قارا تۇرنا

قارا تۇرنا

قارا تۇرنا (ئىلمىي نامى: Ciconia nigra) بىر خىل شەكلى گۈزەل، رەڭگى روشەن، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى ھوشيار، چوڭ تىپتىكى تۇرنا ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) دىن ھاسىل بولغان قۇش.

ئۇيغۇرچە نامى قارا تۇرنا
ئىنگلىزچە نامى Black Stork
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى لەيلەكسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى لەيلەك ئۇرۇقدىشى، تۇرنا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑鹳
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى لەيلەك ئائىلىسى، تۇرنا ئائىلىسى
تۈرى قارا لەيلەك، قارا تۇرنا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا تۇرناقارا تۇرنا (ئىلمىي نامى: Ciconia nigra) بىر خىل شەكلى گۈزەل، رەڭگى روشەن، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى ھوشيار، چوڭ تىپتىكى تۇرنا ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) دىن ھاسىل بولغان قۇش. قۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى1-1.2 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 2-3 كىلوگرام؛ تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم توم، باش، بويۇن، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، ئېغىزى ۋە پۇتى قىزىل رەڭلىك. كۆكرەك، قورساق قىسمى ساپ ئاق رەڭلىك پەيلىرى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قارا رەڭلىك. ئېگىز دەرەخ ياكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىپتىكى ئۇۋا ياسايدۇ، بويۇن سوزۇپ ئۇچىدۇ،

بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. دەريا بويىدا، سازلىق ۋە تاغلاردىكى ئېقىن ئەتراپىدا ياشايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە.

قارا تۇرنا كۆپ ساندىكى كۆچمەن قۇشلارغا ئوخشاش بۇلۇپ، پەقەت ئىسپانىيەدىلا كۆچمەس قۇشلار. پەقەت ئاز ساندىكىلىرى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزىغا بېرىپ قىشتىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي ئافرىقىدا تۈر توپى كۆپ ئەمەس. بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت قۇشى. 

قارا تۇرناقارا تۇرنا ئىككى جىنسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قۇش تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم تۈز بولۇپ، تۈۋى قىسمى بىر قەدەر يىرىك، ئالدى ئۇچى تەدرىجىي ئىنچىكە. بۇرۇن تۆشۈكى كىچىك بولۇپ، شەكلى يېرىق ھالەتتە بولىدۇ. 2-ۋە 4-تال دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى باشقا پەينىڭ تۈكچىللىرىدە ئاراچ بار. قۇيرۇقى يۇمىلاق، قۇيرۇق پەيلىرى 12 تال. پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، پاقالچاق ئاستى قىسمى يالىڭاچ، ئالدى بارماقلىرىنىڭ تۈۋى بىرلىشىپ ئارلىقلىرىدىكى ئۈزۈش پەردىسى، دىقماق ۋە قىسقا پەنجىلىك. باش، بويۇن، ئۈستىنكى تېنى قارا رەڭلىك، بويۇن قىسىملىرى نۇر يورۇقىدا يېشىل پارقىراپ تۇرىدۇ. دۈمبە، مۈرە ۋە قانات قىسىملىرى سۆسۈن رەڭلىك ۋە مىس رەڭ، پارقىراق، كۆكرەك قىسمى سۆسۈن ۋە يېشىل رەڭلىك پارقىراپ تۇرىدۇ. بۇرۇن، بويۇن ئاستى پەيلىرى ئۇزىراپ يۇمشاپ كەتكەن بويۇن پەيلىرى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ. قۇشنىڭ تۆشى، ئىككى بېقىنى ۋە قويرۇقىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ. باشقا رەڭدار پەيلىرى قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا رەڭلىك. تۇمشۇقى قىزىل، ئۇچى سەل سۇس، كۆز ئەتراپى يالىڭاچ، تېرە ۋە پۇتى قىزىل رەڭلىك. 

قۇشنىڭ باش، بويۇن ۋە كۆكرەك قىسمى قوڭۇر رەڭلىك، يۇقىرىقى گەۋدە ئىككى قانات ۋە قۇيرۇقى قارا قوڭۇر رەڭدە، باشقا قىسىملىرى يېشىل ۋە سۆسۈن رەڭلىك پارقىراق بولىدۇ، يېپىنچا پەي قانات، مۈرە قانىتى، ئىككىلەمچى پەي، ئۈچىنچى قانىتى ۋە قۇيرۇق پەيلىرى سۇس سارغۇچ قوڭۇر دېغى بار. 

چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمى

قارا تۇرنائەركەك قارا تۇرنا بەدەن ئېغىرلىقى 2570g-2600، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000mm-11000، تۇمشۇق ئۇچى 188-195mm، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 540-592mm، قۇيرۇقى ئۇزۇنلۇقى 237-259mm، ئۇشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 195-223mm. 

چىشى قارا تۇرنا بەدەن ئېغىرلىقى 2150-2747g؛ 1046-1172mm، تۇمشۇق ئۇچى 158-197mm، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 512-559mm، قۇيرۇقى ئۇزۇنلۇقى 236-267mm، ئۇشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 196-229mm. 

كۆپىيىش مەزگىلىدە چەت ھەم كاشىلىسىز كەڭ ئورمان، دەريا، ئورماننىڭ سازلىق جايلىرى، دائىم چۆل-باياۋان ۋە قاقاس تاغ ئەتراپىدا پەيدا بولغان كۆل، سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭ، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار، سازلىق بەلۋاغ قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. قىشتا ئاساسلىقى ئوچۇقچىلىقتىكى كەڭ كۆل، دەريا، سازلىقلاردا، بەزىدە ئېتىز ۋە ئوتلاقلاردىمۇ ياشايدۇ.  

كۆچۈشى 

قارا تۇرنا بىر خىل كۆچمەن قۇش بۇلۇپ، لېكىن ئىسپانىيە كۆپ قىسمى ياشايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى قارا تۇرنا غەربىي ئافرىقىنىڭ جەبىلتارىق بوغۇزىدا قىشلايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپرەك تۈر توپى كۆچۈشى بار، پەقەت كۆپىيىش مەزگىلىدا ھەممىسى دېگۈدەك ئافرىقىغا بېرىپ قىش ئۆتكۈزىدۇ؛ غەربىي قەدىمكى شىمالىي ۋە شەرقىي ياۋروپادا كۆپرەك تۈر توپى ئاساسلىقى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ئۇچى بوسفور بوغۇزى بويلاپ كېسىپ ئۆتۈپ كۆچۈپ ئافرىقىغا بېرىپ قىش ئۆتكۈزىدۇ؛ غەربىي ئاسىيادىكى كۆپرەك تۈر توپى ئاساسلىقى ھىندىستان كۆچۈپ قىشلايدۇ. ھالبۇكى، رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋە جۇڭگو كۆپرەك تۈر توپىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا قىشتىن ئۆتىدۇ؛

ئادىتى 

يالغۇز مىجەزلىك بولۇپ، كۆپىنچە يالغۇز ياكى جۈپ-جۈپ ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ سۇ بويىدىكى تېيىز يەرگە ياكى سازلىقتا، بەزىدە كىچىك توپ بولۇپ ياشايدۇ. كۈندۈزى ھەرىكەتلىنىدۇ، كەچتە كۆپۈنچە سۇ بويىدا، ساھىللاردا ياكى سۇ ئوتتۇرىسىدىكى قۇم ئارالچىلىرىدە توپلىشىپ ياشايدۇ. بىرەر شەپە ياكى ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامان جىم بولۇپ قالىدۇ.  ھۇشيار ھەم قورقۇنچاق، ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان.

ئوزۇقلىنىشى 

قارا تۇرناقارا تۇرنا ئاساسلىقى تاپان بېلىق، بايقال لېئۇتسسكۇس بېلىقى، دوغىلاق بېلىق، راك بېلىق، ئاق بېلىق، پۈۋەكچى بېلىق، لاييېگەك، ئۇزۇنچاق لاييېگەك، كۇتتۇس بېلىقى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى بېلىق تۈرلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پاقا، سازاڭ، راك، قارا چېكەتكە، مايقوڭغۇز، دەريا راكى، قىسقۇچپاقا، قۇلۇلە، يۇمشاق تەنلىكلەر، قاسراقلىقلار، كېمىرگۈچى، كىچىك تىپتىكى يەر باغىرلىغۇچىلار، قۇش بالىسى ۋە ھاشارات قاتارلىق باشقا ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىمۇ ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ. ئادەتتە ئوزۇقلۇققا دەريا، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار، كۆل، شۇيتاڭ، ئېتىز، سازلىق، چىملىق ئۈستى، سۇ تېيىز يەرگە چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئاساسلىقى بىشى ئارقىلىق چۆكۈپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ. يېمەكلىكنى ئىتتىك، تۇيۇقسىز چوقۇلاپ يەيدۇ، بەزىدە ئۇزۇن ۋاقىت بىر جايدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.

قارا تۇرناقارا تۇرنا كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسەن تۆت ئەتراپى چەت ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئاز بولغان  يەرگە ئۇۋا سالىدۇ. جۇڭگودا چاڭگا ياساش مۇھىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: يەنى ئورمان، چۆل-باياۋان ۋە قاقاس تاغ.

سازلىقلاردا ئۆسكەن بال قارىغاي دەرەخكە ئوخشاش جايغا ئۇۋا سالىدۇ. ئادەتتە جۈپى بىلەن ئايرىم ئۇۋا ياسايدۇ، ئۇۋىسى ناھايىتى يوشۇرۇن بولغاچقا، ئاسان بايقىلىپ قالمايدۇ. 3-ئاينىڭ بېشىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرسىغىچە ئۇۋا ياساشقا باشلايدۇ، ئۇۋا ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2-3 مېتىر. ئەگەر شۇ يىلى ئۇۋىسىغا كاشىلا قىلىنمىغان بولسا ئىككىنچى يىلى ئۇۋا يەنە داۋاملىق قارا تۇرنا تەرپىدىن پايدىلىنىپدۇ. ئۇۋىسىنى ئاساسلىقى قۇرۇق دەرەخ شېخى ئىچىگە مۇخ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى، قۇرۇق ئوت، دەرەخ قوۋزىقى، قومۇش، يۇڭ ۋە ئۇششاق پارچىلار قاتارلىقلار، ئۇۋىسى تەخسىسىمان بولىدۇ. ئەركەك، چىشى قۇش ئورتاق قاتنىشىپ ئۇۋا سالىدۇ. ئەركەك قۇش ئاساسلىقى ئۇۋىغا ماتېرىيال ئىزدەش ۋە توشۇشقا، چىشى قۇش ئۇۋا ياسايدۇ.

3-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدىن ئاخىرغىچە تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ، 4-ئاينىڭ بېشىدىن ئوتتۇرسىغىچە،  كېچىككەندىمۇ 4-ئاينىڭ بېشىدىن 5-ئاينىڭ بېشىغىچە تۇخۇم تۇغۇپ بولىدۇ، بىر يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ. ھەر ئۇۋىدا ئادەتتە 5 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، ئاق رەڭىلك، سىلىق دېغى يوق، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 77.3g. ئەركەك چىشى قۇش نۆۋەت بىلەن تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 31 كۈن، چۈجە چىقىرىش نىسبىتى %61، 33 كۈن تۇخۇم بېسىش مەزگىلىدە چۈجە چىقىرىش نىسبىتى %55 بولىدۇ. چۆجىسى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، چۈجىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىدە ئاق رەڭلىك تىۋىت-پېيى بار. 

قارا تۇرنا قۇش بالىسى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، قۇش چاڭگىنى ئەڭ ئۇزۇن مەزگىلى 70 كۈنلۈك بولغاندا ئاندىن ئۇچۇش ئىقتىدارى يىتىلىپ ئۇۋا ئەتراپىدا قىسقا ئارىلىقلىق ئۇچۇش مەشىقى قىلىدۇ، 75 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن ئانىسىغا ئەگىشىپ دەريا كۆل قىرغىقى ياكى دەريا ساھىلى ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، كېچىدە يەنىلا ئۇۋىغا قايتىپ كېلىدۇ. ھەتتا 100 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇۋىسىغا قايتىدۇ، ئانا قۇشقا ئەگىشىپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پائالىيەت قىلىدۇ. قۇش بالىلىرى ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 31 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ. 

دۇنياغا تارقىلىشى 

ئەسلىي جايى: ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئالجىرىيە، ئانگولا، ئەرمىنىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بۇتان، بوسنىيە- گېرتسېگوۋېنا، بوتسۋانا، بۇلغارىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، جوڭگو، كوتى دى ئىۋۇئېر، كرودىيە، سىپرۇس، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، جىبۇتى، مىسىر، ئېرىترىيە، ئېستونىيە، ئېفىئوپىيە، فرانسىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، گىبرالتار، ئەنگلىيە، گرېتسىيە، گۋنىيە، شياڭگاڭ، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، كېنىيە، چاۋشيەن، كورېيە، قىرغىزىستان، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، لاتۋىيە، لىۋان، لېسوتو، لىۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مالاۋى، مالتا، ماۋرىتانىيە، مولدوۋا، موڭغۇلىيە، خېيشەن، ماراكەش، موزامبىك، بېرما، نامىبىيە، نىپال، گوللاندىيە، نىگېرىيە، پاكىستان، پەلەستىن، بولان، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېنېگال، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدان، ئىسپانىيە، سرلانكا، سۇلتان، سۋېزىلاند، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، تايلاند، توگو، تۇنىس، رۇم، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئۇگاندا، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، ۋيېتنام، يەمەن، زامبىيە، زىمبابۋې.

كۆچمەن قۇشلار: بېنىن، بۇركىنا فاسو، كامېرۇن، چاد، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، فىنلاندىيە، گامبىيە، گانا، ئېرلەن، كۇۋەيىت، لىچتېنشتېين، مالى، نىگېر، نورۋېگىيە، ئامان، قاتار، رۋاندا، سۇمالى، ئەرەب بىرلەشمە كىنەزلىكى، ئەنگلىيە

جوڭگودا تارقىلىشى 

قارا تۇرنا جۇڭگودا تارقىلىشىشىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسى، تەڭرىتاغ تېغى، ئالتاي تېغى، جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئويمانلىقى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى، چىليەنشەن تېغى، گەنسۇنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمى، چىليەنشەن تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبى، جاڭيې غەربىي شىمال قىسمى، بوربۇلاق، دۇنخۋاڭ، ۋۇلياڭسۇخەي كۆلى، خۇخوت، چىفېڭ، ئارۇن دەرياسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، خاربىن، مۇدەنجياڭ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭبەيشەن تېغى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، ئەنشەن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى يەنشەن، خېنەن فۇنيۇشەن تېغى، شەنشىنىڭ شىمالى، يەنئەن قاتارلىق جايلاردا كۆپىيىدۇ.

سەنشى، خېنەن، شەنشىنىڭ جەنۇبى قىسمى، سىچۇەن، يۈننەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇانەن، كوخوگۇ، جياڭشى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا قىش ئۆتكۈزىدۇ.

قارا تۇرناقارا تۇرنا ئىلگىرى بىر خىل بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ھەم بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان چوڭ تىپتىكى بىر خىل سۇ كەچكۈچى قۇشلار بۇلۇپ، بىراق تۈر توپىنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈنەرلىك ئازايغان. ناھايىتى كۆپ كۆپىيىدىغان جايىدا بولسا، مەسىلەن: شۋېتسىيە، دانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. باشقا بەزى دۆلەتلەردە، مەسىلەن: گېرمانىيە، فرانسىيە، گرېتسىيە ۋە چاۋشيەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ناھايىتى ئاز. 

قارا تۇرنا كۆپىيىشى روشەن بولغان رايونلار، ئاساسلىقى: پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ۋېنگرىيە، گېرمانىيە شەرقىي قىسمى، بولان، چېخوسلوۋاكىيە، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر، جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردا كۆپىيىشى روشەن بولغان، بىراق تۈر توپىنىڭ مىقدارى چوڭ بولمىغان. غەربىي ياۋروپادا ئاللىقاچان روشەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھالەتتە. 

قارا تۇرنا تۈر توپىنىڭ ساننىڭ ئازىيىشى ئاساسلىق سەۋەب ئورمان كېسىش، سازلىقنى نەم يەر ئېچىلغان، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە يامانلىششى، يەنى: بېلىق ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى مەنبەسى ئازىيىپ كېتىپ، ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ۋە قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈر توپىنىڭ ساننىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قارا تۇرنا ماكانى: لىڭچىيۇ ناھىيەسىدە ئۆزگىچە ئېكولوگىيلىك مۇھىت ۋە بىر قەدەر مول جانلىقلار بايلىقى بار، تارىختىن بۇيان قارا تۇرنىنىڭ ئاساسلىق كۆپىيىش ۋە قىشتىن ئۆتىدىغان ماكانىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قارا تۇرنا تۈر توپى مەركەزلىك تارقالغان رايون. 2002-يىلى 6-ئايدا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قارا تۇرنا ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. جۇڭگو ياۋايى ھايۋان قوغداش جەمئىيىتى لىڭچىيۇ ناھىيەسى «جۇڭگو قارا تۇرنا يۇرتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 

قارا تۇرنا«ئۆز دۆلىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئەھدىنامىسى» I CITES- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

«جۇڭگو دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات مۇندەرىجىسى» 1-دەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن.

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى (IUCN)؛ 2002-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك مۇندەرىجىسى» ver 3.1 ____ خەتىرى تۆۋەن (LC).[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#