نامەلۇم ئۆلۈم

نامەلۇم ئۆلۈم

«نامەلۇم ئۆلۈم» بولسا ئا.ر.مۇرۇگادوس(A.R. Murugadoss) ئۆزى يازغان سىنارىيىگە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم بولۇپ ،  فىلىمدە ئامىرخان   ، ئاسىن ، جىئاخ خانھەمكارلاشقان بولۇپ ، ئاساسلىقى ، كالپانا بىلەن   سانجاي  سىڭخانىئانىڭ  مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن .

بۇ فىلىم 2008-يىلى ھىندىستاندا قويۇلغان . 

ئۇيغۇرچە نامى نامەلۇم ئۆلۈم \سىرلىق ئۆلۈم
باش رولچى ئامىرخان ، ئاسىن
باشقا نامى نامەلۇم ئۆلۈم \سىرلىق ئۆلۈم
قويۇلغان ۋاقتى 2008.12.25
imdbكودى tt1166100
خەنزۇچە ئاتىلىشى 未知死亡
تۈرى ۋەقەلىك \مۇھەببەت \ھەركەت\
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2008-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت Geeta Arts(2008) (India) (theatrical)
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھېكايەكالپانا(ئاسىن رولدا ) ئوچۇق-يورۇق ،  زېرەك ، شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،  ئاقكۆڭۈل ، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك قىز ئىدى . سانجاي سىڭخانىئا مۆتىۋەر سالاپەتلىك ،  ئاقكۆڭۈل ، كېبىرى يوق ، مۇلايىم ئىدى .  ئېسىنى يوقاتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆچ ئېلىش ھېسسىياتىنى ساقلاپ ، مۇھەببىتى   كالپانا ئۈچۈن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ 

 سانجاي  سىڭخانىيا(ئامىرخان رولدا) ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ تېلىفون شىركىتىنىڭ دېرىكتورى  . بىر قېتىم شىركەت بىر ئېلان ئورىنى لايىق  تاللاپ ھەم  شۇ جاينى ئىجارىگە ئالماقچى بولىدۇ . بۇ دەل كالپانا تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئۆگزىسى بولۇپ قالغان .  شۇنىڭ بىلەن سانجاينىڭ شىركىتىدىكىلەر كالپاناغا تېلفون ئۇرۇپ بۇ ئىشنى ھەل قىلماقچى بولغان ئەمما سىرتتا ئوغۇرلۇقچە  ئاڭلاۋاتقان  ئېلان شىركىتىنىڭ غوجايىنى ، سانجاينى كالپاناغا ئاشىق بولۇپ قاتتىق قوغلىشىۋاتىدۇ دەپ بىلىپ قېلىپ ، كالپاناغا بولغان پوزىتسىيىسىنى  180گىرادۇس بۇرايدۇ . شۆھرەت پەرەسلىك سەۋەبلىك ، كالپانا ئۆزىنى سانجاينىڭ قىز دوستى دەپ ئىقرار قىلىپ ، ئىككىسىنىڭ قانداق  ئۇچراشقانلىقىدا ھېكايە توقۇيدۇ . 

كېيىن كالپانا توقۇغان ھېكايە گېزىتتە ئېلان قىلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەممە كىشى بىلىدىغان يېڭىلىقبولۇپ قېلىپ ، كالپانا ئامالسىزلىقتىن بۇ   ھېكايىنىڭ داۋامىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ . 

سانجاي ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بۇ «قىز دوستى»نى بىر كۆرۈش ئۈچۈن كالپانانى ئىزدەپ بارىدۇ . كالپانا بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، سانجاي ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان  ھالدا ، ئوچۇق-يورۇق ، زېرەك ، شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئاقكۆڭۈل ، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك قىز كالپانانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . بىركۈنى ئۆيگە قايتىدىغان ئاپتوبۇستا  ئۇ كالپاناغا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەيدۇ . كالپانا بىر كېچىلىك ئىدىيە كۆرەشتىن كېيىن بۇ سانجاينىڭ شىركىتىدىكى «ئاددىي خىزمەتچى»نى  قوبۇل قىلىش قارارىغا كېلىدۇ . 

ئۇلار شۇنىڭ بىلەن شۇنچىلىكىك تاتلىق مۇھەببەت قاينىمغا شۇڭغۇپ كىرىدۇ . سانجاي لوندونغا بېرىپ توختام تۈزمەكچى بولغاندا ،«ئانام ئاغرىپ  قېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىش توغرا كەلدى »دېگەن يامان غەرەسسىز يالغان گەپ بىلەن ئالدايدۇ . كالپانا بۇنى راست دەپ قېلىپ ئاران سېتىۋالغان  ماشىنىشىنى سېتىۋېتىپ سانجاينىڭ «ئانىسى»غا داۋالىنىش راسخوتى جەملەيدۇ . سانجاينىڭ سولىغا بولسا ، يەرىڭ تەۋەرۈك يەر ئىكەنلىكى ساتسا بولمايدىغانلىقى  ، قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ، ماشىنىنى يەنە ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . 

كالپانامۇ مۇشۇ ۋاقىتتا گوئاغا بېرىپ ئېلان ئىشلىمەكچى بولغاندا ، بىرتوپ ئەپ قېچىلغان قىزلارنى قۇتقۇزىۋالىدۇ . ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى  قارا جەمئىيەت كاتىبېشى گاجىنىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ سەۋەبلىك كالپانا ئۇنىڭ قەسلىشىگە يولىقىدۇ ، سانجايمۇ شۇ چاغدا  بېشىغا زەخىم يەپ پەقەت 15 مىنۇتلۇقلا ئېسىنى ساقلىيالايدۇ . 

لېكىن ئۇ قەسەم ئېلىشنى ئۇنتۇمىدى ، بەدىنىگە قەسەم ئېلىش توغرىسىدىكى گەپلەرنى چەكتۈرۈپ ، ئىرادىسىگە تايىنىپ قارا جەمئىيەت كاتىبېشىنىڭ  جېنىنى ئالىدۇ .  

ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا ، كەچقۇرۇندا ، يالغۇز ئولتۇرۇپ كالپانانى ئەسلەپ ئولتۇرىدۇ .  

سانجاي  سىڭخانىيا_______________ ئامىرخان

كالپانا________________________ ئاسىن

سۇنىتا________________________ جىئاھخان

گاجىنى_______________________ پرادىپ سىڭ راۋات (Pradeep Singh Rawat)


  • سانجاي  سىڭخانىيا

ئامىرخان رولدا


ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ تېلىفون شىركىتىنىڭ دېرىكتورى .گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ،  ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بۇ «قىز دوستى»نى بىر كۆرۈش  ئۈچۈن كالپانانى  ئىزدەپ بارىدۇ . كالپانا بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، سانجاي ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان  ھالدا ، ئوچۇق-يورۇق ، زېرەك ، شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئاقكۆڭۈل ، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك  قىز كالپانانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . بىركۈنى ئۆيگە قايتىدىغان ئاپتوبۇستا  ئۇ كالپاناغا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەيدۇ .لېكىن كالپانا قارا جەمئىيەتنىڭ قىزلارنى ئالداپ سېتىش ئىشلىرىنى پاش قىلىپ قاراجەمئىيەتنىڭ 

قەستلىشىگە ئۇچرايدۇ ، سانجايمۇ شۇ ۋاقىتتا زەخىم يەيدۇ . كېيىن ئۇتۇقلۇق ھالدا قىساس ئالىدۇ . 

  • كالپانا 
ئاسىن رولدا 

ئوچۇق-يورۇق ، زېرەك ، شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئاقكۆڭۈل ، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك  قىز. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سانجاي بىلەن يالغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى توقۇپ  سانجاي بىلەن تونىشىپ قالىدۇ . لېكىن ئۇ سانجاينى پەقەت «ئاددىي خىزمەتچى» دەپ ق اراپ قالىدۇ  . ھەتتا سانجاينى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن چىن مۇھەببەتنى دەپ  ئۇنىڭ «ئاددىي خىزمەتچى» بولىشى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي ئۇنىڭ مۇھەببە ئىزھار قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ . سانجاي  ئۆيۈمگە قايتىپ ئانامنى داۋالىتىمەن دېگەندە سېتىۋالغان  ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ داۋالىنىش راسخوتى جەملەيدۇ . مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل بولغان  سەۋەبلىك گوئاغا ماڭغان پويىزدا بىرتوپ ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان قىزلارنى قۇتقۇزۇپ ، قارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ .

  • سۇنىتا
جىئاھخان رولدا 

ئۇ بولسا دوختۇر ، بىمارلارنىڭ ئېسىنى يوقىتىش توغرىسىدىكى ئارخىبلارنى تەكشۈرەيدۇ ، سانجاينىڭ مەسئۇل دوختۇرى بولىدۇ . 

  1. بۇ فىلىم ئوخشاش بىر رېژىسسورنىڭ تامىل تىلىدىكى «مەلۇم ئۆلۈم » دېگەن قىلىمىنى قايتا سۈرەتكە ئېلىشتىن دۇنياغا كەلگەن ، لېكىن ئەسلىدىكى فىلىمدىن پەقەت ئاسىنلا رولغا چىقىپ باشقا  ئاساسلىق پېرسۇناژلار  پۈتۈنلەي ئالماشقان .
  2. ھىندىستاندىكى تۇنجى زوراۋانلىق سەۋەبىدىن UA دەرىجىسىدە باھالانغان فىلىم .
  3. ئامىرخان چېكىۋالغان تېلىفون نومرى ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولۇپ ، بانگالوردىكى بىر ئايالنىڭ تېلىفون نومرى . بۇ كىنو قويۇلغاندىن كېيىن  ئۇ كۈندە نۇرغۇن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ تېلىفونى ھەمدە ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغان . يەنە كېلىپ ئامىرخاننىڭ تەشۋىقات سۈرىتىدىمۇ بۇ نومۇر  ئېنىق چىققاچقا ، بۇخىل ئەھۋالنى توسۇش تەس كەلدى .
  4. ئامىرخاننىڭ دېيىشىچە ئۇ كۆرگەن تامىل تىلىدىكى كىنو كۆپ ئەمەسكەن ، گاجىنىنىڭ رولىنى ئالغان پرادىپ سىڭ راۋات بىلەن بۇرۇن  ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن قايتا سۈرەتكە ئالسا ناھايىتى زور يوشۇرۇن قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان . 
  5. ئامىرخاننىڭ يېتەكچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ 13 ئاي مابەينىدە كۈندە تۆت سائەت بەدەن مەشىقى قىلىدىكەن ، يەنە كېلىپ ئىلمىي ئوزۇقلىنىپ  قىرىق پىرسەنت كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، قىرىق پىرسەنت ئاقسىل ،يىگىرمە پىرسەنت ياغ ماددىسى ئىستىمال قىلىدىكەن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ بۇنداق ياخشى بولىشىدىكى سەۋەپ دەل تۇخۇندا ئىكەن ،  ئۇ كۈندە 16 تۇخۇم ئېقى يەيدىكەن .

ئامېرىكا -------------------------- 2008.12.25

سىندىستان-------------------------2008.12.25

ئەنگلىيە --------------------------2008.12.25

پاكىستان -------------------------2009.01.09

گوللاندىيە-------------------------2008.12.25


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#