قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى

قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى

 قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ بولۇپ، بەزىلەر يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئىلاھ ئاتىسى زىئوسقا ئاتاپ نەزىر چىراق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى دەپ قارىسا؛ زىئوسنىڭ ئوغلى ھېراكلىسقا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر زىئوسنىڭ نەۋرىسى پىلىپىسقا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. 


چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بۇ ئەپسانىلەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئائىت رىۋايەتلەرمۇ خىلى كۆپ، بۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسىنى سىرلىق تۈسكە ئىگە قىلغان. ئۇمۇمەن قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ بولۇپ، بەزىلەر يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئىلاھ ئاتىسى زىئوسقا ئاتاپ نەزىر چىراق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى دەپ قارىسا؛ زىئوسنىڭ ئوغلى ھېراكلىسقا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر زىئوسنىڭ نەۋرىسى پىلىپىسقا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. 

ئەمىلىيەتتە، قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 9-8- ئەسىرلەردە، يۇناندا ئۇرۇقداشلىق جاماسى ئاستا-ئاستا يىمىرىلىپ، تەدىرىجى ھالدا شەھەر دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان قۇلللۇق تۇزۇمدىكى جەمئىيەت شەكىللەنگەن، شەھەر دۆلەتلىرى 200 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ شەھەر دۆلەتلىرى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى بەس-بەستە ئەسكەر تەربىيلىدى. سىپارتادا ئادەتتە ئوغول بالىغا يەتتە يىشىدىن دۆلەت قارايتى ھەم ئۇلارنى ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ھەربىي مەشىقلىرى بىلەن چىنىقتۇراتتى. تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۇرۇشقا ماھىر ياراملىق ئەسكەرلەرنى يېتىشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى ئىدى. يۇناندىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىدە كىشىلەر چىنىقىدىغان مەشىق مەيدانلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇرۇش قەدىمكى يۇناندا تەنتەرببىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىغا تۈرۈتكە بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەر ئايىغى بىسىلماس ئۇرۇشلاردىن بىزار بولۇپ، تىنىچلىققا ئىنتىزار بولغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن سىپارتا پادىشاھى بىلەەن ئېلىس پادىشاھى «مۇقەددەس ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. نەتىجىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۇرىدىغان ھەربىي مەشىق بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تەدرىجىي ھالدا تىنىچلىق ۋو دوستلۇقنىڭ سىموۋلى بولغان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە ئايلاندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#