دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تو

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى 2011–يىلى 1-ئاينىڭ 19–كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 141–قېتىملىق دائىمى ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىنغان. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2011–يىلى 1-ئاينىڭ 19–كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 590-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 国家所有的土地上房屋征收与补偿条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2011–يىلى 1-ئاينىڭ 19–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 590-نومۇرلۇق پەرمانى

«دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى» 2011–يىلى 1-ئاينىڭ 19–كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 141–قېتىملىق دائىمى ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 

                                                                                    - زۇڭلى ۋېن جياباۋ 

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

بىرىنجى باب ئومۇمى پىرىنسىپ 

1-ماددا: دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆي ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر نىزام تۈزۈلدى. 

 2-ماددا: جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئورۇن(ئىدارە)، شەخسىلەرنىڭ ئۆيىنى ئېلىشتا، ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىگىدارىغا ( تۆۋەندە قىسقارتىپ ئۆيى ئېلىنغۇچى دېيىلىدۇ) ئادىل تولۇقلىما بىرىلىشى كېرەك. 

3-ماددا: ئۆينى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىشتە دىموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، تەرتىپى توغرا بولۇش، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك . 

4-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايونىدىكى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىكىتكەن ئۆي ئالغۇچى ئورۇن(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆي ئالغۇچى ئورۇن دىيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە يولغا قويىدۇ. 

شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەزكۇر نىزام بەلگىلىمىلىرى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . 

5-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆي ئېلىشنى يولغا قويغۇچى ئورۇنغا ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىشنىڭ كونكرىت خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئۆي ئېلىشنى يولغا قويغۇچى ئورۇن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىق كېرەك. 

ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆي ئېلىشنى يولغا قويغۇچى ئورۇننىڭ ھاۋالە قىلغان دائىرىدىكى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشى، ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىگە قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

6-ماددا: يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

گوۋۇيۇەن ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە، زىمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرگە ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

7- ماددا:ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەزكۇر نىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىش ھوقۇقى بار. مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پاش قىلىنغان مەسىللەرنى ئۆز ۋاقتىدا دەلىللەپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك . 

ئىككىنچى باب ئېلىش قارارى 

8- ماددا: دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپپ، ئۆينى ئېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىدۇ: 

 (1) دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى؛ 

 (2) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان ئېنىرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى؛ 

 (3) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش، ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلارنىڭ ئىھتىياجى. 

 (4) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش ئىھتىياجى. 

 (5) شەھەر-يېزا پىلانلاش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان خەتەرلىك ئۆيلەر مەركەزلەشكەن، ئاساسى ئەسلىھەلەر قالاق بۆلەكلەردىكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىھتىياجى. 

 (6) قانۇن، مەمۇرى نىزاملاردا بەلگىلىگەن باشقا جامائەت مەنپەئەتى ئىھتىياجى. 

 9-ماددا: مەزكۇر نىزامنىڭ سەككىزىنچى ماددىسىغا ئاساسەن، ھەقىقەتەن ئۆي ئېلىشقا تىگىشلىك ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى، چوقۇم خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى، زىمىندىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى ، شەھەر-يېزا پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش چوقۇم شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى، زىمىندىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى، شەھەر-يېزا پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر پىلانلىرىنى بىكىتكەندە، چوقۇم جەمئىيەتتىن كەڭ-كۆلەملىك ئامما پىكىرىنى ئېلىش ۋە ئىلمى دەلىللەشتىن ئۆتۈشى كېرەك. 

10-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش لايىھىسىنى تەييارلاپ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى كېرەك . 

شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ لايىھەنى ئىلمى دەلىللەپ ۋە ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. پىكىر ئېلىش مۇددىتى 30 كۈندىن قىسقا بولماسلىقى كېرەك. 

11-ماددا: شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلىنغان پىكىر ئەھۋاللىرىنى ۋە جامائەت پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىلگەن ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. 

كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىھتىياجى بىلەن ئۆي ئېلىشتا كۆپ ساندىكى ئۆيى ئېلىنغۇچى ئېلىش، تولۇقلىما بىرىش لايىھىسى مەزكۇر نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغاندا ، شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ۋە ئامما ۋەكىلى قاتناشقان دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تەشكىللىشى كېرەك ھەمدە دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. 

12-ماددا: شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جەمئىيەت مۇقۇملۇق خەتىرىنى باھالاپ چىقىشى كېرەك ؛ ئەگەر ئۆي ئېلىش قارارى چېتىلىدىغان ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر 

كۆپ بولسا ، ھۆكۈمەت دائىمى ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. 

ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئېلىش تولۇقلىما خىراجىتى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس ھىسابتا ساقلىنىپ، ئۆز جايىغا ئىشىلتىلىشى كېرەك. 

13-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ئېلاندا ئېلىش تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى، مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىدەۋا قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئىشىلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 

شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆي ئېلىش، تولۇقلىما بېرىشكە دائىر تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 

ئۆي قانۇن بويىچە ئېلىنغان بولسا، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقى تەڭ قايتۇرىۋېلىنىدۇ. 

14-ماددا: ئۆيى ئېلىنغۇچى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان ئۆي ئېلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

 15-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى، ئورۇن، ئىشلىتىش ئورنى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەشكىللىك تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا تەشكىللىشى، ئۆيى ئېلىنغۇچى تەرەپ ماسلىشىشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆي ئېلىش دائىرىسىى ئىچىدە ئۆيى ئېلىنغۇچىغا ئاشكارە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. 

 16-ماددا: ئۆي ئېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش دائىرىسى ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىپ سېلىش، ئىشىلتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تولۇقلىما پۇلىنى ئورۇنسىز كۆپەيتىش ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىلغان بولسا، تولۇقلىما پۇلى بېرىلمەيدۇ. 

ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇشنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. رەسمىيەت بىجىرىشنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى يازما ئوقتۇرۇشتا ئېنىق ئوقتۇرۇلۇشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

ئۈچىنچى باب تولۇقلىما بېرىش 

 17-ماددا: ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا بېرىدىغان تولۇقلىما دائىرىسى: 

 (1) ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما؛ 

 (2) ئۆي ئېلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كۆچۈرۈش، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى. 

 (3) ئۆي ئېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتتىن توختاش زىيىنى تولۇقلىمىسى. 

شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇقلىما ياردەم ۋە مۇكاپاتلاش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆيى ئېلىنغۇچىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى ۋە مۇكاپات بېرىشى كېرەك. 

18-ماددا: شەخسىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئېلىنغان بولۇپ، ئۆيى ئېلىنغۇچى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىن تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى بېرىشى كېرەك. كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ. 

19-ماددا: ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆي ئېلىش قارارى ئېلان قىلىنغان كۈندىكى ئېلىنغان ئۆي بىلەن ئوخشاش ئۆي يەر مۈلۈكنىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىنى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتلىرى ئۆي ئېلىشتا باھالاش چارىسىگە ئاساسەن باھالاپ بېكىتىدۇ. 

ئېلىنغان ئۆينىڭ باھالاپ بېكىتىلگەن قىممىتىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسا، ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ باھالاپ بېكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

ئۆي ئېلىشتا باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئولتۇراق ئۆي شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ. چارىنى تۈزۈش جەريانىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارە پىكىر ئېلىش كېرەك. 

20-ماددا: ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتىنى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشمىسە، كۆپ سانلىق بېكىتىش، ئىختىيارى تاللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر 

بېكىتىدۇ. ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتى مۇستەقىل، ئوبېكىتىپ، ئادىللىق بىلەن ئۆي ئېلىش باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىس ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. 

21-ماددا: ئۆيى ئېلىنغۇچى نەق پۇل بىلەن تولۇقلىما بېرىشنى تاللىسىا بولىدۇ، ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىغاندا، شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي بىلەن تەمىنلىشى، ئۆيى ئېلىنغۇچى بىلەن ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى تىگىشىلىدىغان ئۆينىڭ قىممىتى ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقىنى ئېنىق ھېسابلاپ ئۈزۈشى كېرەك. 

كونا شەھەر رايۇنلىرى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەخسى تۇرالغۇ ئۆي ئېلىنغان بولۇپ، ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان جايدىكى ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا تېگىشىشنى تاللىغان بولسا، ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان جايدىكى ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايدىكى ئۆي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 

22-ماددا: ئۆي ئېلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كۆچۈرۈش ئىشىدا ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆيى ئېلىنغۇچىغا كۆچۈرۈش چىقىمىنى بىرىشى كېرەك؛ ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىغان بولسا مۈلۈك ھوقۇقى تېگىشىلگەن ئۆينى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆيى ئېلىنغۇچىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلى بېرىشى ياكى ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 

23-ماددا: ئۆي ئېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتتىن توختاش زىيىنى تولۇقلىمىسى ئۆينىڭ ئېلىشتىن بۇرۇنقى پايدىسى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتتىن توختاپ قېلىش ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كونكىرىت چارىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ. 

24-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش-نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ قۇرۇلۇش قىلغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئېلىش دائىرىسىى ئىچىدىكى تىزىملانمىغان قۇرۇلۇشقا قارىتا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش، بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. قانۇنلۇق قۇرۇلۇش دەپ بېكىتىلگەنلىرى ۋە تەستىق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا تولۇقلىما بىرىش كېرەك؛ قانۇنسىز قۇرۇلۇش دەپ بېكىتىلگەن ۋە تەستىق مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا تولۇقلىما بېرىلمەيدۇ. 

 25-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى مەزكۈر نىزامنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە تولۇقلىما ئۇسۇلى، تولۇقلىما پۇلى ۋە بېرىش ۋاقتى، مۈلۈك ھوقۇقى تېگىشىلگەن ئۆينىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى، كۆچۈرۈش چىقىمى، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى ياكى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتتىن توختاش زىيىنى، كۆچۈرۈش ۋاقتى، ئۆتكۈنچى ئۇسۇل ۋە ئۆتۈش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلار توغرىلىق تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش كېرەك. 

تولۇقلىما كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىسا، قارشى تەرەپ قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

26-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆي ئېلىش تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن كېلىشىم تۈزۈش مۆھلىتى ئىچىدە كېلىشىم تۈزەلمىسە ياكى ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىگىدارى ئېنىق بولمىسا، ئۆي ئالغۇچى ئورۇن ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە مەزكۈر نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە ئېلىش تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىگە ئاساسەن تولۇقلىما بېرىش قارارى چىقىرىش ۋە ئۆي ئېلىش دائىرىسدە ئېلان قىلىشقا يوللايدۇ. تولۇقلىما بېرىش قارارى ئادىل بولۇشى، مەزكۇر نىزامنىڭ 25- ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. ئۆيى ئېلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

27-ماددا: ئۆي ئېلىشتا ئاۋۋال تولۇقلىما بىرىش، ئاندىن كۆچۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا تولۇقلىما پۇلى بەرگەندىن كېيىن، ئۆيى ئېلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ياكى تولۇقلىما بېرىش قارارىدا بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە كۆچۈشى كېرەك. 

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ۋەيول قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆيى ئېلىنغۇچىنى كۆچۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ كۆچۈرۈشكە قاتنىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. 

28-ماددا: ئۆيى ئېلىنغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس سۇنمىسا ياكى مەمۇرى دەۋا قىلمىسا، تولۇقلىما بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كۆچمىسە، ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. 

مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ئىلتىماسىدا تولۇقلىما پۇلى ۋە مەخسۇس ھېساب نومۇرى، مۈلۈك ھوقۇقى تېگىشىلىدىغان ئۆي ۋە ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئورنى، كۆلىمى قاتارلىق ماتېرىياللار قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك. 

29-ماددا: ئۆي ئالغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئۆي ئېلىش تولۇقلىما پۇلى بىرىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ھەمدە ئائىلىلەر بويىچە تولۇقلىما بىرىش ئەھۋالىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىى ئىچىدە ئۆيى ئېلىنغۇچىلارغا ئاشكارە ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تولۇقلىما پۇلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇپەتتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش ئېلان قىلىشى كېرەك. 

تۆتىنچى باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

30-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆي ئالغۇچى ئورۇننىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتى جەريانىدا مەزكۇر نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، شەخسى غەرەز بىلەن كۆز بۇيامچىلىق قىلسا، يوقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 

31-ماددا: زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ۋەيول قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆيى ئېلىنغۇچىنى كۆچۈشكە زورلاپ، زىيان پەيدا قىلغان بولسا قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملار جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇنى بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ. 

32-ماددا: زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ. 

33-ماددا: تولۇقلىما پۇلىنى خيانەت قىلغان، يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، كەينىگە سۈرگەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پۇل قايتۇرىۋېلىنىدۇ، مۆھلەت ئىچىدە قانۇنسىز ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئورۇنلار ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. زىيان پەيدا قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. 

34-ماددا: ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتى ياكى ئۆي يەر مۈلۈك باھالىغۇچىلار ساختا ياكى زور خاتالىق بولغان باھالاش دوكلاتى چىقارغان بولسا، گۇۋاھنامە تارقاتقان ئورگان چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ ھەمدە ئۆي يەر مۈلۈك باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتىغا 50 مىڭ يۈەندىن يوقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۆي يەر مۈلۈك باھالىغۇچىغا 10 مىڭ يۈەندىن يوقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئىناۋەت ئارخىپىدا خاتىرلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى، رۇيخەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ. زىيان پەيدا قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 

بەشىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 

35-ماددا: مەزكۇر نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 2001- يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «شەھەر ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى» بىرلا ۋاقتتا ئەمەلدىن قالىدۇ. مەزكۇر نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىلگەن تۈرلەر داۋاملىق ئەسلى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ، لېكىن، ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى مەجبۇرىي چېقىپ-كۆچۈرۈشىگە بۇيرۇشقا بولمايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#