەك.

16-ماددا ھەقدار كېيىنكى قەرزدارنى جاۋابكار قىلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئورۇن بېسىش دەۋاسى قىلغاندا، ئەسلىي قەرزدارنى ئۈچىنچى كىشى قاتارىغا ئەكىرمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي قەرزدارنى ئۈچىنچى كىشى قىلىپ دەۋاغا كىرگۈزسە بولىدۇ.

ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدار بىرلا كېيىنكى قەرزدارنى جاۋابكار قىلىپ ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسى قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلەشتۈرۈپ سوت قىلسا بولىدۇ.

17-ماددا ئورۇن بېسىش ھوقۇقى ماجىراسىدا ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن كېيىنكى قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىگە قارىتا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

18-ماددا ئورۇن بېسىش ھوقۇقى ماجىراسىدا كېيىنكى قەرزدار قەرزدارغا بولغان رەددىيە پىكرىنى ھەقدار ئارقىلىق تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

قەرزدار ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىدا ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىغا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان باشقىچە پىكىر مۇئەييەنلەشسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقدارنىڭ دەۋاسىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىدا ھەقدار دەۋادا يەڭسە، دەۋا ھەققىنى كېيىنكى قەرزدار ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدۇ. دەۋا ھەققى ئەمەلگە ئاشقان ھەقدارلىق ھوقۇقى ئىچىدىن ئالدى بىلەن تۆلىتىۋېلىنىدۇ.

20-ماددا ھەقدار كېيىنكى قەرزدار ئۈستىدىن قىلغان ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ، كېيىن ئورۇن بېسىش ھوقۇقى شەكىللىنىدۇ، دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، كېيىنكى قەرزدار ھەقدارغا قارىتا قەرزنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدۇ. ھەقدار بىلەن قەرزدار ئوتتۇرىسىدىكى قەرزدار بىلەن كېيىنكى قەرزدار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىپ ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن بىللە يوقايدۇ.

21-ماددا ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىدا ھەقدار يۈرگۈزگەن ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىدىكى تەلەپ قىلغان سومما قەرزدارنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان سوممىسىدىن ياكى كېيىنكى قەرزدارنىڭ قەرزدارغا بېرىشكە تېگىشلىك سوممىسىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

22-ماددا قەرزدار ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىدا ھەقدارنىڭ ئورۇن بېسىش تەلەپ قىلغان سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا قارىتا كېيىنكى قەرزدار ئۈستىدىن دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئايرىم دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

قەرزدارنىڭ دەۋاسىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك، قەرزدارنىڭ دەۋاسىنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى ئورۇن بېسىش ھوقۇقى دەۋاسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، قانۇن بويىچە دەۋانى ئوتتۇرا يولدا توختىتىشى كېرەك.

بەشىنچى، بىكار قىلىش ھوقۇقى

23-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 74-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىش ھوقۇقى دەۋاسى قىلسا، دېلو جاۋابكار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

24-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 74-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىش ھوقۇقى دەۋاسى قىلغاندا، پەقەت قەرزدارنىلا جاۋابكار قىلىپ، مەنپەئەتلەنگۈچىنى ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنى دەۋادىكى ئۈچىنچى كىشى قىلىپ بېكىتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى مەنپەئەتلەنگۈچىنى ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنى ئۈچىنچى كىشى قاتارىدا دەۋاغا كىرگۈزسە بولىدۇ.

25-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 74-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىكار قىلىش ھوقۇقى دەۋاسى قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ياكى مال-مۈلۈكنى ئۆۈنۈپ بېرىش قىلمىشىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانىڭ ھەقدار تەشەببۇس قىلغان قىسمىنى سوت قىلىشى كېرەك، قانۇن بويىچە بىكا قىلىنغالىرىدا شۇ قىلمىش باشلانغاندىن تارتىپلا ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدار مەلۇم بىر قەرزدارنى جاۋابكار قىلىپ، شۇ بىر دەۋا نىشانى ئۈستىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى دەۋاسى قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلەشتۈرۈپ سوت قىلسا بولىدۇ.

26-ماددا ھەقدار بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ چىقىم قىلغان ئادۋوكاتنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەققى، كاماندىروپكا چىقىمى قاتارلىق زۆرۈر چىقىملارنى قەرزدار ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدۇ. ئۈچىنچى كىشىدە ىاتالىق بارلىرىدا ئۈچىنچى كىشى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئالتىنچى  توختامنى ئۆتۈنۈپ بېرىش داۋامىدىكى ئۈچىنچى كىشى

27-ماددا ھەقدار توختام ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، قەرزدار بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا توختامنى ئادا قىلىش جەھەتتە ماجىرا كېلىپ چىقىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا، قەرزدار ھەقدارنىڭ ھوقۇقى ئۈستىدە رەددىيە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھەقدارنى ئۈچىنچى كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

28-ماددا ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقى ئارقىلىق قەرزدار توختام مەجبۇرىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆتۈنۈشنى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ھەقدار ئوتتۇرىسىدا توختامنىڭ ئادا قىلىنىشى جەھەتتە ماجىرا كېلىپ چىقىپ سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئۆتۈنۈشنى قوبۇل قىلغۇچى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى ئۈستىدە رەددىيە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، قەرزدارنى ئۈچىنچى كىشى قاتارىدا دەۋاغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

29-ماددا توختامدىكى ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى بىرلىكتە باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا توختامنىڭ ئادا قىلىنىشى جەھەتتە ماجىرا كېلىپ چىقىپ، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، قارشى تەرەپ توختامنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە رەددىيە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپنى دەۋادىكى ئۈچىنچى كىشى قىلىپ دەۋاغا كىرگۈزسە بولىدۇ.

يەتتىنچى  تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىرلىشىشى

30-ماددا ھەقدار «توختام قانۇنى»نىڭ 122-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان ۋاقىتتا تاللاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرىنچى سوت سوت ئېچىشتىن بۇرۇن يەنە دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى يول قويۇشى كېرەك. قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىسى باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقى ئۈستىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە پىكىر پۇت دەسسەپ تۇرالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانى رەت قىلىشى كېرەك. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545945_5.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#