- سەۋزە (خام دورا)
- سەۋزە (كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى)
سەۋزە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋزىنىڭ يىلتىزى (سەۋزە) ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، يىلتىزى (سەۋزىسى) ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
سەۋزە كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، رەئىس ئەزالار ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 200 ~ 640 گرام، ھالۋا ياكى مۇرابباسىدىن 30 ~ 80 گرام، شارابىدىن 200 گرام، پار سۈيىدىن 280 گرام، ئۇرۇقىدىن ئالتە گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەۋزىدە مۇراببا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە ئىششىقى، سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزە ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ.
سەۋزە ئۇرۇقىنى سوقۇپ، ياكى ئۆزىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ، ياكى ھەمەل قىلىپ بەرسە تۇغماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزىنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرىنى سۇدا قاينىتىپ كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن ۋە پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ بەرسە، قاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ.
سەۋزە مۇرابباسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، كۆكرەك ھۆللۈكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزىنىڭ ھالۋىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ۋە بالىياتقۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
سەۋزىنى سىقىپ سۈيىنىڭ 1/4 گە تەڭ ھەسەل قوشۇپ قاينىتىپ، ئاندىن بىر دانە خۇمىرىغا قۇيۇپ ئاغزىنى بېكىتىپ بىر مەزگىل قويغاندىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، مەست قىلىدۇ.
سەۋزىنىڭ يوپۇرمىقىنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قارا يەلگە پايدا قىلىدۇ. ئۈچ گرام سەۋزىنى ئۈچ گرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پۇتنىڭ ئالقىنى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.