گۆشنان
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ ياكى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرتۇرۇچ قاتتىق بولسا، سۇغا سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا سېلىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئازراق تىندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن 200 گرام ۋە 140 گرام قىلىپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ھەربىر زوۋۇلىنىڭ گىرۋىكىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلت ئېچىپ، چوڭ جىلتقا تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۈستىدىن كىچىك جىلتنى يېپىپ چوڭ جىلتنىڭ گىرۋەكلىرىنى ياندۇرۇپ كىچىك جىلتنىڭ گىرۋىكى بىلەن چىمدىپ يېپىشتۇرۇپ، گۆشنان(قىيملىق نان) تەييارلىنىدۇ.
3. قىزىغان تاۋىنى ياكى قازاننى ياغلاپ، گۆشناننى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، سەككىز پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ناننىڭ خېمىرىنى كۆپتۈرمەيلا پېتىر قىلىپ ياسىغاندا، خېمىر نېپىز قىلىپ يېپىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.