نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى

نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى بولسا   تاش سامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك نەرگىسىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى
شەكلى ياپىلاق ئېللىپىس شەكىللك
تەمى تەمى تېتىقسىز
باشقا  نامى بەزرۇل نەرجىسى (ئە)؛ تۇخۇمى نەرگىس (پ)؛ نەرگىس كى بىج (ئو).
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水仙子
جىسمى تەمى تېتىقسىز، خۇش پۇراق كېلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى بولسا تاش سامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك نەرگىسىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقى كۆپ، ياپىلاق ئېللىپىس شەكىللك، رەڭگى قارا رەڭدە بولىدۇ، تەمى تېتىقسىز، خۇش پۇراق كېلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭسۇ، گۇيجۇ، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ، شىنجاڭنىڭ باغلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە چەتئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.

باھنى قوزغاش، تېرىدىكى داغلارنى چۈشۈرۈش، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

باھ ئاجىزلىقى، بەھەق، داغ، سەپكۈن قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى ئۇرۇقىدىن 1.5 گرام، چىلغوزا مېغىزىدىن 30 گرام، ئاقىرقەرھا ۋە كاۋاۋىچىندىن 10 گرام، سۆئلەپتىن 20 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. نەرگىس گۈلى ئۇرۇقى ئۇرۇقىدىن 1.5 گرام، قىچادىن 10 گرام، سامساقتىن 7 گرام، سىياداندىن 10 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 15 گرام ئېلىپ، مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا، بەرەس، بەھەقلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

5 ~ 1.5 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە، نېلۇپەر

ئورۇنباسارى

نەرگىس گۈلى.. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=521

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#