دولان قەبىلىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دولان قەبىلىسىقۇرۇم تاغلىرىدىن باشلانغان زەرەپشان دەرياسى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمالغا ئاقىدۇ. زەرەپشاننىڭ ئىككى قىرغىقىدا كەڭ كەتكەن يايلىق ۋە قويۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق ھەمدە بوستانلىقتا كۆپىيىپ راۋاجلانغان دولانلىقلار ۋە دولان مەدەنىيىتى بار. بۈگۈنكى كۈندە "دولان مەدەنىيىتى"، "دولان سەنئىتى"، "دولان ئۇسلۇبى"قاتارلىق سۆزلەر مودا سۆزلەر بولۇپ قالدى.
208-ئۆلكە يولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى بوستانلىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دولان قەبىلىسى ئىپتىدائىي توغراقلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش، دولان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئاۋات ناھىيەسى، ھەتتاكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالتۇن ساياھەتچىلىكىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت بولۇپ قالدى.
ئىچىدە ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە سارىيى، مىللىي تەنتەربىيە رايونى، مىڭ يىللىق توغراق رايونى، تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، جېجياڭ-ئاقسۇ دوستلۇقى قۇم ھەيكەل باش تېما باغچىسى قاتارلىقلاردىن باشقا مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك، ئوۋچىلىق، توغراق ساياھەت مۇنارى قاتارلىقلار بار.
دولان قەبىلىسىدە دۆلەت،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرەسمىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان "دولان مەدەنىيىتى"بار بولۇپ، دولان مۇقامى، دولان مەشرىپى، دولان راۋابى سەنئىتى، مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە دۇنيا جىننىس رېكورتى بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەلئىچى ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى "دولان ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى"بار. دولانلىقلارنىڭ تارىخىي تەۋەررۈكلىرىنى ۋە دولانلىقلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇش مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىش ئارقىلىق، دولانلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش، يېمەك-ئىچمەك، قول-ھۈنەر ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەل نامايان قىلىدۇ.
دولان قەبىلىسى 2014-يىلى دۆلەت AAAAدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.