كەرمان

كەرمان كەرمان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەرمانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، بەلغەمنى بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كەرمان
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 远志
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەرمانكەرمان كەرمان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەرمانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى دۈگىلەك تۈۋرۈكسىمان، ئازراق ئەگرى بولىدۇ، رەڭگى سارغۇچ خورما رەڭ، غولى تېگىدىن شاخلانغان بولۇپ، تىك ياكى قىيپاش ئۆسىدۇ، ئىنچىكە ۋە ئاجىز بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك ياكى تار تېمىنىسىمان بولۇپ، سېپى يوق، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ. باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، سېپى ئۇزۇن، گۈلى ئادەتتە كۆك ياكى سۇس جىگەر رەڭ ياكى ئاق رەڭدە بولىدۇ. مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر يۈرەكسىمان، ياپىلاق، ئۇچى ئويمانراق بولىدۇ، گىرۋىكىدە تار قانىتى بولىدۇ.

تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، بەلغەمنى بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، غولى ۋە يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، گۈلى ئېچىلمىغان چاغدا چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە يايلاقلاردا ئۆسىدۇ.

كەرمان12 گرام كەرماننى 12 گرام ئېگىر، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 20 گرام خام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سېلىش ۋە ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

15 گرام كەرماننى 12 گرام قوڭغۇراقگۈل، سەككىز گرام يۇلتۇزگۈل، 10 گرام سوغىگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە بەلغەم تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كەرمان، قوڭغۇراقگۈل، يۇلتۇزگۇل، ئېگىر، سوغىگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download3

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#