خارارىې
خارارىې ئافرىقىدىكى زىمبابۋېنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، ئافرىقا بويىچە زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافرىقىدىكى زىمبابۋېنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، ئافرىقا بويىچە زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئاھالىسى 656 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) . خارارې دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1472 مېتر ئېگىزلىكتە تۇرىدۇ.
خارارې شەھىرىنىڭ ئەسلى نامى سالىسبىورى بولۇپ، 1982-يىلى خارارېغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا خروم، ئالتۇن كانلىرى بولغانلىقتىن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بولغان. خارارې شەھەر ئەتراپى زىمبابۋېنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايونلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق تاماكا تارقىلىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە چوڭ تىپتىكى تاماكا زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى بار. يەنە قەغەز، شال، كاۋچۇك، يېمەك-ئىچمەك، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەرگە، موزامبىك، بوتىسۋانا، ئازانىيىلەرگە بارغىلى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.