شىخەنزە شەھىرى

شىخەنزە شەھىرى

شىخەنزە شەھىرى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلۈكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.

نامى شىخەنزە شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر
چەتئەلچە نامى Shihezi City
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسىمى
خەنزۇچە نامى 石河子市
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كىلىماتى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئېگىزلىك كىلىماتى
باشقا نامى شىخەنزە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىخەنزە شەھىرى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلۈكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە ماناس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب، جەنۇب، شىمال تەرىپى ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 7.36 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 19 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 460 كۋادرات كىلومېتىر. 

شىخەنزە شەھىرىگە كونا بازار، خۇڭسەن، شىياڭياڭ، يېڭى شەھەر قاتارلق تۆت مەھەللە ئىش باشقارمىسى ۋە شىخەنزە يېزىسى قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر.

1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 552 مىڭ 500 (شەھەر رايونىنىڭ نوپۇسى 258 مىڭ 600) ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 1.05 نى، خەنزۇرلار %95.25 نى، باشقا مىللەتلەر % 3.70 ئىگىلەيدۇ.

شىخەنزە قەدىمكى زاماندا چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ يىللىرىدا تېرىقچىلىق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، يېزا، كەنتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. چيەنلۇڭنىڭ 43-يىلى (1778-يىلى) ماناس ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ناھىيىنىڭ غەربىي يېزىسىغا قارىغان. مىنگونىڭ 4-يىلى (1915-يىلى) ساۋەن ماناستىن ئايرىلىپ چىقىپ ناھىيە بولغاندىن كېيىن، ساۋەن ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا ئۆتكەن. 1950-يىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسمى بۇ يەرگە كىرگەندن كېيىن شىخەنزە يېڭى شەھىرنى بەرپا قىلغان. 1976-يىلى گوۋۇيەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە ۋىلايىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىخەنزە شەھىرى تەسىس قىلىنىپ شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارىغان. 1979-يىلى، شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىخەنزە شەھىرى بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونغا قارىغان. شىخەنزە شەھىرى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8-شىسىنىڭ شى شتابى تۇرۇشلۇق جاي.

شىخەنزە شەھىرىبۇ شەھەر جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 430-520 مېتىر، ماناس دەرياسى شەھەرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 1 مىليارد 494 مىليون كۇب مېتىر.

 يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 87 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ھاك تېشى، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، كۈمۈش، سېرپېتىن، كۋارتىس قۇم، كۋارتىس تۆمۈرى، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا، قاش تېشى قاتارلىقلار بار.

شىخەنزە شەھىرىشىخەنزە شەھىرى مۆتىدىل بەلباغدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 6.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 39.8، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70.1 كۈن 30 تىن 10 لۇق جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3428.5، قىروسىز مەزگىلى 151 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1.199 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 5.1537 مىللىمېتىر.

بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكى بىلەن سانائەت بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 24 مىڭ 800 گېكتار (372 مىڭ مو) ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن پاختا، بۇغداي، كۆممىقۇناق، قىزىلچا ۋە قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، سەي كۆكتاتلار بار. ئاساسلىق چارۋىلىرىدىن كالا، قوي، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائىتى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر پاختا توقۇمچىلىق، يۇڭ توقۇمچىلىق، ئىلمە توقۇلما، بېسىش-بوياش، قەغەز ياساش، شېكەر ياساش، يېمەكلىك، ئېنېرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى سانائەت تۈرلىرى بەرپا قىلىندى.

شىخەنزە شەھىرىنىڭ ئۇل ئۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنڭ غەربىي بۆلىكى، «312» دۆلكەت تاشيولى يولى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن ئۆتىدۇ. شىخەنزە شەھەر رايونىنى مەركەز قىلغاندا 41 تاشيول ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلار ۋە يېزا، بازارلارغا تۇتىشىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا ئوپتېك كابىلى شەھەر رايونىدىن ئۆتىدۇ. كۆپ خىل زامانىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئومۇمىي توچكىسى 24 مىڭغا يەتتى.

شىخەنزە شەھىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ «چۆلدىكى گۆھەر» دېگەن نامى بار. 1992-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىندى. ئۇنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 2.11 كۋادرات كىلومېتىر، 1-باسقۇچتا ئېچىلىدىغان كۆلىمى 9.4 كۋادرات كىلومېتىر، ئالدىن تۇتۇش قىلىنغان كۆلەم 7.1 كۋادرات كىلومېتىر.

شىخەنزىدىكى داڭلىق ئورۇنلار شەھەردە زوڭلى جۇئېنلەينىڭ خاتىرە مۇنارى، گېنېرال ۋاڭ جېننىڭ مىس ھەيكىلى، شائىر ئەي چىڭنىڭ خاتىرە سارىيى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھى ئويۇلغان ھەيكەللەر توپى؛

 قولۋاققا چۈشۈپ ئارام ئالىدىغان بېيخۇ باغچىسى، غۇۋا تۇمان بىلەن قاپلانغان، سۈيى سىم-سىم يامغۇردەك چۈشىدىغان دوڭگو شارقىراتمىسى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نىڭجياخې مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى؛ كىشىنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىغان «تۆگە قوڭغىرىقى» تەبىئىي قۇملۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى زور.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/17772.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#