تىتانىك

« تىتانىك » ئامېرىكا فوكس شىركىتى بىلەن رامون كىنوچىلىق شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ سالغان ، 1994-يىلى تارتىلغان بىر رومانتىك تىرادىگىيىلىك مۇھەببەت كىنوسى ، ئۇنى جامېس .كامېرون ئىجاد قىلغان ، تەھرىرلەش ، ئىشلەش ، رېژىسسور ۋە فىلىم نازارەتچىسى قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالغان ، فىلىم 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى توكيودا تۇنجى مەيدان قويۇلغان .

ئۇيغۇرچە نامى تىتانىك
خەنزۇچە نامى 泰坦尼克号
ئۇزۇنلىقى 3سائەت 14مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىشلەنگەن ئورۇن ئامېرىكا
باش رولچى جېك.داۋسون، لوسې، كار.خوككېل
باشقا نامى Titanic 铁达尼号
ئىشلەنگەن ۋاقتى 1995-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت 20-ئەسىردىكى فوكس شىركىتى
دىئالوگ تىلى ئېنگىلىزتىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1912  -يىلى 4 -ئاينىڭ 15 -كۈنى  1316 نەپەر يولۇچى ۋە 891 پاراخوت خادىمى ئولتۇرغان  ھەشەمەتلىك چوڭ پاراخوت  خادا تاشقا  سوقۇلۇپ  كېتىپ چۆكۈپ كېتىدۇ  ، بۇ قېتىمقى دېڭىز خەتىرى  20 -ئەسىردىكى خەلق ئىچىدىكى   ئون چوڭ ئاپەت بولۇپ قالغان .

 1985 - يىلى ، « تېتانىك » نىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىن  تۈپەيلى  پەيدا بولغان قالدۇق سۆڭەكلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا  ئىككى يېرىم مىل كېلىدىغان دېڭىز ئاستىدا  بايقالغان .  ئامېرىكا ئېكىسپېدىتسىيىچى لوۋېت ئۆزى  بىۋاستە دېڭىز ئاستىغا   كىرگەن  ،  ئۇ  پارخوت تېمىدا  بىر  رەسىمنى كۆرىدۇ ، لوۋېتنىڭ بايقىغىنى شۇ ھامان بىر ياشانغان ئايالنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ .

       101 ياشلىق  لوسى دەل  ئاشۇ رەسىىمدىكى قىز ،  يەر ئاستى سۇ بۆلمىسى ئىچىدە ، لوسى  ئەينى يىللىرى كېمىدە يۈز بەرگەن ھېكايىنى بايان قىلىشقا باشلايدۇ   .  ياش ئاقسۆڭەك قىزچاق لوسى  بىلەن نامرات رەسسام جېك  دەھرىينىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىغا  پەرۋا قىلماي دەيدىغان بىر تەرەپلىمە سۆيگۈ دەرياسىغا  غەرق بولىدۇ ،  لېكىن دەل 1912-يىلى 4-ئاينىڭ 14 - كۈنى  ،  بىر تىنى  كېچىدە   « تىتانىك » ناملىق پاراخوت مۇز تاغقا سۇقۇلۇپ كېتىدۇ ،  « مەڭگۈ چۆكمەيدىغان »  تىتانىك پاراخوتى  چۆكۈپ كېتىش تەقدىرىگە  دۇچ كېلىدۇ  ، لوئۇسې ۋە جېك  مۇھەببىتى ئەمدىلا بىخلىنىپ  ،  ھايات - مامات سىنىقىنى  باشتىن كەچۈرىدۇ ، قانچىلىق ئاخىرىدا ئەبەدىي ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ  .

جېك .داۋسون 

جېك .داۋسونئۇ كىچىك مەيخانىدا  قىمار ئويناپ تىتانىك ناملىق پاراخوت بېلىتى  قولغا كەلتۈرىدۇ  ،  يەنە لوسىنىڭ ھاياتىنى  قۇتقۇزىدۇ   ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ  ، ئەپسۇس  پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى   سەۋەبتىن  مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ  ، ئەڭ ئاخىرىدا  ئاتلانتىك ئوكيانغا  چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالىدۇ .

لوسې

لوسېئەينى چاغدا   ئۆزىنىڭ قىزىقىشى  بىلەن پۈتۈنلەي  ئوخشاش بولمىغان كارل توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقتى ئىدى  ،  كېيىن نىيەت مەقسىدى بىر بولغان  جېك بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ،ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى مەقسدە قىلىدۇ ئەمما بەخىتكە قارشى   پاراخوت چۆكۈپ كېتىدۇ .

كار .خوككېل

كار .خوككېل« تىتانىك » ناملىق پاراخوت كورپۇس ئاساسىي قىسمىنى  ياسىغان ، 1929 - يىلى پاي خەتىرى ئاپىتىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىق  تۈپەيلىدىن ئامېرىكا نيۇ يورك مانخاتتاندا  ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن  ، 47 ياش . لوسى بىلەن جېك ئوتتۇرىسىدىكى

ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلغۇچى  ، ئۇ ئىككىسىنىڭ  مۇھەببەت يولىنىڭ  تېخىمۇ ئەگرى - توقاي  بولىشىغا سەۋەپچى بولغان .

بۇ فىلىمدە 1912-يىلى  « تىتانىك » ناملىق پاراخوت  خادا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ  كېتىشتەك  ۋەقەلىك ئارقا كۆرۈنۈش قىلنغان ،  ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئىككى شەخىس يەنى - گاداي  رەسسام جېك ۋە ئاقسۆڭەك  ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان قىز لوسىنىڭ مۇھاببىتى بايان قىلىنغان  ،  ئەڭ ئاخىرىدا جېكنىڭ ھاياتلىق پۇرسىتىنى  لوسىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىدەك  كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانچوڭقۇر مۇھاببەت  ھېكايىسى بايان قىلىنىپ  ، زور تەسىر قوزغىغان ھەمدە تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن .

  بۇ فىلىم  قويۇلۇپ . يەر شارى بېلەت كىرىمى  1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ،1997-يىلدىن 2010- يىلغىچە  بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىنو ، ھەمدە 70 – نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم ، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى قاتارلىق 11 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى .  « تىتانىك » 2012 -يىلى 4 -ئاينىڭ 4 -كۈنى  D 3  شەكلى  قويۇلۇپ .  « تىتانىك » ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ  100 يىللىقىنى خاتىرلىگەن  ،  جۇڭگودىكى بېلەت كىرىمى  شىددەت بىلەن ئاشقان  ، شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمى  57 مېلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن  ، دۇنيا بويىچە بېلەت كىرىمى  3مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن  ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 21.87مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .

[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (13 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    46.2%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    38.5%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    7.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    7.7%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#