ئاناركۆل يېزىسى
ئاناركۆل يېزىسى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر. يېزىنىڭ شەرقىي دۆلەتباغ يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي قاراقىرچىن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسى ئۆردەكلىك يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ناھىيىلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى شامال يېزىسى بىلەن چېگرىداش، شىمالىي ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولى، ئومۇمىي كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاناركۆل يېزىسى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر. يېزىنىڭ شەرقىي دۆلەتباغ يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي قاراقىرچىن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسى ئۆردەكلىك يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ناھىيىلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى شامال يېزىسى بىلەن چېگرىداش، شىمالىي ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولى، ئومۇمىي كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1117 مېتىر ئەتراپىدا. قەشقەر دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ ئۆتىدۇ.
ئومۇمىي ئائىلىلىك سانى 4455 گە، نوپۇسى 20724 ئادەم. نامرات ئائىلە 1072 لىك، جەمئىي 3524 نوپۇس؛ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر 34 ئائىلە، جەمئىي 57 ئادەم، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەر 915، جەمئىي 2831 ئادەم. جەمئىي بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 28 پارتىيە ياچېيكىسى، ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرى 664 نەپەر، يېزىلاردا پارتىيە ئەزاسى 405 نەپەر، «3 خىل پېشقەدەملەر» 107 نەپەر، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، خەنزۇ، تۇجيا مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇ جەمئىي 629 ئائىلە، 1345 ئادەم؛ خۇيزۇ جەمئىي 49 ئائىلىلىك، 249 ئادەم؛ تۇجيالار بىر ئائىلە، 4 ئادەم.
ئاناركۆل يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى : 653130202. 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى : ئالاغىر چاق كەنتى، دۆڭ مەھەللە كەنتى، ئاچال كەنتى، قۇمبوغۇز كەنتى، چۈشۈرگە كەنتى، جەرەنتالا كەنتى، نوبېشى كەنتى، بەشتۈپ كەنتى، غول مەھەللە كەنتى، كۆنچى مەھەللە كەنتى، كەلپۈنبوز كەنتى، خۇمدانبېشى كەنتى، تالاشور كەنتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ قارىمىقىدا 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ مو، 370 مىڭ مو بىنەم ئوتلاق، توغراقلىق ئورمان 46 مىڭ مو، سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان ئورمانلىق 10 مىڭ مو مېۋىلىك باغ 2000 مو. ئاساسلىق غول ئۆستىڭى 3 . يېڭىئۆستەڭ ئۆستىڭى 1960-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 34 كىلومېتىر، ئېقىم مىقدارى 6 كۇب مېتىر/ سېكونت؛ ئاستىدا كۆل قاشتېشى ئۆستىڭى 1958-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر، ئېقىم مىقدارى 1.5 كۇب مېتىر/ سېكونت؛ چۈشۈرگە ئۆستىڭى 1945-يىلى ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، ئېقىم مىقدارى ئون كۇب مېتر/ سېكۇنت. جەمئىي 48 مىڭ مو يەرنىڭ سۇغىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
1998-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 3528.41 مىڭ يۈەن. يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 3410.51 مىڭ يۈەن. 7979 توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، 2011-يىلىدىكىدىن %3.62 ئاشقان؛ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4303 توننا، 2008-يىلدىكىدىن %3.12 ئاشقان؛ چارۋا ئومۇمىي سانى 42809 تۇياق. يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن تۆتى بار، پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 163 مىڭ يۈەن، پايدىسى 140 مىڭ يۈەن؛ يەككە كارخانا 368 دانە، پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 440 يۈەن، پايدا 650 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.