جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

يېزا ئىگىلىك قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 -يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国农业法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىدىكى، ئارىلىقىدىكى، ئاخىرىدىكى مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ، قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا 1-ئورۇنغا قويىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ تەمىناتىغا ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاھالىنىڭ كۆپىيىش، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردىكى ئوشۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە ۋە شەھەر-بازارلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى ۋە رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىش، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش.

4-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېمەكلىك، سانائەت خام ئەشيالىرى ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

5-ماددا دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدۇ.

دۆلەت يېزىلاردا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۇزاققىچە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت يېزىلاردا ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت يېا ئىگىلىكىنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدۇ ۋە سەرخىللاشتۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسرايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى ۋە ئۇچۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

7-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى دەخلى-تەرۇزدىن ساقلايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، سېلىقىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشى كېرەك.

8-ماددا پۈتۈن جەمئىيەت يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك.

دۆلەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تۈزۈلمىسى

10-ماددا دۆلەت يېزىلاردا يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئالغان يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى، مۇددىتى، ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى، يەر ھۆددىگەر ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يۆتكەش قاتارلىقلاردا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» تەتبىقلىنىدۇ.

يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كوللېكتىپ مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئەزالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، كوللېكتىپ بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، ئىقتىسادىي كۈچنى زورايتىشى كېرەك.

11-ماددا دۆلەت دېھقانلارنى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، ئىختىيارىي قاتنىشىش، خالىمىسا چىقىپ كېتىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، پايدا ئېشىنچىسىنى قايتۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ۋە مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىلدە بولسا، قانۇن بويىچە قۇرۇلسا ۋە قانۇن بويىچە تىزىملاتسا بولىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مال-مۈلۈك ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش بىلەن پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ، تېخنىكا، ماددىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پاي قىلىپ قوشۇپ، قانۇن بويىچە كارخانا قۇرسا بولىدۇ.

 13-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت مۇلازىمىتى كارخانىسى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلار ياكى دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن توختام تۈزۈش ياكى كارخانا قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، خېيىمخەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق مەنپەئەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىككە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

14-ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي جەمئىيەتلىرى قۇرۇپ، ئەزالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ماركىتېڭ، ئۇچۇر، تېخنىكا، تەربىيىلەش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ماسلاشتۇرۇش رولى ۋە تەلەپچانلىق رولىنى ئوينىسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەزالىرىنىڭ ۋە ساھەسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

3-باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلانى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ رايون ئايرىمىسىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تەدبىر قوللىنىپ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

16-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجى بويىچە تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ماس راۋاجلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك، ھوسۇللۇق، ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

تېرىقچىلىقتا سورتنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەركەز قىلىنىپ، زىرائەت قۇرۇلمىسى، سورت قۇرۇلمىسى ۋە سۈپەت قۇرۇلمىسى تەڭشىلىدۇ.

ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەردە ئورمان بىنا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تېز ئۆسىدىغان ھوسۇللۇق ئورمان، سانائەت خام ئەشيا ئورمىنى ۋە يېقىلغۇ ئورمىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ.

ئوتلاق قوغداش ۋە بەرپا قىلىش كۈچەيتىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ، ئېغىل-قوتاندا بېقىش ئۇسۇلى كېڭەيتىلىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلى ياخشىلىنىدۇ، يەم-خەشەك سانائىتى ۋە چارۋا-ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا، بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تۇتمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ئوكيان بېلىقچىلىقى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت بەلگىلەپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

17-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مۇھاپىزىتى، يېزا، كەنت يولى، يېزا ئېنېرگىيىسى ۋە ئېلېكتر تورى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاپىسى ۋە ئوبوروتى، بېلىقچىلىق پورتى، ئوتلاق قاشاسى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىي نەسىل سورتى، سۈپەتلىك نەسىل سورتى بازىسى قاتارلىق يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى ۋە ئۆستۈرۈشى لازىم.

18-ماددا دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك نەسىل سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپ چىقىرىش، يېڭىلاش ۋە سۈپەتلىك نەسىل سورتىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ. نەسىل سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە نەسىللىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكنىڭ نەسىل سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتىگە يۆلەك بولۇشقا ئىشلىتىدۇ.

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىپ، سۇ تېجىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كونترول قىلىشى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىنى ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى مەنئى قىلىشى كېرەك.

دۆلەت سۇ قىس جايلاردا سۇ تېجىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا نۇقتىلىق يۆلەك بولىدۇ.

20-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يۆلەك بولىدۇ.

21-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، مېتېئورولوگىيىلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

22-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە سۈپىتىنى پرىيوم قىلىش، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە سۈپەت، تازىلىق، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

 23-ماددا دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىسپات بەلگە تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قائىدە ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

24-ماددا دۆلەت ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە ۋە كارانتىن قىلىش تۈرۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە، كارانتىن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت-چۆپ، چاشقان زىيىنىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى كۈچەيتىدۇ، ھايۋانلاردىكى زور يۇقۇمنى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنى تېز تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمسىز رايونى قۇرۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

25-ماددا دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇچى، ئوغۇت، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق ئادەم ۋە چارۋىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاش ياكى ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم-خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىشلىگەن، ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ناچىرىنى ياخشى قىلىپ، ساختىسىنى راست قىلىپ، لاياقەتسىزلىرىنى لاياقەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم-خەشەك خۇرۇچى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە پىششىقلاش

26-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. دۆلەت دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىشنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ ماكرولۇق تىزگىنلەيدۇ. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ دەرىجىلىك زاپاس ساقلاش، تڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساقلاش-توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

27-ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. دۆلەت يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆجۈم بازىرىنى قۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، سودا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

 28-ماددا دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دېھقانلار ۋە دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، توپ سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پارچە سېتىش ۋە ۋاسىتىچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللايدۇ. تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان-ساتىدىغان باشقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ترانسپورتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، ھۆل، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھۆل، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قوراللىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىشىغا ۋە ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇپ پايدىلىنىشىغا يۆلەك بولۇشى كېرەك.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش جەريانىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

30-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت خەلقئارا بازار تەتقىقاتى، ئۇچۇر ۋە ماركىتېڭ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەرتىپىنى ۋە ئادىل سودىنى قوغداش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىدا سىگنال بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، بەزى ئىمپورت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىشىغا زور پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەندە ياكى كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغاندا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

5-باب ئاشلىق بىخەتەرلىكى

31-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى قوغدايدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي ئېتىزنى قانۇن بويىچە ئالاھىدە قوغدايدۇ.

32-ماددا دۆلەت ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنى سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق يۆلەپ، مۇقىم تاۋار ئاشلىق بازىلىرىنى قۇرىدۇ. ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش، پىششىقلاش سەۋىيىسىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلار بىلەن ئاشلىق سېتىلىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ مۇقىم سېتىۋېلىش-سېتىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللايدۇ.

33-ماددا ئاشلىقنىڭ بازار باھاسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا، گوۋۇيۈەن بىر قىسىم ئاشلىق تۈرلىرىدە قوغدالما باھا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. قوغدالما باھانى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا، ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىش لازىم.

دېھقانلار ئاشلىقنى قوغدالما باھا تۈزۈمى بويىچە سېتىشتا، دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق تارماقلار، شۇنىڭدەك دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنى ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك تەييارلاشقا تەشكىللىشى كېرەك، ھەرقانداق تارماق، ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى قىسىپ قېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

34-ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىگنال تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ۋە زاپاس ئاشلىقنىڭ زاپاس مىقدار كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ئاشلىق زاپىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

دۆلەت ئاشلىقنى مەركەز ۋە يەرلىك دەرىجىلىك زاپاس ساقلاش، تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ساقلاش، توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە زاپاس ئاشلىقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

35-ماددا دۆلەت ئاشلىق خەۋپ-خەتەر فوندى تەسىس قىلىپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ.

36-ماددا دۆلەت ئاشلىقنى قەدىرلەش ۋە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ خەلقنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.

6-باب يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنما سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش، قوغداش

37-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن سېلىنما سېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، پۇل مۇئامىلىدە قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش، مائارىپ، تەربىيىلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتى، بازار ئۇچۇرى، سۈپەت ئۆلچىمى، پرىيوم-كارانتىن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

دۆلىتىمىز تۈزگەن ۋە قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەرگە زىت كەلمىگەن ئەھۋالدا، دۆلەت دېھقانلارغا كىرىم مەدەت سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.

38-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ. مەركەز مالىيەسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك مالىيەنىڭ ھەر يىلى يېزا ئىگىلىكىگە سالىدىغان ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە دائىملىق كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە خام چوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلەغلىرىنى ئاساسلىقى مۇنۇلارغا ئىشلىتىشى كېرەك: يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن، يۇقۇم مۇداپىئە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت-چۆپ، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، پرىيوم قىلىش، كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى، مائارىپى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە دېھقانلارنى تەربىيىلەشنى قوللاش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇش؛ دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى بىر تۇتاش غەملەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت غەربىي رايوننى ئېچىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، غەربىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى مالىيە خام چوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى ۋاقتىدا تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى تەقسىم قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغى ۋە كرېدىت مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان مالىيە مەبلىغى ۋە كرېدىت مەبلىغى قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي تەپتىشلەشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم.

40-ماددا دۆلەت باج، باھا، كرېدىت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت سېلىنمىسى ۋە كىچىك ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىختىيارلىق ئاساسىدا قانۇن بويىچە كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەبلىغى غەملىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

41-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي مەبلەغنى يېزا ئىگىلىكىگە سېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا، مائارىپ فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

42-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى بازار ئۇچۇرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك.

43-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ.

دۆلەت باج، كرېدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

دۆلەت ماكرولۇق تەڭشەش تەدبىرى قوللىنىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يېزا ئىگىلىك سۇلياۋ يوپۇقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ۋە يېزا ئىگىلىك دىزېل قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق سېلىشتۇرما باھانى ساقلاپ قالىدۇ.

44-ماددا دۆلەت تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالدىدىكى، ئوتتۇرىسىدىكى، ئاخىرىدىكى كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

يېزا ئىگىلىك، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، قاتناش-ترانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە رايون ھالقىپ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەدەت بېرىشى لازىم.

 45-ماددا دۆلەت يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كرېدىت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ۋە يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشى، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيەتلىرىگە كرېدىت جەھەتتە مەدەت بېرىشى لازىم.

يېزا كرېدىت كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى كرېدىت مۇلازىمىتى بىلەن ئالدىن تەمىنلىشى كېرەك.

دۆلەت ياردەم ئۆسۈم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

46-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەمكارلىق سۇغۇرتا تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ، سودا خاراكتېرلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىدا ئىختىيارلىق پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى، ئىجتىمائىي ياردەم ۋە قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولمىغانلىرىنى قۇتقۇزۇشى ۋە يۆلىشى كېرەك.

7-باب يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپى

48-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىكى مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىراجىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپ خىراجىتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە جەلپ قىلىدۇ، دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

49-ماددا دۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات، مائارىپ ئورۇنلىرىنى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئاساس تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ۋە كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىدىكى زور ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تۈرلىرىدە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم، دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، مائارىپى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەلدىن ئىلغار تېخنىكا كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

50-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا يۆلەك بولۇپ، ھۆكۈمەت يۆلەش بىلەن بازار ئارقىلىق يېتەكلەش بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز مۇلازىمەت بىرلەشتۈرۈلگەن، دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

51-ماددا دۆلەت تەسىس قىلغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىناق-ئۈلگە بازىسىنى تايانچ قىلىپ، جامائەتكە ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى، مائاش تەمىناتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ياخشىلىشى، ئۇلارنى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

52-ماددا يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا خادىملىرى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددە بېرىش، تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشسىمۇ بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا خادىملىرى مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كارخانىلىرىغا دۆلەت باج، كرېدىت قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت دېھقانلار، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلارنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 53-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئارىسىدا داۋاملاشما تەربىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مائارىپ، كادىرلار تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملاشما تەربىيە پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

54-ماددا دۆلەت يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت يېزىلاردا قۇرغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش بېرىدۇ، مەكتەپ بىناسى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى سېلىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

55-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامە تۈزۈمى ھەققىدىكى بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش، كەسپىي ماھارەتنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرىدۇ.

56-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنى ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. دېھقانلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشىنى قوللايدۇ، يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىسى، دېھقانلار يېشىل گۇۋاھنامىسى ئېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلەپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت، تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

8-باب يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش

57-ماددا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يەر، سۇ، ئورمان، ئوتلاق، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئاسراش، سۇ ئېنېرگىيىسى، پاتقاق گازى، قۇياش ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش شەرت.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ رايون ئايرىمىسى ياكى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىدىغان ۋە ئاسرايدىغان رايون ئايرىمىسىنى بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

58-ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى تېرىلغۇ يەرنى ئاسرىشى، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق سۇلياۋ يوپۇقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپرەك ئىشلىتىشى، ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىپ، يەر قۇۋۋىتىنى قوغدىشى ۋە ئاشۇرۇشى، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ بۇلغىنىشى، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللىشى ھەمدە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم.

59-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كىچىك ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى لازىم. سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پەيدا قىلىدىغان سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولۇشى شەرت.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى ياخشىلىشى لازىم. گوۋۇيۈەن ۋە يېرى قۇملىشىپ كەتكەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.

 60-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان يېرى ۋە ئورماننى قوغداش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئورماندىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە تەشكىللىشى، ئورماننى كەلسە-كەلمەس كېسىش، ئوغرىلىقچە كېسىشنى چەكلەپ، ئورماننىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

دۆلەت تەبىئىي ئورماننى قوغداش رايونلىرىدا كېسىشنى مەنئى قىلىش ياكى كېسىشكە چەك قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئورماننى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ.

61-ماددا ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، دېھقانلار (چارۋىچىلار) ۋە دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى سۈنئىي ئوتلاق، يەم-چۆپ بازىسى قۇرۇش ۋە تەبىئىي ئوتلاقنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ ۋە تەشكىللەپ، چارۋىنى ئوت-چۆپكە قاراپ بېكىتىپ، چارۋا سىغىمچانلىقىنى تىزگىنلەش، رايون بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە بېقىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى قوغدىشى، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشى، قۇملىشىشى ۋە شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

62-ماددا ئورمان، ئوتلاقنى بۇزۇپ يەر ئېچىش، تاغنى ئۆرتەپ يەر ئېچىش، شۇنىڭدەك دۆلەت ئېچىشنى مەنئى قىلغان يانتۇلۇقتا يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئېچىلغان يەرنى تېرىقچىلىقتىن پەيدىنپەي بوشىتىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

كۆلنى دائىرىلەپ ئېتىز بەرپا قىلىش، شۇنىڭدەك دۆلەت دائىرىلەپ ئېچىشنى مەنئى قىلغان زەيلىكنى دائىرىلەپ يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دائىرىلەپ ئېچىلغانلىرىنى پەيدىنپەي تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ كۆل ۋە زەيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يىرىك پىلان دائىرىسىدە، تېرىلغۇ يەرنى بوشاتقان دېھقانلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.

63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ بېلىق تۇتۇشقا چەك قويۇش، تۇتۇشنى مەنئى قىلىش، تۇتۇشنى توختىتىپ تۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىشى، بېلىقچىلىق سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسرىشى لازىم.

دۆلەت تۇتمىچى دېھقان (بېلىقچى) لار ۋە يېزا ئىگىلىك (بېلىقچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ياكى باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى، كەسىپنى ئۆزگەرتكەن دېھقان (بېلىقچىلار) غا دۆلەت بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.

64-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جانلىقلار تۈرى بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدايدۇ، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەتىۋارلىق جانلىقلار بايلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەسلىي ماكانىنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ، چېگرا سىرتىدىن جانلىقلار تۈرى بايلىقىنى كىرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە تىزىملىتىش ياكى تەستىقلىتىش ھەمدە مۇناسىپ بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.

يېزا ئىگىلىكىدە گېنى يۆتكىلىدىغان جانلىقلارنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش ئىشلەپ چىقىرىش، پىششىقلاش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك.

65-ماددا ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى بىئولوگىيىلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياكى ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھىرى، قالدۇقى ئاز دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى ئىشلىتىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت - چۆپ، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىشكە يېتەكلىشى لازىم.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى شاخ - شۇمبىلار ۋە باشقا قالدۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە ئېكولوگىيىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

چارۋا، ئۆي قۇشى قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قىغ-ماياق، كېرەكسىز سۇ، شۇنىڭدەك باشقا تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇشى ياكى ئۇلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى لازىم، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر يەمچۈك، ئوغۇت، دورا قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ۋە ئېكولوگىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

66-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز ۋە قاتتىق تاشلاندۇق بىلەن بۇلغاش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلارنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان ئالاقىدار جاۋابكارلار قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

9-باب دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش

67-ماددا ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشتا، قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىشى شەرت، ھەق ئېلىش تۈرى دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. قانۇن، نىزام ئاساسى بولماي تۇرۇپ ئېلىنىدىغان ھەقنى دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا جەرىمانە جازاسى بېرىشتە، قانۇن، نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىشى شەرت. قانۇن، نىزام، قائىدە ئاساسى بولمىغان جەرىمانىنى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ ھەرقانداق شەكىل بىلەن دېھقانلارغا ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا سېلىق چېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن، نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن ھەرقانداق شەكىلدە دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن ئادەم، پۇل، نەرسە تەلەپ قىلسا سېلىق چاچقانلىق بولىدۇ. دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ھەرقانداق شەكىلدە چېچىلغان سېلىقنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

68-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن ھەرقانداق شەكىل بىلەن مەبلەغ توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ قانۇن، نىزام ئاساسى بولماي ياكى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يېزىلاردا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

69-ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. باج ئورگانلىرى ۋە باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغۇچى، ۋاكالىتەن ئالغۇچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە باج ئېلىشى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا باج سېلىقى چاچماسلىقى، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق باج ئالماسلىقى كېرەك.

70-ماددا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقىلىق دېھقانلاردىن ھەق ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

71-ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېرىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشتە، دېھقانلار ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، دېھقانلارغا ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئالغان يەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىشى لازىم، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

72-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، ئارىلىشىۋېلىشىغا، دېھقانلارنى بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بەلگىلەنگەن يول بويىچە سېتىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

73-ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ياكى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن، ئەزالىرى (كەنت ئاھالىلىرى) دىن پۇل، ئەمگەك كۈچى ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئەزالار (كەنت ئاھالىلىرى) يىغىنى ياكى ئەزالار (كەنت ئاھالىلىرى) ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئالسا بولىدۇ.

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇل، ئەمگەك كۈچى ئېلىشتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن يۇقىرى كونترول ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەمگەك ئورنىغا پۇل چىقىرىشقا زورلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى دېھقانلارغا ئاشكارىلىشى ھەمدە مالىيە، ھېسابات تۈرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

74-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت، سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشتا، ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى شەرت، دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

75-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتا دەرىجىسىنى، باھاسىنى چۈشۈرۈشىگە، بېرىلىدىغان پۇلدىن ھەرقانداق ھەقنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش، ۋاكالىتەن ئېلىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى ئورۇنلار بىلەن ساتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىدە تالاش -تارتىش كۆرۈلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ساپاغا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ.

76-ماددا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈپىتى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسىنى ساتقۇچى تۆلەپ بېرىشى لازىم، تۆلەم سوممىسى مال پۇلى، مۇناسىۋەتلىك خىراجەت، ئېرىشىدىغان مەنپەئەت ۋە زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

77-ماددا دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ۋە قانۇنلۇق تەلىپىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق. خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى لازىم.

78-ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ياكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي مەسئۇل ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە دېھقانلارغا قانۇن ياردىمى بېرىشى لازىم.

10-باب يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش

79-ماددا دۆلەت شەھەر-يېزىلارنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى 2-، 3- كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىدۇ.

80-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، ئوشۇق يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشى لازىم.

دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇلما ياخشىلاش، تېخنىكا يېڭىلاش، ساپا ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

81-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق شارائىتىغا قاراپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىي پىلانلاش، يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش پرىنسىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ شەھەر- بازار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار مەبلىغىنى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغنى كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىغا جەلپ قىلىشى، 2-، 3- كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشى، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ نىسپىي مەركەزلىك ھالدا راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

82-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئوشۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر-يېزىلار، رايونلار ئارا مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلەيدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-بازارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم، نامۇۋاپىق چەكلىمە قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئىلگىرى قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش لازىم.

83-ماددا دۆلەت يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر، مېيىپ، نامرات دېھقانلار، ياشانغان نامرات دېھقانلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان دېھقانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

84-ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە باشقا تېببىي داۋالىنىش كاپالەت شەكىللىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

85-ماددا دۆلەت نامرات جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلىشىغا يۆلەك بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ نامرات جايلارنى يۆلەش ئومۇمىي نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە، يۆلەش-ئېچىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلارنى تەرەققىيات يولى بىلەن يۆلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، نامرات - قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىشى، نامرات جايلاردىكى دېھقانلارنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، شۇ جاينىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشقا يېتەكلىشى لازىم. يۆلەش-ئېچىشتا، بايلىق مەنبەسىنى قوغداش، ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نامرات جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

86-ماددا مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە يۆلەش-ئېچىش سېلىنمىسىنى يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە يىلمۇيىل كۆپەيتىشى، نامرات جايلارغا مالىيەدىن يۆتكەپ قىلىنىدىغان چىقىم ۋە قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سېلىپ قوللىشىغا دۆلەت ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەپتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

11-باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

87-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قانۇننى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

88-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى، ئالاقىدار ھۆججەت، گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.

يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشىغا ياكى توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

89-ماددا يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورۇنلىرى ئاپپارات، خادىم، مالىيە جەھەتتە ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىشى شەرت. يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

90-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى قاتارلىق مال-مۈلۈك ھوقۇقى ياكى بشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەر دەخلى-تەرۇزنى توختىتىشى، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشى؛ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

دۆلەت خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى باشقا ناملار بىلەن دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەپ بېرىشى ھەمدە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئۇلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك.

91-ماددا بۇ قانۇننىڭ 19-، 25-، 62-، 71- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

92-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان مەبلەغنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) بۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(2) بۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغى ۋە كرېدىت مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(3) بۇ قانۇننىڭ 86-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار.

93-ماددا بۇ قانۇننىڭ 67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلاردىن ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان، جەرىمانە ئالغان، ئۇلارغا سېلىق چاچقانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان چەكلىشى ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك، پۇل ئالغان ياكى ئادەم، نەرسە ئىشلەتكەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان سۈرۈك ئىچىدە پۇلنى قايتۇرۇشقا ياكى ئىشلەتكەن ئادەم كۈچى، نەرسىنى باھاغا سۇندۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

94-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يىغقان مەبلەغ، باج ياكى ھەقلەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ:

(1) بۇ قانۇننىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزىلاردا مەبلەغ توپلىغان، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانۇنسىز ئېلىپ بارغانلار؛

(2) بۇ قانۇننىڭ 69-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا باج ئالغانلار؛

(3) بۇ قانۇننىڭ 70-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتىپى ئارقىلىق دېھقانلاردىن نورمىدىن، تۈردىن ئاشۇرۇپ ھەق ئالغانلار.

95-ماددا بۇ قانۇننىڭ 73-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنى ئەمگەك ئورنىغا پۇل چىقىرىشقا زورلىغانلارنى يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

96-ماددا بۇ قانۇننىڭ 74-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلارنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

97-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

13-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

98-ماددا بۇ قانۇندىكى دېھقانلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى، ئورمانچىلىق مەيدانى، بېلىقچىلىق مەيدانى قاتارلىق كارخانا كەسپىي ئورۇنلاردىكى ھۆددىگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

99-ماددا بۇ قانۇن 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/19/c_131537628_18.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#