مانگو

مانگو ھىندىستاندىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋە تىروپىك بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ «پادىشاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن مېۋىدۇر. مانگو كېسىلگەندە چىقىدىغان خۇشپۇراق، بۇ مېۋىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ياخشى كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى مانگو
تارقالغان رايونلار ھىندىستان، بېنگال، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، مالايسىيا ۋە جۇڭگو
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ساپىندۇس دەرىخى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى مانگو ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杧果
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى سىر دەرىخى ئائىلىسى
تۈرى مانگو تۈررى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مانگوبەزى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدە مانگو دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى توي مۇراسىمى، يول بويلىرى ۋە ئۆيلەرنى بېزەشتە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋە دىنىي ئايەملەردە قوللىنىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە مانگو دەرەخلىرى بېزەش ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلمەكتە. مانگو ھىندىستان، پاكىستان ۋە فىلىپپىنلىقلارنىڭ مىللىي مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دەرىخى بولسا، باڭلادىشنىڭ مىللىي سىمۋولى. ھىندۇزىمدا سويۇلغان مانگو تاكامۇللۇقنىڭ سىمۋولىدۇر. مانگو نەقىشلىرى ھىندى توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ ھىندى ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولغان شارپىلىرىنىڭ زىننىتىدۇر. مانگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن ۋە مانگو شېئىرلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغان. ئاۋسترالىيەدە بولسا، پەسىلنىڭ تۇنجى مانگو مېۋىلىرى ئەنئەنە بويىچە ياردەم مەقسىتىدە «كىم ئارتۇق» قىلىنىپ سېتىلىدۇ.

مانگو مانگو بۈگۈنكى كۈنىدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاسىيا ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. مانگو دەرىخى 40–35 مېتىرغىچە ئۆسىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. 300 يىلدىن بۇيان مېۋە بەرگەن تۈرلىرىنىڭ ئۇچرىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ياپراقلىرى تۆكۈلمىگەن مانگو دەرىخىنىڭ ياش يوپۇرماقلىرى پورتوكال رەڭگىدە ۋە ئاچ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىزىل، ئاخىرىدا بولسا، يەنى قېرىغانسېرى قېنىق يېشىل رەڭگە كىرىدۇ. مانگو دەرىخىنىڭ چېچەكلىرى گۈلسامساقلارغا ئوخشايدىغان ئۆتكۈر پۇراقنى ئەتراپقا يايىدۇ. مېۋە تۈرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 3 ئاي بىلەن 6 ئاي ئارىسىدا پىشىدۇ. ھەر بىر مېۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇرۇقىنى قوغدايدىغان پوستى ۋە ئاستىدا بىر ئۇرۇقچا بولىدۇ.

دەرىخى ۋە يۇپۇرمىقى

مانگومانگو دەرىخى يىلبويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ بۇلۇپ، ھومال دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى 10 − 40 مېتىر؛ دەرەخ قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر، كىچىك شاخلىرى قوڭۇر رەڭدە، تۈكسىز، تاقىر. يوپۇرمىقى نېپىز، تېرىلەشكە شاخ چوققىسىغا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئادەتتە ئۇزۇن يۇمىلاق ياكى سوقىچاق تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 12-30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3.5-6.5 سانتىمېتىر، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، ئۇزۇن ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك ياكى يۇمىلاق، پۈرمە دولقۇن شەكىللىكلىرىمۇ بار. تۈكسىز ، تاقىر، يوپۇرمىقى ئازراق پارقىراق. يوپۇرماق سېپى ئۇزۇنلىقى 2-6 سانتىمېتىر.

گۈل چېچىكى

مانگوكونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇزۇنلىقى 20-35 سانتىمېتىر، كۆپ گۈللۈك،گۈلى زىچ كۈلرەڭ سېرىق، مىكرو يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، شاخلىنىشى كەڭ، ئەڭ تۈۋى قىسمىدا تارماق شاخلىرى بار بۇلۇپ، ئۇزۇنلىقى 6-15 سانتىمېتىر؛ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1.5 مىللىمىتىر، ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ گۈلى كىچىك، ئارلاش جىنىسلىق، سېرىق ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك. گۈل سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 5-3 مىللىمېتىر، بوغۇملۇق بولىدۇ؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇزۇنلۇقى 2.5-3 مىللىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 مىللىمېتىر، سوزۇلما ئۇچلۇق، تەدرىجىي ئۇچلانغان ئۇچ سىرتتىكى ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىللىك ياكى سوقىچاق تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 3.5-4 مىللىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 مىللىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر، ئىچىدە قوڭۇر رەڭلىك كۆتۈرلۈپ چىققان تومۇر سىمان سىزىقلار بىلەن چېچەكلىگەن، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2.5 مىللىمىتىر، چاڭدان تۇخۇم شەكىللىك، ناھايىتى قىسقا، ئاتىلىق يىپى ۋە سۆگەلسىمان چاڭدان ئەسلى ئاساسى يوق؛ ئاتىلىقى يانتۇ تۇخۇم شەكلىدە، دىئامېتىرى تەخمىنەن 1.5 مىللىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر، ئانىلىق بوينى يېقىن ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2.5 مىللىمىتىر. 

مېۋىسى

مانگومېۋىسى چوڭ، بۆرەك شەكىللىك (ئۆستۈرۈش تۈرىدە شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىك ئۆزگىرىش ناھايىتى زور)، بېسىپ ياپىلاق (تۈپتۈز) قىلىۋەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇزۇنلىقى 5-10 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3-4.5 سانتىمىتىر، پىشقاندا سېرىق، ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى گۆشلۈك بولۇپ، قېلىن، ئوچۇق سېرىق رەڭلىك،  پىشقاندىن كىيىنكى مېۋە تەمى تاتلىق، مېۋە ئۇرۇقچىسى قاتتىق.[1]

مانگومانگونىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ تەسىرىدە نېرۋا، تېرە ۋە چاچلارغا ئىنتايىن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. مانگو ۋىتامىن A، C، Eۋە تۆمۈر، كالىي ۋە تالا قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئامبىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھەزىم سىستېمىسىنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلانغان. قاننى تازىلاپ، بۆرەكنى ياخشىلايدۇ. بەدەننىڭ ئېھتىياجى بولغان كىسلاتالارنى ساقلايدۇ. قىزىق چوغ ئۈستىدە پىشۇرۇلغان مانگونى ئاز مىقداردا شېكەر سېلىنغان سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىچىملىكنىڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنى داۋالاشتا ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. خام مانگونىڭ ئۈستىگە ئازىراق تۇز سىپىپ يىگەندە، ياز ئايلىرىدا ھەددىدىن زىيادە تەرلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان تۇز ۋە تۆمۈر كىمىيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مانگومانگو ئەسلى ھىندىستاندا ئۆستۈرۈلگەن. كىيىن يۈننەن ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، تەيۋەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200-1350 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ يانباغرى، دەريا ۋە پايانسىز كەتكەن بولغان ئورمان. ھىندى، بېنگال، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ۋە مالايسىياغا تارقالغان. بۇ مېۋىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاللىقاچان كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈپ ھەمدە يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان 100 دىن ئارتۇق سورتى بار، جۇڭگودا ئۆستۈرۈلىدىغان 40 نەچچە تۈرى بار. 

مانگو مىڭلارچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي  ئاسىيادا يېتىشتۈرۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئاسىيادىن شەرقىي ئافرىقىغا تارقالغان. تارىخ بويىچە كەشپىياتلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە ئۇرۇش نەتىجىسىدە يېتىپ كەلگەن نۇقتا، كىلىمات جەھەتتە ئىمكانىيەت يار بەرگەن بارلىق رايونلاردا مانگو ئۆستۈرۈلۈشكە باشلانغان. دۇنيادىكى مانگولارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھىندىستاندا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھىندىستان دۇنيادا بىرىنچى مانگو ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، ئىشلەپچىقارغان مانگولارنى ئۆزىنىڭ ئىچكى بازارلىرىدا تۈگىتىدۇ، بۇ جەھەتتە دۇنيا سودىسىغا قاتناشمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەك–ئىچمەك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مانگو ئىشلەپچىقىرىشتا ھىندىستاندىن كېيىن جۇڭگو، تايلاند، ھىندونېزىيە، مېكسىكا، پاكىستان ۋە برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەتكە تىزىلىدۇ. تۈركىيەدە يۇقىرى تىمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىققا چىدايدىغان مانگو دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىقلىم شەرتلىرى، ئاق دېڭىز رايونىدىكى ئانتاليا، ئالانيا، مەرسىن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ساھىل جايلىرى ۋە سوغۇق بولمايدىغان جايلىرىدۇر. ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مانگو ئۆستۈرۈش تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى يېڭى بولسىمۇ، ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپادا بولسا، مانگو ئىسپانىيەدە يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئاۋستىرالىيەدىمۇ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

مانگومانگونىڭ تۈرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تەمى ۋە پۇرىقى ئوخشىمايدۇ. بەزى كىشىلەر مانگونى سۇلۇق پىشقان ئۆرۈككە، يەنە بەزى كىشىلەر پېرسېيە مېۋىسىگە، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، قوغۇنغا ئوخشىتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مانگونىڭ تەمى ياخشى. پىشقان مېۋىنى ئۆز پېتى يېگىلى بولىدۇ. بەزىلەر پوستىلىرىنى يىمەيدۇ، چۈنكى، قېلىن ۋە ئاچچىقتۇر. پىشقان مېۋىلەرنىڭ پوستىنى يەيدىغانلارمۇ بار. مانگو پوستىنى بەزى كىشىلەر يىگەندە كالپۇك، تىل ۋە چىش مىلىكلىرىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مانگونى سويۇپ يىيىش ئەڭ ياخشىدۇر. مۇتەخەسسىسلەر مانگونىڭ بەزى كىشىلەردە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشىنى، پوستى ۋە سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددىغا باغلىماقتا. بۇ خىمىيەلىك ماددا زەھەرلىك پىچەكگۈل ۋە زەھەرلىك سىر دەرىخىنىڭ تەركىبىدىمۇ بار بولۇپ، مانگو دەرىخىنىڭ گەۋدىسىدە ۋە يوپۇرماقلىرىدا بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھايۋانلارنى مانگو ياپراقلىرى بىلەن بېقىش ناھايىتى خەتەرلىك. مانگو دەرىخى كۆپ جايلاردا، مەسىلەن، ھاۋايدا ئەكس تەسىر قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالىدۇ.

مانگومانگونىڭ گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇقچا بىلەن يېپىشقان بولىدۇ. مانگونى ئۇرۇقچىغا ئەڭ يېقىن جايدىن ئۇزۇنسىغا كەسسەك بولىدۇ. ئۇرۇقچىنى چىقارغاندىن كېيىن، پوستىنى سويۇپ، توغرىساق بولىدۇ. مەي باغلاپ پىشقان مانگونى بانان شۆپىكىنى سويغانغا ئوخشاش، تەتۈرىسىگە سويۇپ، ئۇرۇقچىسىغىچە ئۇزۇنسىغا تىلىم – تىلىم كېسىپ يىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل بولسا، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمىنى پىچاق بىلەن پوستىنى زىدىلىمەستىن باقلاۋىغا ئوخشاش كەسكەندىن كېيىن، قوشۇق بىلەن پوستىدىن ئايرىپ يىيىشتۇر. مانگونى يېڭى–يېڭى يىگەندىن باشقا، مېۋە سالاتالىرىغا سالسا بولىدۇ. سۈيىنى ئىچكىلى بولىدۇ.

مانگو دۇنيادا يېمەك–ئىچمەكلەردە ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ ھەم مەي باغلاپ پىشقان مانگولار ھەمدە توڭراق پىشقان مانگولار ھەر خىل شەكىلدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، ھىندىستانلىقلارنىڭ يېمەكلىكلىدە پىشقان مانگولار دورا–دەرمەك قوشۇلغان ھىندى قىيامىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا مانگودىن ياسالغان ئادەمنى سالقىنلاشتۇرىدىغان ئىچىملىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا كىشىلەر مەي باغلاپ پىشقان مانگودىن شېكەر ۋە سۈت قوشۇپ ياسالغان قويۇق ئىچىملىكنى، گۈرۈچ تامىقى ھەمدە بولكا بىلەن بىرگە ئىچىدۇ. پىشقان مانگونى قات–قات كېسىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، يەنە قايتا كېسىپ تەييارلايدىغان مانگو قېقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاپقىلى بولىدۇ. مانگو ئوتتۇرا ئامېرىكىدا تۇز، قارا مۇچ سېلىپ، سىركە قۇيۇپ، ئاچچىق تەملىك قىيام بىلەن يىيىلىدۇ. شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا، مانگولارغا بېلىق قىيامى ۋە گۈرۈچ سىركىسى قوشۇلۇپ، كونسېرۋا ياسىلىدۇ. يېشىل مانگولار مانگو سالاتاسى، قۇرۇتۇلغان قىسقۇچ پاقا ۋە بېلىق قىيامى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەسلىدە مانگو تۇزلۇق يىسىمۇ، تاتلىق قىلىپ يىسىمۇ بولىدىغان ياخشى كۆرۈلىدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.[0]

مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇقچا بىلەن يېپىشقان بولىدۇ. مانگونى ئۇرۇقچىغا ئەڭ يېقىن جايدىن ئۇزۇنسىغا كەسسەك بولىدۇ. ئۇرۇقچىنى چىقارغاندىن كېيىن، پوستىنى سويۇپ، توغرىساق بولىدۇ. مەي باغلاپ پىشقان مانگونى بانان شۆپىكىنى سويغانغا ئوخشاش، تەتۈرىسىگە سويۇپ، ئۇرۇقچىسىغىچە ئۇزۇنسىغا تىلىم – تىلىم كېسىپ يىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل بولسا، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمىنى پىچاق بىلەن پوستىنى زىدىلىمەستىن باقلاۋىغا ئوخشاش كەسكەندىن كېيىن، قوشۇق بىلەن پوستىدىن ئايرىپ يىيىشتۇر. مانگونى يېڭى–يېڭى يىگەندىن باشقا، مېۋە سالاتالىرىغا سالسا بولىدۇ. سۈيىنى ئىچكىلى بولىدۇ.

مانگو دۇنيادا يېمەك–ئىچمەكلەردە ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ ھەم مەي باغلاپ پىشقان مانگولار ھەمدە توڭراق پىشقان مانگولار ھەر خىل شەكىلدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، ھىندىستانلىقلارنىڭ يېمەكلىكلىدە پىشقان مانگولار دورا–دەرمەك قوشۇلغان ھىندى قىيامىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا مانگودىن ياسالغان ئادەمنى سالقىنلاشتۇرىدىغان ئىچىملىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا كىشىلەر مەي باغلاپ پىشقان مانگودىن شېكەر ۋە سۈت قوشۇپ ياسالغان قويۇق ئىچىملىكنى، گۈرۈچ تامىقى ھەمدە بولكا بىلەن بىرگە ئىچىدۇ. پىشقان مانگونى قات–قات كېسىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، يەنە قايتا كېسىپ تەييارلايدىغان مانگو قېقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاپقىلى بولىدۇ. مانگو ئوتتۇرا ئامېرىكىدا تۇز، قارا مۇچ سېلىپ، سىركە قۇيۇپ، ئاچچىق تەملىك قىيام بىلەن يىيىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا، مانگولارغا بېلىق قىيامى ۋە گۈرۈچ سىركىسى قوشۇلۇپ، كونسېرۋا ياسىلىدۇ. يېشىل مانگولار مانگو سالاتاسى، قۇرۇتۇلغان قىسقۇچ پاقا ۋە بېلىق قىيامى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەسلىدە مانگو تۇزلۇق يىسىمۇ، تاتلىق قىلىپ يىسىمۇ بولىدىغان ياخشى كۆرۈلىدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇقچا بىلەن يېپىشقان بولىدۇ. مانگونى ئۇرۇقچىغا ئەڭ يېقىن جايدىن ئۇزۇنسىغا كەسسەك بولىدۇ. ئۇرۇقچىنى چىقارغاندىن كېيىن، پوستىنى سويۇپ، توغرىساق بولىدۇ. مەي باغلاپ پىشقان مانگونى بانان شۆپىكىنى سويغانغا ئوخشاش، تەتۈرىسىگە سويۇپ، ئۇرۇقچىسىغىچە ئۇزۇنسىغا تىلىم – تىلىم كېسىپ يىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل بولسا، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، مانگونىڭ گۆشلۈك قىسمىنى پىچاق بىلەن پوستىنى زىدىلىمەستىن باقلاۋىغا ئوخشاش كەسكەندىن كېيىن، قوشۇق بىلەن پوستىدىن ئايرىپ يىيىشتۇر. مانگونى يېڭى–يېڭى يىگەندىن باشقا، مېۋە سالاتالىرىغا سالسا بولىدۇ. سۈيىنى ئىچكىلى بولىدۇ.

مانگو دۇنيادا يېمەك–ئىچمەكلەردە ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ ھەم مەي باغلاپ پىشقان مانگولار ھەمدە توڭراق پىشقان مانگولار ھەر خىل شەكىلدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، ھىندىستانلىقلارنىڭ يېمەكلىكلىدە پىشقان مانگولار دورا–دەرمەك قوشۇلغان ھىندى قىيامىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا مانگودىن ياسالغان ئادەمنى سالقىنلاشتۇرىدىغان ئىچىملىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا كىشىلەر مەي باغلاپ پىشقان مانگودىن شېكەر ۋە سۈت قوشۇپ ياسالغان قويۇق ئىچىملىكنى، گۈرۈچ تامىقى ھەمدە بولكا بىلەن بىرگە ئىچىدۇ. پىشقان مانگونى قات–قات كېسىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، يەنە قايتا كېسىپ تەييارلايدىغان مانگو قېقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاپقىلى بولىدۇ. مانگو ئوتتۇرا ئامېرىكىدا تۇز، قارا مۇچ سېلىپ، سىركە قۇيۇپ، ئاچچىق تەملىك قىيام بىلەن يىيىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا، مانگولارغا بېلىق قىيامى ۋە گۈرۈچ سىركىسى قوشۇلۇپ، كونسېرۋا ياسىلىدۇ. يېشىل مانگولار مانگو سالاتاسى، قۇرۇتۇلغان قىسقۇچ پاقا ۋە بېلىق قىيامى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەسلىدە مانگو تۇزلۇق يىسىمۇ، تاتلىق قىلىپ يىسىمۇ بولىدىغان ياخشى كۆرۈلىدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

بەزى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدە مانگو دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى توي مۇراسىمى، يول بويلىرى ۋە ئۆيلەرنى بېزەشتە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋە دىنىي ئايەملەردە قوللىنىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە مانگو دەرەخلىرى بېزەش ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلمەكتە. مانگو ھىندىستان، پاكىستان ۋە فىلىپپىنلىقلارنىڭ مىللىي مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دەرىخى بولسا، باڭلادىشنىڭ مىللىي سىمۋولى. ھىندۇزىمدا سويۇلغان مانگو تاكامۇللۇقنىڭ سىمۋولىدۇر. مانگو نەقىشلىرى ھىندى توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ ھىندى ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولغان شارپىلىرىنىڭ زىننىتىدۇر. مانگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن ۋە مانگو شېئىرلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغان. ئاۋستىرالىيەدە بولسا، پەسىلنىڭ تۇنجى مانگو مېۋىلىرى ئەنئەنە بويىچە ياردەم مەقسىتىدە «كىم ئارتۇق» قىلىنىپ سېتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5888

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#