موزاي كاۋىپى

موزاي كاۋىپى بولسا ئىككى ياشلىق موزاي ، سۇڭپىياز ، تۇخۇم ، قەلەمپۇر ، كاۋاۋىچىن ، ئاقمۇچ ، تۇز، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى ، سوققان زىرە ، زەرچىۋە ، لازا قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئىككى ياشلىق موزاي بىر دانە، سۇڭپىياز ئۈچ تال، تۇخۇم 10 دانە، قەلەمپۇر 70 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، ئاقمۇچ 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، سوققان زىرە 35 گرام، زەرچىۋە ئازراق، لازا 70 گرام.

1.ئىككى يىللىق موزاينى قائىدە بويىچە ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويۇپ پاكىز تازىلاپ، گۆشى قېلىنراق بولغان قىسىملىرىغا تۆمۈر زىخچە سانجىپ تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.

2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، گۆش يومشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ ئىدىشقا ياكى سۇ كۆلچىكىگە قۇيۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن موزاينى سېلىپ ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈپ شامالدىتىدۇ. 

3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازىنى سېلىپ، سۇيۇق ئوماچ تەييارلاپ چىلانغان موزاينىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈركەپ تەييارلىنىدۇ. 

4. ئېگىزلىكى تۆت مېتىر، دىئامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان چوڭ تونۇرنى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان موزاينى تونۇرغا تىكلەپ ئىككى سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. 

5. پىشقان موزاينى ئېلىپ، مەخسۇس كاۋاپ ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ، زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ-چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ تەخسىگە ئېلىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار ئايرىم كىچىك تەخسىلەردە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. 

موزاي كاۋىپىنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى موزاي تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ زىياپەتخانغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن پارچىلاپ تارقىتىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#