قامۇس
قامۇس - ئىنگىلىزچە Encyclopedia ، خەنزۇچە 百科全书 دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەبىئەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، سەنئەت، شەخس، جۇغراپىيە، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئىقتىساد، تاماشا، تۇرمۇش، تەنتەربىيە، تارىخ، تىل-يېزىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك توپلامنى كۆرسىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قامۇس - ئىنگىلىزچە Encyclopedia ، خەنزۇچە 百科全书 دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەبىئەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، سەنئەت، شەخس، جۇغراپىيە، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئىقتىساد، تاماشا، تۇرمۇش، تەنتەربىيە، تارىخ، تىل-يېزىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك توپلامنى كۆرسىتىدۇ.
بىرىتانىيە قامۇسىدۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قامۇس بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى - ئىنگىلىزچە : Encyclopedia Britannica 1768-يىلى شوتلاندىيىلىك بېل مىيكفانېر ۋە سىمىللىنىڭ تەھرىرلىكىدە شوتلاندىيىنىڭ ئېدېنبۇرگ شەھىرىدە جەمئىي ئۈچ توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان. 1801-يىلى ئۈچىنچى نەشىرىدە 20 توم نەشىر قىلىنغان.
كېيىن 1920-يىلى ئۇنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى ئامېرىكىنىڭ روبارك شىركىتى بىر مىليون 330 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. 1929-يىلى 14-نەشىرىدە، ئۇنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزگەن. 1938-يىلدىن باشلاپ ھەريىلى قوشۇمچە سۈپىتىدە بىر نۇسخىدىن «برىتانىيە قامۇسى يىلنامىسى» نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. 1943-يىلى ئامېرىكا چىكاكو ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بېنتون ئۇنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىلۋالغان.
1974-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 15-نەشىرى نەشىر قىلىنغان. كىتابنىڭ نامى «يېڭى برىتانىيە قامۇسى» ياكى ئوتتۇز توملۇق «برىتانىيە يېڭى قامۇسى» غا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قېتىمقى نەشىرى جەمئىي 33141 بەت، 43 مىليون خەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا 24079 پارچە رەسىم، 1174 پارچە خەرىتە كىرگۈزۈلگەن. 131 مەملىكەتتىن 4277 كىشى ماقالە يازغان.[3]
ۋىكپىدىيە تور قامۇسى
ۋىكپىدىيەNupedia ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ۋىكىپېدىيە تورى ئەڭ دەسلەپكى قامۇس تور پونكىتى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، 2001 يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جىممىي ۋالىس ۋە لارىي سنجېر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى 281 خىل تىلنىڭ يېزىقىدا 37 مىليۇندىن پارچىدىن ئارتۇق سۆزلۈك (ماقالە) قوشۇلغان.
ئادرېسى: Wikipedia.org
ئىزدە تور قامۇسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 维搜百科
بېكەت ئادرېسى : wiki.izda.com
ئىزدە قامۇسى مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە بولۇپ، ئىزدە قامۇسى توربېكىتىدە جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئالەم، ئىلىم-پەن، تارىخ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، جەمئىيەت، دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر، نام چىقارغان كۆزگە كۆرنەرلىك شەخىسلەر، فىلىم ئاكتىيورلىرى، مۇزىكانت ۋە باشقا شەخىسلەر، داڭلىق شىركەت، كان-كارخانا ، گوروھلار ۋە ئۇلارنى قۇرغۇچىلىرى قاتارلىق ماتېرياللاردىن تارتىپ بەزى بىرخىل ماتېرياللارنىڭ بىرىكمىسى ۋە باشقا ھۆججەتلەر قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسى ئارقىلىق سىز دۇنيادىكى ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتا جاھاندا يۈزبەرگەن چوڭ كىچىك ۋەقەلەرمۇ ئىزدە قامۇسىدىن ساقىت ئەمەس. ئىزدە قامۇسى سىزنى 13 چوڭ تۈر ، 99 كىچىك تۈر بويىچە مول مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىزدە قامۇسى ئېلان قىلىنغان.
ئادرېسى: Wiki.izda.com[1]
ئوكيان قامۇسى
ئوكيان قامۇسى ئوكيان تورى بولسا قارلۇق شىركىتى قارمىقىدىكى شىركەت، ئوكيان تورىنىڭ قامۇسىدا ئالەم، ئىلىم-پەن، تارىخ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، جەمئىيەت ھەققىدە خىلى كۆپ سۆزلۈك بار. ئۇيغۇر تور قامۇسىچىلىقىدىكى باشلامچى .ئەمما ئوچۇق قامۇس ئەمەس،پەقەت باشقۇرغۇچىلارلا قامۇس يوللىيالايدۇ.
تور ئادىرىسى:http://qamus.okyan.com/[5]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
ئىزدە قامۇسى
ئوكيان قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.