قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز قانات قېقىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى قانات قېقىپ ئۇچۇش، يەنە بىر خىلى لەيلەپ ئۇچۇش، بۇ ئىككى خىل ئۇچۇش پۈتۈنلەي ھاۋ دىنامىسكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش جەريانىدىكى كۆتۈرۈلۈش كۈچى قانات كۆلىمىگە توغرا تاناسىپ، شۇنىڭدەك ئۇچۇش تېزلىكىمۇ توغرا تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا قانىتى نىسپىي ھالدا قانچە كىچىك بولغان قۇشلارنىڭ قانات قېقىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

مەلۇمكى، ھەرە قۇش دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قانىتى ناھايىتى كىچىك، قانىتىنىڭ نىسپىي كۆلىمىمۇ چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى ۋە بوشلۇقتا توختاش قاتارلىق ئالاھىدە ئۇچۇش ماھارىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېز قانات قاقماي بولمايدۇ. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلىنىڭ نىسپىي چوڭلۇقى قۇشلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قانات قېقىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، بەزىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇ سېكۇنتىغا 90 قېتىم قانات قاقالايدىكەن. گۈلنىڭ ئالدىدا خۇددى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشاش توختىغاندا، قانات قېقىشى مىنۇتىغا 50 قېتىمغا يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز قانات قاقىدىغان قۇش ھېسابلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#