مۇپاسىل

مۇپاسىل

ھەرخىل سەۋەبلەردىن چوڭ بوغۇملارنى ئوراپ تۇرغۇچى پەي تارىمۇشلار ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا بوغۇملار ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، 50~30ياشلىق كىشىلەردە بىرقەدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

مۇپاسىل (چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى) ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ۋەجئۇل مۇفاسىل» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى مۇپاسىل
خەنزۇچە نامى 关节痛
كېسەللىك ئورنى ھەر قايسى بۇغۇملار
تەۋە بۆلۈم تاشقى بۆلۈم
جۇڭيى تىبابىتى نامى بۇغۇم
باشقا ئاتىلىشى ۋەجئۇل مۇفاسىل
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇپاسىل1. تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەمدە بوغۇم ئارىلىقلىرىغا كۆپلەپ سىرغىپ چىقىپ، بوغۇم ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ سۇيۇقلۇقلار ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى بېسىپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى، چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن بوغۇم ئارىلىقى سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرىدۇ، غىدىقلاش خۇسۇسىيتىى بىلەن بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلما ۋە پەي تارىمۇشلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا بوغۇم ئارىلىقى سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ، بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوغۇملاردا پاسسىپ سۈركىلىش بولۇپ، تەدرىجىي بوغۇملارنىڭ ياللۇغلىنىپ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بولىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا بوغۇم ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوغۇملاردا پاسسىپ سۈركىلىش بولۇپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. سىرتقى زەربە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل سىرتقى زەخىملىنىش، ئۆرۈلۈش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، بوغۇملار چىقىپ كېتىش، بوغۇملار تولغىشىپ كېتىش، بوغۇملار قايرىلىپ زەخىملىنىش، بوغۇم يۈزلىرى بېسىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بوغۇم ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەي~تارىمۇشلار ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار زەخىملىنىپ تەدرىجىي ياللۇغلىنىپ ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ۋە پەي تارىمۇشلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


مۇپاسىلبوغۇملار ئاغرىيدۇ، ئىششىپ ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاغرىق كۈچىيىدۇ، قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خل سەۋەبكە ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. تەمسىز بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا بوغۇملار ئىششىيدۇ، بوغۇملاردا ئېغىرلىق مەلۇم بولىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە داۋاملىشىشچان ئاغرىيدۇ، قىزىتما بولمايدۇ، بوغۇمدىكى ئىششىقنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلغەم خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

2. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بىمارنىڭ چىرايى سېرىق بولىدۇ، بوغۇملار ئېچىشىپ ۋە سانجىلىپ ئاغرىيدۇ. بوغۇمدا كۈيۈشكەندەك سېزىم بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىششىق ئانچە روشەن بولمايدۇ. ئۆزى ئاجىز، مىجەزى چۇس، قۇرۇق ئىسسىق، ھەرىكىتى ئاز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

3. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا دەسلەپتە قاتتىق توڭۇپ تىترەيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، بوغۇملار قاتتىق ئاغرىيدۇ، قىزىيدۇ، ئىششىيدۇ، سۇ يىغىلىدۇ، تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولۇپ، كۆپ بوغۇملۇق ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

4. زەخىملىنىشتىن بولغاندا بوغۇملاردا قايرىلىپ زەخىملىنىش ياكى تولغىشىپ زەخىملىنىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە زەخىملەنگەن بوغۇملاردا قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ ھەمدە زەخىملەنگەن بوغۇملار ئىششىيدۇ، بوغۇم بوشلۇقىغا قان يىغىلىدۇ، ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكى يۇقىرى بولۇپ، بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەزىلىرى ئاسانلا ياخشىلىنىدۇ، بەزىلىرى سوزۇلما داۋاملىشىپ كېسەللىك ئاسارىتى قالدۇرىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا بوغۇملار قۇرۇق بولىدۇ. كېسەللەنگەن بوغۇم تېرىسى قارامتۇل بولۇپ، ئىششىقنىڭ ماددىسى قاتتىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.


1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بوغۇملار ئىششىش، ئاغرىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە قايسى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ سەۋەبكە ئالاقىدار ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان تەكشۈرۈش: قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى ئاشىدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى يۇقىرىلايدۇ.

2) رېنتگېندە تەكشۈرۈش: رېنتگېندە تەكشۈرگەندە سۆڭەكلەر شاڭلاڭ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.

3) »كاڭ O«نى تەكشۈرگەندە 500بىرلىكتىن يۇقىرى بولىدۇ.

كىچىك بوغۇم ئاغرىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

مۇپاسىل (چوڭ بوغۇم ئاغرىقى) دا

1. بەزى ھاللاردا ئېرسىيەتلىك خۇسۇسىيەت بولىدۇ.

2. كېسەللىك تېنى ئاجىز، جسىمانىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللانغۇچى كىشىلەردە بولىدۇ.

3. 30~50ياشتىكى كىشىلەر، قىسمەن ھاللاردا بالىلاردا بولىدۇ.

4. ئەر~ئاياللاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوخشاش بولىدۇ.

5.ئاساسلىق سەۋەبى بەلغەمنىڭ غالىبلىقى.

6. كېسەللىك چوڭ بوغۇملاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش كېسەللىكىنىڭ سەۋەبچى ئامىللىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئېغىر ۋە بەزىدە يېنىك بولىدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇن تېرىسى كېپەكلەشمەيدۇ، كېسەللىك بىر بوغۇمدىن يەنە بىر بوغۇمغا يۆتكىلىپ قوزغىلىدۇ.

7. كېسەللىكتە قىزىتما بولىدۇ، ماددىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قىزىتما دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.

8. تۇتقاقلىق ئاغرىش بولمايدۇ. كېسەللىك قايتىلىنىشى ئاز بولىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولىدۇ.

9. سۈيدۈك خىلىت ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاقسىللىق سۈيدۈك بولمايدۇ.

نۇقرەس (كىچىك بوغۇم ئاغرىقى) دا

1. كۆپىنچە ئېرسىيەتلىك بولىدۇ.

2. بىكار تەلەپ، ئەيىش~ئىشرەت بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرگۈچىلەردە بولىدۇ.

3. كۆپىنچە 30~40 ياش كىشىلەردە بولىدۇ.

4. ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەردە كۆپرەك بولىدۇ.

5. ئاساسلىق سەۋەبى ھەزىم پائالىيىتى بۇزۇلۇش.

6. كېسەللىك كىچىك بوغۇم ئاساسلىقى بارماقلاردا بولىدۇ. كېسەللەنگەن بوغۇم ئىششىپ پارقىرايدۇ. ساقايغاندا كېسەللەنگەن تېرە كېپەكلىشىپ چۈشىدۇ. يۆتكىلىپ ئاغرىش كەمرەك بولىدۇ.

7. قىزىتما بولىدۇ، لېكىن ئەتىگەندە يېنىكلەيدۇ.

8. تۇتقاقلىق شەكلىدە قوزغىلىدۇ، قايتىلايدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولىدۇ. مۇددىتى قىسقا بولىدۇ.

9. كېسەللىك قوزغىلىش دەۋرىدە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئاز، لېكىن ئاقسىللىق سۈيدۈك كۆپ بولىدۇ.

مۇپاسىليامغۇردا قېلىش، ھاۋا كلىماتى ئۆزگىرىش، سوغۇق ھاۋا قاتارلىقلار ئاساسلىق قوزغاتقۇچى ئامىل بولۇپ، سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندا بوغۇملاردىكى ئاغرىق كۈچىيىدۇ. بۇ خىل  سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندىكى ئاغرىش چوڭ بوغۇملار ئاغرىقىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بوغۇم قېتىپ قالىدۇ.

رېماتىزم خاراكتېرلىك كلاپان كېسەللىكلىرى، يۈرەك مۇسكۇل يالۇغى، يۈرەك قېپى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. ھەزىمنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى

مۇپاسىلتەمسىز بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئىششىق قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قەلەمپۇر، دارچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە، قەلەمپۇر، پىلپىل قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىرىدن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، ئىتئۈزۈمى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قەلەمپۇر، دارچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى

مۇپاسىلتۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىىتى تەسىرىدن كېلىپ چىققان بولسا، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ھەزىمى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە، قەلەمپۇر، دارچىن، پىلپىل قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىتىردىن 5~3  كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتى

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئىششىق قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قەلەمپۇر، دارچىن قاتارلىق دورىلاردىن قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى

مۇپاسىلئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىتتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

بىنەپشە، گاۋىزبان، چىلان، سەرپىستان، ئىتئۈزۈمى 20 گرامدىن، تەرەنجىبىن 40 گرام، قەنت مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ، قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سۆرۈنجان، شاھتەررە، تەمرىھىندى، ئەينۇلا، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، ھېلىلە 15 گرامدىن، خىيارشەنبەر 45 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام ئېلىپ، خىيارشەنبەر ۋە تەرەنجىبىندىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، سۈيىگە تەرەنجىبىن ۋە خىيارشەنبەرنى چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، پۇفەل، قىزىلگۈل، مامشا، ئاقاقىيا 10 گرامدىن، سىركە 50 مىللىلىتىر، كاسىنە سۈيى 100 مىللىلىتىر، يۇمغاقسۈت سۈيى 50 مىللىلىتىر ئېلىپ، سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، سۇيۇق دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، كېسەللەنگەن بوغۇمغا چېپىلىدۇ.

بىنەپشە، ئاق لەيلى 15 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، بىر دانە تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ، كېسەللىك يۈز بەرگەن بوغۇمغا چېپىلىدۇ.

زىغىر، شۇمشا 15 گرامدىن، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر، ئاق موم 20 گرام، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، خەشخاش پوستى، يەرلىك شوخلا 10 گرامدىن، گۈل يېغى 10 مىللىلىتىر ئېلىپ، زىغىر بىلەن شومشىنىڭ لۇئابىنى چىقىرىپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ياغلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ، كېسەللەنگەن بوغۇمغا چېپىلىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەك، سۆرۈنجان ئۈچ گرامدىن، پوستى ئېلىنغان نوقۇت ئالتە گرام ئېلىپ، سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈندە ئۈچ گرامنى گۈلقەنت بىلەن ياكى بۇزۇرى شەربىتى بىلەن بىللەت ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، ئاق بەزرۇلبەنجى 15 گرامدىن، شەترەنجى ھىندى ئۈچ گرام، ئەپيۇن 1.5 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بابۇنە، مەرزەنجۇش، پۇدىنە، ھاشا، زۇفا 10 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، كېسەللەنگەن ئورۇن يۇيۇلىدۇ.

بابۇنە، شۇمشا، زىغىر، مۇقەل، جاۋاشىر، ئۇدخام، ئەنجۈر 10 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي يېغى ياكى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ، بوغۇم ئۈستىگە چېپىلىدۇ.

قۇم خالتىسى، گىرىلكا، تۈز ياكى كېپەك كېسەللەنگەن بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ياكى ئارىشاڭغا چۈشۈپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ.

سېرىقچېچەك، سەبرى، مورمەككى، شۇمشا ئۇرۇقى، سۆرۈنجان 10 گرامدىن، زىغىر 20 گرام، پەرپىيۇن بىر گرام ئېلىپ، زىغىرنىڭ لۇئابىنى چىقىرىپ، باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ، كېسەللەنگەن بوغۇمغا چېپىلىدۇ.

قوي ياكى كالا ئۆتىنى قۇرۇپ، چېگىت چوڭلۇقىدا كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۆرۈنجان بىلەن ناۋاتنى سوقۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شۇمشىنى تالقانلاپ، سىركە بىلەن ئارىلشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

چىلان چوڭلۇقىدىكى ھىڭنى 200 مىللىلىتىر قايناق سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ، ئېرىگەندىن كېيىن ئىسسىق ھالەتتە كېسەللەنگەن ئورۇن ياغلاپ بېرىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەببى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 7~5 دانىدىن، تۆۋەندىكى مەتبۇخى سۆرۈنجان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 5~3 دانىدىن، ھەببى شەتىرەنجى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، كاپسۇلى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ئۈچ دانىدىن، خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ھەببى سۆرۈنجان نۇسخىسى

 ھەببى سۆرۈنجان نۇسخىسى ؛شەھمەنزەل، بوزىدان، سۆرۈنجان 10 گرامدىن، قەنتەرىيۇن، ماھى زەھرەج 15 گرامدىن، ئايارەج پەيقىرا 32 گرام، تۇربۇت 12 گرام، سەبرى ئالتە گرام، زەنجىۋىل، شەترەنجى ھىندى، قاىرمۇچ، قىچا، قۇندۇز قەھرى ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلىنىدۇ.

مەتبۇخى سۆرۈنجان نۇسخىسى

مەتبۇخى سۆرۈنجان نۇسخىسى: سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان يىلتىزى، خىيارشەنبەر، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 30 گرامدىن، سۆرۈنجان، بەلىلە پوستى 15 گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، بادام يېغى، گۈلبىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار گۈلى، قىزىلگۈل، پىرسىياۋشان، ئىتئۈزۈمى، گاۋزىبان گۈلى 10 گرامدىن، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نوشىدارى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ېكيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك~ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك~ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم~ئەندىشە قىلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، قۇم خالتا ياكى گىرىلكا بىلەن داۋاملىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=871

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#