تارلاق يېزىسى
تارلاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 22 كىلومېتىر، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي تاغ ئېتىكى كەلكۈن چۆكۈندىسى ___ يەلپۈگۈچسىمان تىنما قانىتىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تارلاق يېزىسى بۈگۈر ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 22 كىلومېتىر، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي تاغ ئېتىكى كەلكۈن چۆكۈندىسى ___ يەلپۈگۈچسىمان تىنما قانىتىغا جايلاشقان. يەر يانتۇلۇقى چوڭ، توپا قاتلىمى نېپىز. جايلاشقان ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق '1°84، شىمالىي كەڭلىك '55°41، ئىگىلىگەن كۆلىمى 1251.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ بولۇپ ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. جەمئىي ئاھالىسى 1010 ئائىلە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 4481 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 1153 ئادەم؛ ئۇيغۇر لارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 91.3% نى، خەنزۇ لار %8.3 نى، خۇيزۇ لار %0.4 نى ئىگىلىگەن، تىپىك ئاز سانلىق مىللەتلىك يېزا.
تارلاق يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ھۆل-يېغىن ناھايىتى ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، ھاۋاسى قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 52.2 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2449.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىشى 7085 مىللىمېتىر، پوتېنسالى 21 مىللىمېتىر. ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2779.3 سائەت، قۇياش نۇرى چۈشۈش پىرسەنتى %63، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوخشاش كەڭلىك كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن رايونلارنىڭ بىرى. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 10.6℃، قىراۋسىز مەزگىلى 18 كۈن، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق.
تارلاق يېزىسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 14200 مو، ئورمان يەر كۆلىمى 2691 مو، باغ كۆلىمى 1916 مو؛ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق بايلىقى بىر قەدەر مول؛ ئاساسلىق زىرائەتلەردىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار ۋە ئۆرۈك قاتارلىق مېۋە-چىۋە ئاساس قىلىنىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا ئاساسەن كالا، قوي ۋە توخۇ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. 2003-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3126 يۈەن.
يېزىدا 6 پارتىيە ياچىكىسى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ (بۇنىڭ ئىچىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى تۆت، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى بىر، مائارىپ ياچېيكىسى) 169 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئىشچى-خىزمەتچىسى 62 ئادەم ، چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 110 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزاسى 33 ئادەم، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 18 ئادەم، يېزا «ئېكىندار» خادىمى 25 ئادەم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.