پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تاۋار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تاۋار دائىم پۇل بىلەن ئالماشتۇرۇلىدىغان، ئۇنىڭ قىممىتىمۇ پۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولدى. باھا دەل تاۋار قىممىتىنىڭ پۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىش شەكلى.

ئۇيغۇرچە نامى باھا
چەتئەلچە نامى price
خەنزۇچە نامى 价格

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇكانلاردا ھەر خىل تاۋارلارنىڭ سېتىلىش باھاسى يېزىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، بىر دانە قول سائىتى 100 يۈەنگە سېتىلىدۇ دېيىلگەن بولسا، بۇ، قول سائىتىنىڭ باھاسى بولىدۇ. تاۋارلارنىڭ ھەممىسىدە قىممەت بولىدۇ، بىراق تاۋار ئۆز قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت باشقا بىر خىل تاۋار بىلەن ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن باشقا بىر خىل تاۋار ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتى ئىپادىلىنىدۇ. پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تاۋار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تاۋار دائىم پۇل بىلەن ئالماشتۇرۇلىدىغان، ئۇنىڭ قىممىتىمۇ پۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولدى. باھا دەل تاۋار قىممىتىنىڭ پۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىش شەكلى.

تاۋارنىڭ باھاسى بىر تەرەپتىن، تاۋارنىڭ ئۆز قىممىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇلنىڭ قىممىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر پۇلنىڭ قىممىتى ياكى پۇل ۋەكىللىك قىلغان باھانى مۇقىم دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا تاۋارنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولسا باھاسىمۇ يۇقىرى، قىممىتى تۆۋەن بولسا باھاسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. مەسىلەن، كىچىك ماشىنىنىڭ باھاسى ۋېلىسىپىتنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر تاۋارنىڭ قىممىتىنى مۇقىم دەپ قارىساق، ئۇنداقتا پۇلنىڭ قىممىتى ياكى پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان باھا ئۆرلىسە، تاۋارنىڭ باھاسى چۈشىدۇ؛ ئەكسىچە، تاۋارنىڭ قىممىتى ياكى تاۋار ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت تۆۋەنلىسە، تاۋارنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. مەسىلەن، ئېغىر پۇل پاخاللىقى مەزگىلىدە، پۇل پاخاللىشىدۇ، تاۋارنىڭ باھاسى روشەن ئۆرلەيدۇ. ئەگەر تاۋارنىڭ قىممىتى ۋە پۇلنىڭ قىممىتى بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش نىسبەتتە ئۆرلىسە ياكى تۆۋەنلىسە، بۇ چاغدا، تاۋارنىڭ باھاسى ئۆزگەرمەيدۇ. تاۋارنىڭ باھاسى ئۇنىڭ قىممىتى ۋە پۇلنىڭ قىممىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەندىن باشقا، يەنە تاۋارغا بولغان تەمىنلەش بىلەن تەلەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئوخشاش بولمىغان پەسىلدە بەزى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ.

تاۋارنىڭ باھاسى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. «باھا ئىندېكسى» ئارقىلىق، بازاردىكى نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ باھاسىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. باھا ئىندېكسى دېگىنىمىز، باھا ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نىسپىي سان. ئادەتتە ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئىككى مەزگىلدىكى تاۋار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ، پىرسەنت ئارقىلىق باھانىڭ ئۆرلەش-چۈشۈش دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، 1988-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 1989-يىلى دۆلىتىمىزدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي باھا ئىندېكسى% 8.117، يەنى1989-يىلىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىش ئومۇمىي باھا سەۋىيىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن% 8.17 ئۆرلىگەن. باھا ئىندېكسىنى تەييارلاش ئارقىلىق، باھا سىياسىتىنى توغرا تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى باھاسىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىندېكس تۇرمۇش خىراجىتى ئىندېكسى، دېيىلىدۇ. ئۇ تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرى تۈرىدىكى باھا ئىندېكسىدۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#