ھەزىم ئاجىزلىقى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئاشقازاننىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كلىنىكىدا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، سېسىق كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ھەزىم ئاجىزلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «زەئفى ھەزىمى»دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ھەزىم ئاجىزلىقى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى ئاشقازان
خەنزۇچە نامى
消化功能减退
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات ئاشقازانغا تەسىر قىلغاندا ئاشقازاندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ نورمالنى خىزمىتى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر تولۇق پارچىلىنىپ بوتقا ھالەتكە كېلەلمەسلىك بىلەن بىرگە ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتى كۈچىيىپ تولۇق بوتقا ھالەتكە كەلمىگەن يېمەكلىكلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەرخىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سۇئىل مىزاج مەئدە ھاريابەس سازەج» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

2. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات ئاشقازانغا زىيان تەسىر قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى ئاشۇرۇپ، لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر تولۇق ھەزىم بولماي چىقىپ كېتىپ ھەزىم بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەزىم ئاجىزلىقىنىڭ بۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىقىشىنى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سوئىل مىزاج مەئدە ھار رۇتەب سازەج» دەپ ئاتايدۇ.

3. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئاشقازانغا زىيادە تەسىر قىلغاندا ئاشقازاندىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ، ھەزىم بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سوئىل مىزاج مەئدە بارىد رۇتەب سازەج» دەپ ئاتىلىدۇ.

4. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

.

خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ئاشقازانغا زىيادە تەسىر قىلغاندا ئاشقازاندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر تولۇق بوشىغان ھالەتكە كېلەلمەسلىك بىلەن بىرگە ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ ھەزىم ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىنى ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سوئىل مىزاج مەئدە بارىد يابەسسازەج» دەپ ئاتىلىدۇ.

5. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىزلىشىشنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى بىلەن ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ ھەزىم ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سوئىل مىزاج مەئدە ھار سەفراۋى»دەپ ئاتىلىدۇ.

6. تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ھەزىم ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىدە «سوئىل مىزاج مەئدە بارىد روتەپ بەلغىمى» دەپ ئاتىلىدۇ.

7.شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلاپ، روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشنى تەسىرگە ئۇچرىشى بىلەن ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىلە ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھەزىم ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى، ئۆت خالتا كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، تال كېسلەلىكلىرى، ئاشقازان ئاستى بەز كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ ھەزىم ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، قورساق كۆپۈپ، سېسىق كېكىرىدۇ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، ئاشقازان ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ ياكى قەۋزىيەتلىك بولىدۇ ھەمدە قايسى خىل كەيپىيات ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كەيپىيات ۋە غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

ئەگەر باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ خاس ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش سېسىق كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، ئاشقازان ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەتلىك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئوت خالتا ۋە تال كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ياكى خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ھەزىم ئاجىزلىقىدا ئۇسسۇزلق كۆپ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش، سېسىق كېكىرىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى كۆڭلى تارتماسلىق كېسەللىك تارىخىدا ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى يېگەنلىك، ئىسسىق مۇھىتتا تۇرغانلىق تارىخى بولىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە نەم سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىدا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىق، سوغۇق مۇھىتتا تۇرغانلىق تارىخى بولىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن بولغان ھەزىم ئاجىزلىقىدا ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزدىن سېسىق بېلىق پۇرىقىدەك كېكىرىك كېلىش، ئاشقازان ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش، تىلىدا سېرىق گەز باغلاش، كۆز ئېقى سېرىق بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ:

بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىدا سوغۇق تەبىئەتلىك غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق، ئۇسسۇزلۇق كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ كېسەللىك سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ياكى خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ھەزىم ئاجىزلىقىدا، سوۋۇتۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سەندەل، قىزىلگۈل، ھۆل يۇمغاقسۈت، كاككۇكگۈلى كۆكى 10 گرامدىن، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

بەش گرام سەندەلنى سىركىگە سۈرۈپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئەينۇلا بەش دانە، تەمرى ھىدنى 36 گرام، زىخ يەتتە گرام ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى نېلۇپەرگە چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بىنەپشە شەربىتىدىن 24 مىللىلىتىر قوشۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئاق سەندەل توققۇز گرام، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى 12 گرامدىن، كاپۇر بىر گرام، ئەرقى گۈل مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئەينۇلا بەش دانە، تەمرى ھىندى 36 گرام، زىخ يەتتە گرام ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى نېلۇپەرگە چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بىنەپشە شەربىتىدىن 24 مىللىلىتىر قوشۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ھۆل ئۇسۇڭ كۆكىنىڭ سۈيى، سېمىزئوت يوپۇرمىقىنىڭ سيۈى، نېلۇپەر يېغى، بىنەپشە يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

مۇز خالتىسى ياكى سوغۇق سۇدا چىلانغان داكا بىلەن ئاشقازانغا سوغۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

غورا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، زىخ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، لىمون شەربىتىكۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئاچچىق ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، ئەينۇلا شەبىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر ق ېتىمدا 03 مىللىلىتىردىن، تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئالقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى قۇرسى كاپۇر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قۇرسى كاپۇر نۇسخىسى: تاباشىر، ئاق سەندەل، قاپاق ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 90 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، كاپۇر ئۈچ گرام، زاك، گىل ئەرمىنىنى 20 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، قائىدە بويىچە بېھى سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرسى تەييارلاپ، غورا سۈيى ياكى ئامۇت سۈيى بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ھۆل سوغۇق ۋە خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان ھەزىم ئاجىزلىقىغا قىزىتىش قسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سۇمبۇل، ئەفسەنتىن، گۈلدارچىن، ئۇد سەلىپ، سەبرى يەتتە گرامدىن، زەپەردىن ئۈچ گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، بېھى سۈيى بىلەن زىماد تەييارلاپ، ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

مەستىكى يېغى، قۇستە يېغى، قەلەمپۇر يېغى قاتارلىقلاردىن قايسى بىرى بولسا ئاشقازان ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل 12 گرامدىن، ھىڭ ئۈچ گرام، قۇستە  يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

زەنجىۋىل، زىرە، پىلپىل، قاقىلە، پىننە، بەدىيان 10 گرامدىن، قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.

قەلەمپۇر، گۈلدارچىن، سۇمبۇل ئالتە گرامدىن، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى بەش گرامدىن، مەستىكى، زىرە ئۈچ گرامدىن، قارىمۇچ سەككىز گرام، ھەسەلدىن ئىككى ھەسسە ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۇن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

جاۋارىش كۈمۈنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئۇد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سۇماق، قىزىلگۈل قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپر خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن قاقىلە، پىلپىل، گۈلدارچىن، زەنجىۋىل، پوستى تۇرۇنجى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن قاقىلە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، گۈلدارچىن، بەسباسە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن  يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئومۇمي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى پودىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى جۇۋىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، جاۋارىش كۈمۈنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش بەسباسە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، ئەرقى بەدىيان بىلەن بىللە ئىچىشكە بېرىلىدۇ. جاۋارىش سەپەر جىل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش شەھرىيان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان جاۋارىش ئود كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مەستىكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئامىلە نوشدارى لۆلىۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گراەمدىن، پىننە گۈلقەنتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20گرامدىن، قىزىلگۈل گۈلقەنتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، زەنجىۋىل مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، سەۋزە مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، داۋائى مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامغا ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

جاۋارىش ئۇد سۇسخىسى

 زەپەر، زەنجىۋىل، پىلپىل، جۇزبۇۋا ئۈچ گرامدىن، سۇمبۇل، قاقىلە، بەسباسە يەتتە گرامدىن، قەلەمپۇر، مەستىكى بىر گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

جاۋارىش جالىنۇس نۇسخىسى: قەلەمپۇر، قاقىلە، پىلپىل، زەنجىۋىل، دارچىن، قارىمۇچ، سەئىدى كۇفى، ئۇد سەلىپ، مورمەككى، ئاسارۇن، سۇمبۇل ھىندى، ئۇدبىلسان، قېلىن داچىن، تاتلىق قۇستە، قەسبۇزەرىرە، ھەببۇلئاس، مەستىكى چىنى، خولىنجان 28 گرامدىن، نىشاستە 110 گرام، زەپەر تۆت گرام، قەنت 200 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئامىلە نوشدارى نۇسخىسى

 ئامىلە 300 گرام، قىزىلگۈل، سەئىدى كۇفى، مەرۋايىت 15گرامدىن، بادرەنجى بۇيا 15گرام، لاچىندانە، زەرنەپ، زىخ، بەسباسە، جويۇز، دارچىن، گۈلدارچىن، زەپەر، سازەج ھىندى، بىخ مارجان، ئۇدھىندى يەتتە گرامدىم، ماكلانغان پىلە 30 گرام، شېكەر 200 گرام، ھەسەل 1100 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇشتىن، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىش ۋە ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=807

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#