ESP
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ESP بىخەتەرلىك سەپلىمىسى يەنى ئۇنىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Electronic Stability Program، ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئاپتوموبىلنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ، بەزى ئاپتوموبىللاردا بۇ ئىسىم قوللىنىلماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇتلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى قوللىنىدىغان ئىسمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن BMW ماركىلىق ئاپتوموبىللاردا DSC، تويوتا ماركىلىق ئاپتوموبىللاردا VSCC دېگەندەك.
بۇ سىستېما ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر تۈرلۈك سەپلىمە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ ئىقتىدار ئاللىبۇرۇن ئاپتوموبىللارغا مەجبۇرىي سەپلىنىش تەلەپ قىلىنغان.
ESP بولسا ABS ،EBD ،ASR قاتارلىق بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەر كېڭەيتىلگىنى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ھەرخىل سېنزورلارنى كۆپەيتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى كونترول قىلىپ،ئاپتوموبىل تېيىلىپ كېتىپ كونتروللىقىنى يوقىتىش ھادىسىنى ئازايتىپ، خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا قۇتقۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.