جەنۇبىي سۇدان

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى (ئىنگلىزچە: The Republic of South Sudan) قىسقارتىلىپ جەنۇبىي سۇدان دىيىلدىغان بۇلۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شەرق تەرىپى ئېفىئوپىيە بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كونگۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە ۋە ئۇگاندا بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى تەرىپى سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى جەنۇبىي سۇدان 南苏丹
ۋاقىت رايونى UTC+3
دۆلەت شېئىرى 《南苏丹万岁!》
سىياسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 南苏丹共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى لامۇسار (2011-يىلى 9-ئايدا بىكىتىلگەن)
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى
نوپۇسى 11 مىليون 900 مىڭ (2016-يىلى 2-ئاي)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى (ئىنگلىزچە: The Republic of South Sudan) قىسقارتىلىپ جەنۇبىي سۇدان دىيىلدىغان بۇلۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شەرق تەرىپى ئېفىئوپىيە بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كونگۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە ۋە ئۇگاندا بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى تەرىپى سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇداننىڭ نوپۇسى 11 مىليون 900 مىڭ (2016-يىلى 2-ئاي) (دۇنيا بويىچە 94- ئورۇندا) نوپۇس زىچلىقى 19/ ئادەم كۋادرات كىلومېتىر (دۇنيا بويىچە 214-ئورۇندا)، دۆلەت زېمىنى 619 مىڭ 745 كۋادرات كىلومېتىر (دۇنيا بويىچە 42-ئورۇندا). پايتەختى لامۇسار (2011-يىلى 9-ئايدا بىكىتىلگەن). پايتەختى جۇبا جەنۇبى سۇداندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر.

جەنۇبىي سۇدان ئەسلى ئەنگلىيە-مىسىر ئورتاق باشقۇرىشىدىكى سۇداننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1956-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئۇ سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى 10 ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمى 1972-يىلدىن 1983-يىلغىچە مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان. 1983-يىلى سۇداننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلاپ، 2005-يىلى «ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان، ھەمدە سۇدان جەنۇبىي ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 2011-يىلى جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بان كىمۇنمۇ قاتناشتى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي سۇدان ئەڭ يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەت. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى1920-يىللىرى مىسىر سۇداننىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ھەم جەنۇبىي قىسمىغىچە كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ ھېچقانداق تارىخىي خاتىرىسى يوق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ئاساسەن ئېغىزدا ئېقىپ يۇرگەن تارىخقا ئاساسلىناتتى. مىلادىيە 10-ئەسىردىن ئىلگىرى نىللىقلار كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراقلاشقۇچىلارغا ئايلانغان.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى بېسىۋالدى. 1899-يىلى مىسىر بىلەن ئەنگلىيە سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئورتاق ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەنگلىيە ئەسلى سۇداننىڭ جەنۇبىي ۋە ئۇگانداغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللەت، دىن، مەدەنىيەت پەرقى سەۋەبىدىن، 1947-يىلىدىكى جۇبا يىغىنىدا سۇداننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارار قىلىندى.

1955-يىلى سۇداننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىرىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلىغان. 1972-يىلى ئەددىسئەبېبەدە ئىمزالانغان « ئەددىسئەبېبە» كېلىشىمىدە سۇداننىڭ جەنۇبىغا چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىلگەندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش ۋاقىتلىق ئاخىرلاشقان.

1983-يىلى سۇدان زۇڭتۇڭى جائافار نىمېيرى پۈتۈن دۆلەتتە ئىسلام قانۇنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭغا نارازى بولغان جەنۇبى تەرەپ «سۇدان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىغان، ئىككىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلىدى. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپ «ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان، 21 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. كېلىشىمدە جەنۇب تەرەپ ئاپتونومىيە ھوقوقىغا ئىگە بولدى، شىمال تەرەپ يۈرگۈزگەن ئىسلام قانۇنى جەنۇب تەرەپكە ماس كەلمىگەن، شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويغان.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئابۇيالىدىن چېكىنىپ چىقىشقا قوشۇلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە دۆلەتنىڭ سۆھبەت خادىملىرى 4200 نەپەر ئېفىئوپىيە ئەسكىرىنىڭ ئابۇيالىنىڭ تېنچلىقىنى ساقلاش تەكلىپىنى بەرگەن.

2011- يىلى جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولۇشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30- كۈنى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان %98.83 ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللىغان. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ بىر ئەزاسى «تونۇشلۇق ۋە قولايلىق بولۇشى» نى ئاساس قىلىپ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ نامىنى «جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى» دەپ بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قوللىنىشنى ئويلاشقان دۆلەت ناملىرى قەدىمكى يەھۇدىلارنىڭ ئىنجىلىدا خاتىرلەنگەن «گۇش»، «نىل دەرياسى جۇمھۇرىيىتى»، «يېڭى سۇدان» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ يىلى سۇدان زۇڭتۇڭى رەسمىي ھالدا جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، جەنۇبىي سۇدان رەسمىي ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى 54- دۆلەتكە ئايلانغان. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، 65-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى نيۇيوركتا شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۇبىي سۇداننى رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 139-ئەزاسىغا قوبۇل قىلغان.

 جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى كېنىيە، ئېفىئوپىيە بىلەن چېگرىلانغان قىسمىدىكى «ئىلەمىي (ilemi) ئۈچ بۇرجىكى» تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان يەر، ھازىر كېنىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، جەنۇبىي سۇدان بىلەن ئېفىئوپىيە بۇيەرگە نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئورنى

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي سۇداننىڭ يەر مەيدانى 620 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، شەرق تەرىپى ئېفىئوپىيە بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كونگۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە ۋە ئۇگاندا بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى تەرىپى سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇدان شىمالىي كەڭلىك 10 گرادۇسنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ.

جەنۇبىي سۇداننىڭ يەر شەكلى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى، ئوتلاق ۋە سازلىقنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبى سۇدان رايونىنىڭ بىر يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 600 دىن 2000 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇرلۇق پەسلى بولىدۇ، ئاق نىل دەرياسى بۇ رايوننى كېسىپ ئۆتكەن ۋاقىتتا، يانتۇلۇقى بەك كىچىك، پەقەت 13 مىڭدىن بىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇگاندا ۋە ئېفىئوپىيە ئىككى تەرەپتىن كەلگەن كەلكۈن سۈيى بۇ رايونى توغرىسىغا توسۇپ قالىدۇ. ئېقىن تېزلىكى ئاستىلىغاندىن كېيىن، تاشقىن تېشىپ، چوڭ كۆلەمدىكى سازلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ سۇد (sudd) سازلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

ھاۋا كىلىماتى

ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بەلۋاغ قۇرغاق ۋە نەم پەسىللىك ھاۋا ئاساس بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ئايرىلىشى ئېنىق ئەمەس. ھەريىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇر پەسلى بولىدۇ، 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ.

مەنزىرە رايونلىرى

جەنۇبى سۇداننىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىن جەنۇب تەرەپ دۆلەت باغچىسى، بەندىنگىلو دۆلەت باغچىسى (Bandingilo National Park)، بوما دۆلەت باغچىسى (Boma National Park) بار.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىمۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى جەنۇبىي سۇداندا نېگىرلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى، ئانىمىزىم ئېتقادى كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيتتى. ئاز بىر قىسمى پروتېستانت دىنى، كاتولىك دىنى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئاساسلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نېگىر ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان سۇداننىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن پەرقلىنەتتى. مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقاد تەرەپتىكى پەرق سۇداننىڭ ئىككىگە بۆلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەسىرىدە، ئىنگلىز تىلىنى كەڭ دائىرىدە قوللانغان، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىمۇ ئىنگلىز تىلىنى ئىشلەتكەن. ئەرەب تىلى ۋە باشقا ئانا تىللارنىمۇ تەڭ قوللانغان.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجەنۇب تەرەپنىڭ دىنى ئېتىقادىنى 1956-يىلدىن باشلاپ، ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغىنى ئىسلام دىنى بىلەن پروتېستانت دىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەنئەنىۋى يەرلىك دىنىي ئېتىقادلار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارغا ئەمەل قىلىدۇ. سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم ئاھالە ئەنئەنىۋى يەرلىك ئېتىقادلارنى ساقلاپ قالغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەتقىقات بۆلىمى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پروتېستانت دىنى مۇردلىرى جەنۇبىي سۇدان ئاھالىسىنىڭ %10 گە يەتمەيدۇ دەپ قارىغان، سۇدان ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان خاتىرىسىدە بولسا، جەنۇبىي سۇدان نوپۇسىنىڭ %25 ى ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارغا ئەمەل قىلىدۇ، %5 ى پروتېستانت دىنى مۇردلىرى.

2005-يىلى، بىر قىسىم خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە كۆپلىگەن پروتېستانت دىنى مۇردلىرى سۇدان ئېپىسكوپ جەمئيىتىنىڭ بولۇپ، 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. جەنۇبىي سۇدان  پرېزىدېنتتى رىم كاتولىك دىنى مۇخلىسى، ئۇ جۇبادا قەسەم بەرگەندە، جەنۇبىي سۇداننىڭ دىننى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاساسى قانۇننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ،  پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت بېكىتىلگەن. سالۋا كىئىر ماياردىت  پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلاپ ۋەزىپە ئۆتىدى، مۇددىتى 5 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 7000 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ۋە 900 كىشىلىك ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7900 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ئەۋەتىپ، جەنۇبىي سۇدان قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، مۇددىتىنى بىر يىل قىلىپ بېكىتكەن. جەنۇبىي سۇدان «ئۈچ ھوقوقنى ئايرىش» ھەم «ئىككى پالاتالىق تۈزۈم» نى يۈرگۈزگەن، مەمورىي ئورگان، قانۇن تۈزۈش، ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇستەقىل قارار چىقارغان. جەنۇبىي سۇدان پارلامېنتى (يۇقىرى پالاتا) دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، جامېس ۋانى ئىگگا پارلامىنېت باشلىقى بولغان.

«ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» گە ئاساسەن، ئەدلىيە ئورگىنى (تۆۋەن پالاتا) ئالىي سوت مەھكىمىسى، نارازىلىق ئەرزى سوتى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ۋە باشقا سوتلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئالىي سوت مەھكىمىسى: سوت مەھكىمىسى باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىق ۋە بەش نەپەر سودىيىدىن تەركىب تاپىدۇ. نۆۋەتتىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى  قون ۋول مەكېس.

جەنۇبىي سۇداننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى سۇداننىڭ ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ %85 نى ئىگەللەيدۇ. نېفىت جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي مەنبەسى. جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قالاق، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

يېزا ئىگىلىكى

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي سۇداننىڭ نىل مىللىتى قارا تەنلىكلىرى Nilotic people))، يامغۇرلۇق پەسىلدە ئېگىز جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، كەلكۈن قايىتقاندىن كېيىن، ئاندىن دەريا قىرغىقى ۋە سۇ بار رايونلارغا كۆچۈپ كېلىدۇ. نىلو قارا تەنلىكلىرى ھەم دېھقانچىلىق بىلەن ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقى مانىخوت، يەر ياڭىقى، تاتلىق ياڭيۇ، قوناق، كۈنجۈت، كۆممىقوناق، شال، چوكا پۇرچاق (جاڭدۇ)، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە سەيلەرنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا ئاساس قىلىنىدۇ، بۇ رايوندا دەل-دەرەخ ئاز، يېرىم يىل قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقتىن، ئومۇمەن تنېتسې چىۋىنىنى يېتىلدۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. جەنۇبىي سۇدان مۇھىم بولغان كالا بېقىش رايونى بولغاندىن باشقا يەنە بېلىقمۇ كۆپ چىقىدۇ.

ئاق نىل دەرياسى بويلاپ ئاققان پەلەمپەي رايونلار شەكىللەندۈرگەن سۇد سازلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئاساسلىق نەم رايونلارنىڭ بىرى. يامغۇر پەسلىدە،بۇ سازلىقنىڭ يەر مەيدانى كېڭىيىپ 51 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئەتراپتىكى قەبىلىلەر قومۇشتىن سۈنئىي ئارال ياساپ، شۇ سۈنئىي ئارالنىڭ ئۈستىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ بېلىق تۇتۇپ، لەيلىمە بېلىق تۇتۇش بارگاھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاق نىل دەرياسىنىڭ دېڭىز تاشقىنى، دەريا قېنىدىكى كالا باقىدىغان ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىمۇ نىسبەتەن مۇھىم.[2] 

جەنۇبىي سۇدان ھازىر يۈگۈزىلىۋاتقىنى «4+4+8» تۈزىمى بولۇپ، سەككىز يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، تۆت يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىن ئىبارەت.

تىل جەھەتتە ئەرەب تىلىنى ئاساس قىلىدىغان سۇداندىن پەرقلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئاساس قىلىدۇ.

ھازىر جەنۇبىي سۇداندا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، بولۇپمۇ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان كەسپى تېخنىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە كەمچىل.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىجۇبا ئايروپورتى ئەڭ بېسىق ۋە ئەسلىھەلىرى ئەڭ ئىلغار ئايروپورت، ھەمدە كامپالا، نايروبى، قاھىرە، ئەددىس-ئەبېبە ۋە خارتۇملارغا تۇتىشىدىغان كۆپلىگەن خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرى بار. باشقا ئورۇنلاردىكى ئايروپورتلارنىڭ لىنىيىسى ئىچكى جايلار.

يوللار ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تۆمۈر يول جەھەتتە، دۆلەت ئىچىدە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 248 كىلومېتىر بولغان تار رېلىسلىق تۆمۈر يول سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ۋائۇ (Wau) نى تۇتاشتۇرىدۇ. كەلگۈسى تەرەققىيات جەھەتتە، جەنۇبىي سۇدان تۆمۈر يولنى كونا پايتەخت جۇبا ۋە قوشنا دۆلەت ئۇگاندا ۋە كېنىيە بىلەن تۇتاشتۇرغان.

جەنۇبىي سۇدان  10 شىتاتقا بۆلىنىدۇ:

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىبەھر ئەل (Bahr el) دەرياسى رايونى :

شىمالىي بەھر ئەل دەرياسى شىتاتاتى (Northern Bahr el Ghazal)؛

غەربىي بەھر ئەل دەرياسى شىتاتاتى (Western Bahr el Ghazal)؛

لاكەس (Lakes) شىتاتاتى؛

ۋارراپ (Warrap)  شىتاتاتى؛

ئېكۋاتور رايونى:

غەربىي ئېكۋاتور شىتاتاتى؛

ئوتتۇرا ئېكۋاتور شىتاتاتى؛

شەرقىي ئېكۋاتور شىتاتاتى؛

يۇقىرىقى نىل رايونى:

جوڭلېي (Jonglei) شىتاتاتى؛

غەربىي يۇقىرقى نىل شىتاتاتى؛

يۇقىرىقى نىل شىتاتاتى؛

بۇ 10 ئۆلكە يەنە 86 ناھىيىگە بۆلىنىدۇ.

ئاساسلىق شەھەرلىرى

2010-يىلىدىكى نوپۇس سانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 10 شەھەر تۆۋەندىكىچە:

1. جۇبا (Juba)-372مىڭ 410 ئون ئادەم؛

2. يېي (yei)-185مىڭ ئادەم؛

3. ۋائۇ (Wau)-151مىڭ 320 ئادەم؛

4. مالاكال (Malakal)-139مىڭ 450 ئادەم؛

5. نىمۇل (Nimule)-45مىڭ ئادەم؛

6. گوگرىيېل (Gogrial)-44مىڭ 600 ئادەم؛

7. يامبىيو (Yambio)-40مىڭ 400 ئادەم؛

8. رۇمبەك (Rumbek)-32مىڭ 100 ئادەم؛

9. رەڭك (Renk)-26مىڭ 850 ئادەم؛

10. بور (Bor)-26مىڭ 800 ئادەم؛[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#