ئۇرال تاغ تىزمىسى

ئۇرال تاغ تىزمىسى

پۈتۈن يەر شارىدىكى يەتتە قىتئە ئىچىدە پەقەت ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىلا بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇرال تاغ تىزمىسى ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ پاسىلى.سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى بىلەن غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى ئارىلىقىغا جايلاشقان. 

نامى ئۇرال تاغ تىزمىسى
چەتئەلچە نامى Ural Mountains
خەنزۇچە نامى 乌拉尔山脉
ئۇزۇنلىقى 2000 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇرال تاغ تىزمىسىپۈتۈن يەر شارىدىكى يەتتە قىتئە ئىچىدە پەقەت ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىلا بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇرال تاغ تىزمىسى ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ پاسىلى.سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى بىلەن غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى كارسىكى دېڭىزىنىڭ بايدارسكى قولتۇقىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ئورسكى ئەتراپىغا قەدەر 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، كەڭلىكى 40-150 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ غەربىي يان باغرى يانتۇ، شەرقىي يان باغرى تىكرەك كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 500-1200 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئۇرال قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك بولۇپ، 350 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جاي ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئارىلىقىدىكى قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرالدا تۆمۈر، مىس، سىنك، ئلاليۇمىن توپىسى، نىكېل، ۋانادىي، تىتان، خروم، كالىي تۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى، سىۋېردلوۋسكى، ماگنىتوگورسكى، چېليابىنسكى، تۆۋەنكى تاغىل قاتارلىق ئاتاقلىق سانائەت شەھەرلىرى بار. 

 پۈتۈن تاغ تىزمىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ قۇتۇپ، سۇب قۇتۇپ، ئۇرال تېغى ۋە شىمالىي، ئوتتۇرا ھەم جەنۇبىي ئۇرال تېغى دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تاغ تۈزۈلۈشى ئانچە ئېگىز ئەمەس،؛ سۇب قۇتۇپ بۆلىكىدىكى خەلق چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1894 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئۇرال تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدۇر. ئوتتۇرا بۆلىكى پەس ھەم تەكشى بولۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ئارىسىدىكى مۇھىم ئۆتكەلدۇر. 

 ئۇرال تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يانباغرىنىڭ يانتۇلۇقى ئانچە چوڭ ئەمەس، شەرقىي يانباغرى سەل تىكرەك. 3 مېتىردىن ئېگىز قىتئە چېگرىسى ئابىدىسى ئۇرال تېغى شەرقىي ئېتىكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تىكلەنگەن بولۇپ، تۆمۈريول بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 مېتىرغا يەتمەيدۇ.

ئۇرال تاغ تىزمىسى جۇغراپىيىلىك شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇرال تاغ تىزمىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېزىلما بايلىقلار بىلەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشىدا روشەن پەرق بار. ئۇرال تاغ تىزمىسى روسىيىنىڭ قېزىلما بايلىق خەزىنىسى، ئۇنىڭ شەرقىي يانباغرىدا مول ماگنىت، مىس، ئاليۇمىن، پلاتىنا، تاشپاختا قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى بار؛ غەربىي يانباغرىدا كالىي تۈزى، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار بار. تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي يانباغىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاشمايدۇ، غەربىي يانباغرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقدارى شەرقىي يانباغرىنىڭكىدىن يەنە 300 مىللىمېتىر كۆپ، بۇ يانباغرغا كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بىلەن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان كەڭ تارقالغان. ئورمانلىقتا لىپا دەرىخى، دۇب دەرىخى، زەرەڭ دەرىخى، ئاق قېيىن دەرىخى قاتارلىق دەرەخ تۈرلىرى بار؛ شەرقىي يانباغرغا ئاساسەن بال قارىغاي كەڭ تارقالغان، كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلار ئىنتايىن ئاز. 

ئۇرال تاغ تىزمىسى يەنە ئۇرال دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسى ۋادىسى بىلەن شەرقىي يانباغردىكى ئوب دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بۆلگۈچىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تاغ تىزمىسىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىدىكى دەريالاردا ياشايدىغان بېلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ: غەربىي تەرىپىدىكى دەريادا ياشايدىغان سالمون بېلىقى بەدىنىدىن قىزىل نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپىدىكى دەريادا ياشايدىغان مارك ئاتسىپېنسبر بېلىقى بىلەن شېدۇڭ بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار كۈمۈش رەڭدە كېلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#