سېمىز ئوت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېمىز ئوت بولسا سېمىز ئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك .يوپۇرماق يۈزى قېلىن، چۈرۈك، گۆشلۈكئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى سىلىق، تۈكسىز، ئېگىزلىكى20-30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، غولى سىلىندىر شەكىللىك، تەكشى ياتما ياكى سىڭايان، تۈۋىدىن شاخلاپ تۆت ئەتراپىغا يېيىلىدۇ. ئاپتاپقا قارىغان يۈزى سۇس بېغىررەڭگە مايىل قىزىل رەڭلىك ياكى سۆسۈن رەڭلىك بولۇپ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ياكى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى قىسقا، ، ئۇچى تەرىپىلا يۇمىلاق، پۈتۈن گىرۋەكلىك، ئالدى يۈزى توق يېشىل، ئارقىسى تۇتۇق قىزىل رەڭلىك بولۇپ. ئۇرۇقى كۆپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ.يوپۇرماق يۈزى قېلىن، چۈرۈك، گۆشلۈك. مېۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن يىغىپۋىلىندۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىن بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ.
غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلتىنى، قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتىنى تەڭشەش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، قۇرت چۈشۈرۈش، ئۇسۇزلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.
باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. تەجرىبىدە1:4 نىسبەتلىك قويۇقلۇقنىڭ تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي كىزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنىمۇ تورمۇزلايدۇ. لېكىن سىل تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئۈنۈمى يوق.
پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نۇرئادىرنالىنى (Noradrenaline) ۋە كۆپ مىقداردا كالي تۇزى بولۇپ (ھۆل چۆپىدە %1 كالي تۇزى، قۇرۇق چۆپىدە %17 كالي تۇزى بار) ئۇنىڭدىن باشقا دوپامىن (Dopamine)، ئالما كىسلاتاسى (Asp araginicacid)، ئالانىن (Alanin)، قۇمۇش شېكىرى ، ئۈزۈم شېكىرى، مېۋە قەنتى قاتارلىقلار بار. ھەر 100 گرام يىگىلى بولىدىغان قىسمى تەركىبىدە 2.3 گرام ئاقسىل ماددىسى،0.5 گرام ماي ،3 گرام شېكەر،0.7 گرام يىرىك تالا،85 مىللىگرام كالتسىي،56 مىللىگرام فوسفور،1.5 مىللىگرام تۆمۈر،2.3 مىللىگرام كاروتىن،23 مىللىگرام ۋىتامىنC قاتارلىقلار بار.
1. سېمىز ئوتنى سەي ئورنىدا يالغۇز ياكى گۆش بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ يېسە ئىسسىقتىن بولغان قان ۋە سەپرا مەنبەلىك قىزىتمىلارغا، سىل، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش، دەم سىقىلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
2. سېمىز ئوت يوپۇرمىقىدىن 10 گرام ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىدە يۇيۇنسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. پىشۇرۇپ يېسە پۇت – قوللارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
3. سېمىز ئوت يوپۇرمىقىدىن 10 گرام ئېلىپ قۇرۇتۇپ تالقانلار ئېغىزغا سىپىپ بەرسە بالىلارنىڭ ئېغىزىدىكى مۇدۇر – چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ياكى يوپۇرمىقىدىن 5 گرامنى سىقىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
4. سېمىز ئوت چۆپىنى كۈندە 7 گرام ئىستېمال قىلىپ بەرسە دىئابىت كېسىلىنى تىزگىنلەيدۇ.
5. سېمىز ئوت سۈيىدىن 30 گرامغا ئىككى گرام شېكەر ياكى ناۋات قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى قاپاق ئورىغىسىمان مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
شەربىتى موسەففىي خۇن، زمادى گۈردە.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.