تەڭپۇڭ لىم

تەڭپۇڭ لىم

تەڭپۇڭ لىم ئاياللار مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ھەر خىل سەكرەش قەدەملىرى، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، تەڭپۇڭ بولۇش، فىگۇرا چىقىرىش، ئەۋرىشىم موللاق، دومىلاش، تايىنىپ ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تەڭپۇڭ لىم
خەنزۇچە ئىسمى 平衡木

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەڭپۇڭ لىمتەڭپۇڭ لىم ئاياللار مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ھەر خىل سەكرەش قەدەملىرى، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، تەڭپۇڭ بولۇش، فىگۇرا چىقىرىش، ئەۋرىشىم موللاق، دومىلاش، تايىنىپ ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈن ھەرىكەتنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە (چوڭلارنىڭ 1 مىنۇت 10 سېكۇنتتىن 1 مىنۇت 30 سېكۇنتقىچە) ئورۇنداپ بولۇش، 500 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەڭپۇڭ لىم ئۈستىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ھەرىكەتچان ھالەت بىلەن تىنچ ھالەتنى بىرلەشتۈرۈپ، دولقۇنسىمان ھەرخىل ماھارەت ۋە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. لىمنىڭ يۈزى 10 سانتىمېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، 120 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى تۈۋرۈككە مۇقىملانغان بولغاچقا، تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ دەللىكى ۋە تەڭپۇڭلىنىش ئىقتىدارىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تولىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

تەڭپۇڭ لىمدۇنيادا يانچە بۇرۇلما موللاق ئېتىپ بەدەننى تۈزلەپ 360 گرادۇس بۇرۇلۇش ھەرىكىتىدىن باشقا، ھەر خىل موللاق ئېتىپ لىمغا چىقىش ۋە پىرقىراپ چۈشۈشمۇ ئومۇملىشىپ، ئۈچ موللاق، تېز سۈرئەتلىك موللاق، بويىغا ۋە توغرىسىغا سەكرەش قەدىمىدە بەدەن بۇراش ھەمدە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇش دېگەندەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەرمۇ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 

جۇڭگونىڭ 14 ياشلىق ماھىرى ياڭ بو 1989-يىلىدىكى دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم بۇ تۈرنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كەينىچە تايىنىپ موللاق ئېتىپلا، يەنە كېرىلمە موللاق ئېتىش، ئۇلاپلا 360 گرادۇسلۇق تىكلەنمە موللاق ئېتىپ، يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم كېرىلمە موللاق ئېتىشتىن ئىبارەت كۆركەم ھەم كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ھەرىكىتىنى دۇنيادا تېخى ھېچكىم ئورۇندىيالمىدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#