تىئوتىخۇاكان

تىئوتىخۇاكان

بۇرۇنسىدا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئازتىكلارنىڭ مۇقەددەس جايى.

نامى تىئوتىخۇاكان ئىندىئان قەدىمىي شەھەر خارابىسى
ياسالغان ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەر
ئورنى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىئوتىخۇاكان (Teotihuacan) بولسا مېكسىكىدىكى ئىندىئان قەدىمىي شەھەر خارابىيلىقى. ئۇمېكسىكا شەھىرىدىن شەرقى شىمالغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ،بوربوكاتېپىر يانار تېغى ۋە ئستاشىۋاتىر يانار تېغى ئارىلىقدىكى يەرگە جايلاشقان. كۆلىمى 20كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مىلادى 1-150-يىللارغىچە تىئوتىخۇاكانلىقلار بۇ يەردە 50 مىڭ نوپۇس ياشايدىغان شەھەرنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئامىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىدى. مىلادى 450-يىللار بۇ يەرنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا زور كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئىمارەتلەر سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھور بولغىنى قۇياش پىرامىداسى بىلەن ئاي پىرامىداسى ھېساپلىندۇ. بۇ پەلەمپەي شەكىلدە ياسالغان ئىككى پىرامىدا دىنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۇزىدىغان ئورۇن ئىدى. شىمالدىن جەنوپقا سوزۇلغان مەركىزى چوڭ كوچا (ھالاكەت يولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ شەرقى تەرىپىگە قۇياش پىرامىدىسى؛ غەرپ تەرىپىگە ئاي پىرامىدىسى جايلاشقان. پىرامىدانىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ ئىككى قېتىدا يەنە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك ئىبادەتخانىلار. ئىلاھى سۇپىلار ۋە قەسىرلەر جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى زور بولغان قۇرۇلۇش توپىنى شەكىللەندۇرگەن. تىئوتىخۇاكان ھىندىئان ناۋا تىلىدا «قۇياش ۋە ئاي تەڭرىسى يارالغان جاي» دىگەننى بىلدۇرىدۇ. 

  ھىندىئان رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۇلار چوقۇنىدىغان 4-ئەۋلاد قۇياش قايتا نۇر چاچمايدىغان بولۇپ قېلىپ يەرزىمىن زۇلمەتكە تولغان. جىمى مەۋجۇدات ھالاك بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن. ئالەمدىكى ئىلاھلار ھالاك بولۇش ئالدىدىكى ئىنسانلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاپ،ئالەمدىن تىئوتىخۇاكانغا كېلىپ گۇلخان ياققان. بىراق ئوت يالقۇنى بارا-بارا ئاجىزلاپ زۇلمەت ئىچىدە غايىپ بولغان. يەر-زىمىن يەنە زۇلمەت ئىچىدە قالغان. يەر-زىمىننى قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ، ئىنسانلارنى بەختكە ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ئىلاھلار قۇياش ۋە ئاي پىرامىداسىنى ياسىغان ۋە ئىككى پىرامىدا ئارىسىغا ناھايىتى چوڭ گۇلخان ياققان. ئوت بارغانسېرى ئۇلغايغان. ئىلاھلار كىم يۇرەكلىك ھالدا ئەڭ بۇرۇن ئوتقا سەكرىسە شۇ 5-ئەۋلاد قۇياش ئىلاھى بولىدىغانلىقىنى ھەم ئىنسانلارنىڭ مەڭگۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلەشكەن. ئىلاھلار ئىچىدىكى ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئىلاھ ناناۋات بىلەن يۇقىرى ئورۇندىكى ئىلاھ تېكىشستىكار ئىپادە بىلدۇرۇپ قۇياشقا ئايلىنىپ يەرشارىنى يورۇتماقچى بولغان. ئىلاھ ناناۋات ئەڭ بۇرۇن ئوتقا سەكرىگەن. شۇ پەيتتە بىر قۇياش ئۇپۇقتىن ئاستا -ئاستا كۆتۇرۇلۇشكە باشلىغان. ئىلاھ تېكىشىستىكار سەل قورققان، لېكىن ئىلاھ ناناۋاتنىڭ قۇياشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرۇپ ، چىشىنى چىشلەپ ئاجىزلاپ ئۆچەيلا دەپ قالغان ئوتقا سەكرىگەن.بىراق ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولۇپ، ئۇ قۇياش تاغ كەينىگە پاتقاندىن كېيىن چىقىدىغان ، ئاجىز نۇر چاچىدىغان ئايغا ئايلانغان. بۇ تىئوتىخۇاكاننىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدىكى رىۋايەت ئىكەن.

  تىئوتىخۇاكان خارابىيلىقىغا ئۇستىدىن قارىغاندا پۇتكۇل شەھەر مەلۇم بىر ئىش ئۇچۇن ئالدىن پىلانغان لاھىيەدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كوچىنىڭ يانتۇلىقى 30 گىرادۇس قىلىپ ياسالغان. ھەربەلگىلىك ئارىلىقتا ئالتە باسقۇچلۇق پەلەمپەي ۋە بىر سۇپا ياسالغان. كوچىدا تۇرۇپ جەنوپتىن شىمالغا قارىغاندا پەلەمپەي ۋە سۇپىلاردىكى يانتولۇقلار بىر تەكشىلىكتە كۆرۇنۇپ،يۇقىرىغا قاراپ ماڭغان بىر تۇتاش يول بولۇپ كۆرۇنۇپ 3000 مېتىر يىراقلىقتىكى ئاي پىرامىداسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تۇتاش كەتكەن يوللارنىڭ ئۈزۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئارخىتىكتورلار ۋە ياسىغۇچىلار دەريا ئېقىمىنى ئۆزگەرتىپ باشقا قانالغا باشلىغان. شەھەر مەركىزىدىكى ئىككى چوڭ كوچا ئۆز-ئارا كېسىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 40 مېتىر بولۇپ، شەھەرنى تەڭ ئىككىگە بۆلۇپ تۇرىدىغان «ھالاكەت يولى» دۇر. يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا تىئوتىخۇاكاننىڭ شەھەر قۇرۇلىشى قۇياش سېستىمىسىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، بۇ جايدىكى بارلىق قۇرۇلۇش، قەسىرلەر، ئۆيلەر ھەممىسى قۇياش پىرامىداسىنىڭ يۆلىنىشى بىلەن بىردەك بولغان بولۇپ، قۇياشنىڭ ئاسماندىكى يۈرۈش يولىغا ماس كەلگەن. 

قۇياش پىرامىداسى

قۇياش پىرامداسى ھالاكەت يولىنىڭ شەرقى قسىمىدا بولۇپ، تەخمىنەن مىلادى 1-3-ئەسىرلەردە ياسالغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ كۇۋادىرات شەكىللىك ،بەش قەۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 225مېتىر ۋە 222مېتىر ؛ ئىگىزلىكى64.5مېتىر؛ ھەجىمى 1مىليون كۇپ مېتىر، جەمئىي 50مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگەللەيدۇ. پىرامىدانىڭ تۆتىلا تەرىپىگە ئۇستىگە چىققىلى بولىدىغان بولىدىغان پەلەمپەي ياسالغان. پەلەمپەينىڭ كەڭلىكى17مېتىر، ھەربىر پەلەمپەينىڭ ئىگىزلىكى ئوخشا ياسالغان.پىرامىدا نىڭ تۆت تەرىپى دەل شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرب يۆلىنىشلىرىدە. چوققىسىدا بۇرۇنىسدا بىر قۇياش ئىلاھى ئىبادەتخانىسى بولغان. ھازىر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

كۈزاكتىر ئىبادەتخانىسى

ھالاكەت يولىنىڭ جەنوبىدا بىر تۆت تەرەپلىك سۇپا شەكىللىك ياسالغان چاسا مەيدان بولۇپ، ئەتراپىدىكى سۇپىلاردا بەزى كىچىك ئىبادەتخانىلار بولغان.مەشھور كۈزاكتىر ئىبادەتخانىسى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان. كۈزاكتىرنىڭ مەنىسى قاناتلىق يىلان بولۇپ قاناتلىق يىلان _ھىندىئانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىللەتلەر چوقۇنىدىغان ئەپسانىۋى ھايۋان. بۇ ئىبادەتخانا ئىلگىرى كۆمۇلۇپ كەتكەن بولۇپ كېيىن كولاپ چىقىرىلغان. ئىبادەتخانا 6قەۋەتلىك پىرامىدا شەكىلىدە ناھايىتى كاتتا ياسالغان بولۇپ كۆرگەن كىشى ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ. ئىبادەتخانا ئاساسىغا نەپىس ئىشلەنگەن نۇرغۇنلىغان سۆرەتلەر ۋە غەلىتە تەسۋىرى يېزىقلار ئويۇلغان. كىشىلەر تېخى بۇ يېزىقلارنىڭ مەنىسىنى يېشەلمىدى. ئىبادەتخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە 336 قاناتلىق يىلان ۋە يامغۇر ئىلاھىنىڭ باشلىرى ئويۇلغان. ھازىر بۇلارنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغان قارا تاشتىن ياسالغان كۆزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ،قاپارتمىلار ئەسلىدىكى رەڭگىنى يوقاتقان.شۇنداق بولسىمۇ بۇ قاناتلىق يىلانلارغا قارىغان كىشىنى سۇر باسىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#