كۆپچىلىك توك بىرلىكىنىڭ «ئامپېر» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما، ئامپېرنىڭ ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن فىزىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى ناتايىن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئامپېر
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1836-يىل
چەتئەلچە نامى ampere
خەنزۇچە ئىسمى 安德烈·玛丽·安培
تۇغۇلغان ۋاقتى 1775-يىل
كەسپى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئامپېر 1775-يىلى فرانسىيە نىڭ لىئون شەھىرىدە تۇغۇلغان، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. ئاتىسى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش يولىغا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىتاب ئېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كەڭ دائىرىدە كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىدۇ، 12 يېشىدا دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى ئۆگىنىۋالىدۇ، 14 يېشىدا جىدول ۋە دالامپلار تۈزگەن20 توملۇق «ئېنسىكلوپېدىيە» نى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەڭ دائىرىدىكى بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە تەبىئىي پەنگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. 26 يېشىدا بۇگا شەھىرى مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتىپىدە فىزىكا ۋە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتىدۇ، 34 يېشىدا پارىژ تېخنولوگىيە مەكتىپىدە پروفېسسور بولىدۇ، 39 يېشىدا پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولىدۇ. 1824-يىلىدىن ئېتىبارەن فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولىدۇ. 1836-يىلى ۋاپات بولغان. 


ئامپېر ئېلېكتر ماگنىت تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ. 1820-يىلى ئامپېر ئېرىستېدنىڭ توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال كۆپلەپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ ۋە ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرگە دائىر قانۇنلارنى يەكۈنلەپ، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى ئېچىپ بېرىدۇ. 1820-يىلى ئۇ ئېلېكتر ئېقىمى ماگنىت مەيدانىنىڭ ماگنىت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىرى توغرىسىدىكى پرىنسىپنى، يەنى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان ئامپېر پرىنسىپىنى بېكىتىدۇ. 1822-يىلى ئۇ سولىنوئىدنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقاپ، ئەڭ بالدۇر ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئارىسىدىكى قويۇق «مەنبە» مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ماددىلارنىڭ ماگنىت خاراكتېرىنى بىلىشتىكى مۇھىم نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئايلىنىدۇ. 1826-يىلى ئامپېر ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىش كۈچىنىڭ مىقدارلىق مۇناسىۋىتى قانۇنى − ئامپېر قانۇنىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ.

ئامپېرنىڭ يېقىنقى زامان فىزىكا تارىخىدا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئالىم بولالىشى ئۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، پۇختا ئاساس سالغانلىقىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى، بوشاشماي تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇ دائىم مەسىلىلەر ئۈستىدە بېرىلىپ ئويلانغاچقا، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ يولدا كېتىۋاتقاندا، ئېسىگە توساتتىن بىر تېما كېلىدۇ، ئالدىدا بىر دوسكا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يانچۇقىدىن بورنى ئېلىپلا ھېسابلاشقا باشلايدۇ، ھېسابلاۋاتقاندا دوسكا تۇيۇقسىز مېڭىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى تېز مېڭىپ ئۇ يېتىشەلمەي قالىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن كۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەسلىدە بۇ دوسكا قارا رەڭلىك پەيتۇننىڭ ئارقا تەرىپى ئىكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#