ئۇچتۇرپان بازىرى
ئۇچتۇرپان بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇچتۇرپان بازىرىئۇچتۇرپان بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان.
ئۇچتۇرپان بازىرى ناھىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، نوپۇسى 24507 ئادەم، قارىمىقىدا بەش مەھەللە، ئۈچ ئاھالە كومىتېتى بار. 1-،2-، 3-كەنت ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، قاتناش شارائىتى قۇلايلىق، يېرى مۇنبەت، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسى. ئۈچ كەنتتە جەمئىي 917 ئائىلە، 5234 ئادەم بار، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7350 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6574 مو، ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 4597.9 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 1953 مو، 2002-يىلى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1452 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 556.7 كىلوگرام بولغان.
ئۇچتۇرپان بازىرى1.پۈتۈن بازاردىكى كۆكتات تېرىقچىلىقى 225 پارنىكنى ئاساس قىلىدۇ، ھەر يىلى جەمئىي 600 مودىن ئارتۇق تېرىلىدىغان بولۇپ، يىلىغا 3200 توننا مەھسۇلات ئېلىنىدۇ. 20 نەچچە خىل سورتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2000 توننا ئەلا سورتلۇق يېسىۋېلەك ئۆستۈرىلىدۇ.
2.بازار بويىچە 2-كەنتى مەركەز قىلغان ھالدا، كالا، قوي بورداش بازىسى شەكىللەندۈرۈلگەن.
3.3-كەنتتە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ بازارلىق كۆچەت بازىسى 3-كەنىتكە قۇرۇلغان، نۆۋەتتە 250 مىڭ تۈپ ئەلا سۈپەتلىك كۆچەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭاق 80 مىڭ تۈپ، شەندۇڭ ئۆرۈكى 90 مىڭ تۈپ، شاپتۇل 80 مىڭ تۈپ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.