جاڭ مەنيۈ

جاڭ مەنيۈ

جاڭ مەنيۈ 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى شاڭخەي، جۇڭگو شياڭگاڭ ئارتىسى، ناخشىچى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ مەنيۈ
باشقا نامى Maggie Cheung
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 168cm
خەنزۇچە ئاتىلىشى 张曼玉
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شياڭگاڭ
يۇلتۇز تۈركۈمى پاك قىز يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O تىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭ مەنيۈجاڭ مەنيۈ 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى شاڭخەي، جۇڭگو شياڭگاڭ ئارتىسى، ناخشىچى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس. جاڭ مەنيۈ تا بۈگۈنگە قەدەر كىنو ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كىنو ئارتىسى.

سەككىز يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەنگلىيەگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرى ئېنگلاندنىڭ كېنت ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزگەن، كىچىكىدىنلا ئانىسىنىڭ ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قاتتىق باشقۇرۇلغان.

1980-يىلى، جاڭ مەنيۈ لوندوندىكى بىر كىتابخانىدا پۇل يىققۇچى خادىمى بولغان.

1982-يىلى، جاڭ مەنيۈ شياڭگاڭغا قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئېلان شىركىتىنىڭ چولپان تاللىغۇچىسى تەرىپىدىن تاللانغان، شۇنىڭدىن كېيىن قوشۇمچە مودېل بولغان.

1983-يىلى، جاڭ مەنيۈ «شياڭگاڭ خانقىزى ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسى»دا ئىككىنچىلىككە ۋە ئەڭ كېلىشكەن خانقىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان.

1983-يىلى ئەنگلىيە «دۇنيا خانقىزى ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسى»غا قاتناشقان، ئالدىنقى 15 نەپەرگە تاللانغان، شۇنىڭدىن كېيىن شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئىككى يىل توختام ئىمزالىغان.

1984-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھەسەن-ھۈسەن سىزايلى» قاتارلىق بىر قانچە فىلىمدا ئۆزى تۇنجى باش رول ئالغان.

1985-يىلى 1-ئايدا، دىرېكتورى چېن زىچىياڭ ۋە جياخې فىلىم شىركىتى بىلەن توختاملاشقان ھەمدە ئىتتىپاق تۈزگەن، كېيىن چېن زىچىياڭ جاڭ مەنيۈنى چېڭلوڭغا تەۋسىيە قىلغان، ئۇنى چېڭلوڭ رېژىسسورلۇق قىلغان باندىت يوقىتىش فىلىمى «ساقچىنىڭ ھېكايىسى» فىلىمىدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغۇزغان. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن 5-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەم جاڭ مەنيۈمۇ بۇ فېلىمگە تايىنىپ كىنو ساھەسىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. 

1985-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ليۇ دېخۇا، لىياڭ چاۋ ۋېي، جۇ رۈنفالار بىلەن بىرلىكتە باش رول ئالغان قەدەىمىي كىيىملىك فىلىمى «ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى» قويۇلغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جاڭ مەنيۈ رول ئالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ قالغان.

1986-يىلى 2-ئايدا، مۇھەببەت كىنوسى «ئەتىرگۈل ھېكايىسى»دە سىرىتىقى قىياپىتى گۈزەل باي ئائىلىنىڭ خانقىزى سېرىق ئەتىرگۈلنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمىنىڭ بېلەت كىرىم رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

1987-يىلى 4-ئايدا، مۇھەببەت كىنوسى «خۇدا بەرگەن مۇھەببەت»تە باش رول ئالغان، فىلىمدە پىداكارلىق روھىغا ئىگە ئايال ئالۋاستى شىياۋ يۈنىڭ رولىنى ئالغان. 

1988-يىلى، ئۇ رېژىسسور ۋاڭ جياۋىينىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمى «ۋاڭجياۋ كارمېن» دېگەن فىلىمدە ساددا ئايال باش قەھرىمان ئا ئېنىڭ رولىنى ئالغان، جاڭ مەنيۈ بۇ كىنو ئارقىلىق ئورۇنلاش ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان، ھەم 8-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى ۋەقەلىك فىلىمى «نىيۇيوركتىكى كىشىلەر» دېگەن فىلىمدە قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئايال لى جياۋنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم 26-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جاڭ مەنيۈ بۇ فىلىمگە تايىنىپ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1990-يىلى، مۇھەببەت فىلىمى «پايپىقىنى سالمايدىغان ئادەم»گە تايىنىپ 9-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1991-يىلى ئۇ باش رول ئالغان ۋەقەلىك فىلىم «رۇەن لىڭيۈ»دە جۇڭگونىڭ ئاۋازسىز كىنو دەۋرىدىكى كىنو چولپىنى رۇەن لىڭيۈنىڭ رولىنى ئالغان ھەمدە فىلىمدىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنى لايىھىلەشكە قاتناشقان، بۇ فىلىم 42-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھالبۇكى جاڭ مەنيۈ بۇ فىلىمگە تايىنىپ كېيىنكى يىلى 42-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتى ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق ئارتىسقا ئايلانغان.

1992-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، چېڭلوڭ بىلەن بىرلىكتە باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «قوش ئەجدىھا» قويۇلغان، جاڭ مەنيۈ فىلىمدە تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ھەم قاۋاقخانىدا غەزەلخانلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ناخشىچى قىز بابالانىڭ رولىنى يەنە باشقا كۆپلىگەن فىلىملەردىمۇ باش رول ئالغان.

1993-يىلى، مۇھەببەت فىلىمى «رۇەن لىڭيۈ»گە تايىنىپ 12-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا، 3-نۆۋەتلىك ياپونىيە كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى، جاڭ مەنيۈ رول ئېلىشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

1996-يىلى، كىنو ساھەسىگە قايتقان ھەمدە خەلقئارا دائىرىسىدە راۋاجلىنىشقا يۈزلەنگەن ھەمدە 34-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى، 42-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى، 16-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

1997-يىلى، 47-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو كۆرىكىنىڭ مۇسابىقىسى باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان، ھەمدە باھالىغۇچى بولغان.

1998-يىلى، پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ T شەكىللىك سەھنىدە Hermes ئۈچۈن كۈزلۈك، قىشلىق مودا كىيىم بىر تۇتاش مودېل ماڭغان، ھەمدە خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە كۆرسىتىلىدىغان تۇنجى جۇڭگولۇق ئارتىسقا ئايلانغان.

1999-يىلى، 56-نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى باھالىغۇچىلار مۇسابىقە گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرۇلغان، ھەمدە باھالىغۇچى بولغان.

2000-يىلى  باش رول ئالغان مۇھەببەت كىنو «ھىلىگەر يىللار»دا،  ئېسىل سۇ لىجىننىڭ رولىنى ئالغان، جاڭ مەنيۈ بۇ فىلىمدىكى رول ئېلىشىغا تايىنىپ ئامېرىكا «كۆڭۈل ئېچىش ھەپتىلىك ژۇرنىلى»، «كىنو تارىخىدىكى ئوسكار تەرىپىدىن سەل قارالغان 51 ئۇلۇغ رول ئالغۇچىلار ئىچىدە 43-ئورۇن»غا، ئىلگىرى-كېيىن 20-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى، 37-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن 26-نۆۋەتلىك فىرانسىيە كىنوچىلىقى قەيسەر مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلىدىكى فىلىم، ئەنگىلىيە مۇستەقىل كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلىدىكى فىلىم، گېرمانىيە كىنو لاۋرا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلى فىلىمى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ژۇرنىلى «كۆز ۋە قۇلاق» تەرىپىدىن بولۇپ باھالانغان، «كىنو تارىخىدىكى ئۇلۇغ 50 دانە فىلىم ئىچىدىكى 24-ئورۇن»غا ئۆتكەن.

2001-يىلى 4-ئايدا، «ياپونىيە كىنو مەلۇماتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىنىڭ 1-بېتىگە چىققان.

2002-يىلى 22-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1-ئايدا ئامېرىكىدىكى «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ ئاسىيا نەشىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.

2003-يىلى، ئاۋلىۋېي.ئاسياس رېژىسسورلۇق قىلغان ۋەقەلىك فىلىم «پاكىز»دا باش رول ئالغان، زەھەردىن قول ئۈزۈشكە ئىنتىلگەن ئايال روك ناخشىچى ئەيمىلىنىڭ رولىنى ئالغان.

2004-يىلى 5-ئايدا ، ۋەقەلىك فىلىم «پاكىز»غا تايىنىپ 57-نۆۋەتلىك گانا خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق ئايال ئارتىس بولۇپ قالغان.

2005-يىلى، مونتىرىيال خەلقئارا كىنو فېستىۋالى سەنئەت مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى 5-ئايدا، 59-نۆۋەتلىك گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى جاڭ مەنيۈنى كىنو «ھىلىگەر يىللار»دىكى كۆرۈنىشىنى شۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان گېزىتى قىلغان، جاڭ مەنيۈ يەنە گانا ھۆكۈمەت ئېلان گېزىتگە چىققان تۇنجى ئاسىيالىق ئارتىس بولۇپ قالغان.

2007-يىلى 1-ئايدا، ئاۋدى يىڭجيې پېرېۋوتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان.

2008-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا مۇستەقىللىق روھى مۇكاپاتى مۇكاپات تارقاتقۇچى بولغان ھەمدە ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلى فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 11-ئايدا، 46-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى قاتناشقان ھەمدە «ئەڭ ياخشى ۋەقەلىك فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى، مۇھەببەت كىنوسى «پۈتۈن شەھەر شەيداسى» فىلىمىدە ئويۇن قويۇشقا سىرتتىن قاتناشقان، ماراكەش خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالاش ھەيئەتىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

2011-يىلى 7-ئايدا، جاڭ مەنيۈ ئەنگلىيە ئېدىنبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 11-ئايدا، 50-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ۋە 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باش ئەلچىسى بولغان.

2014-يىلى 3-ئايدا، مۇستەقىل موزىكا شىركىتى مودا ئاسمان مۇزىكا بىلەن توختامنامە ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن مۇزىكا ساھەسىگە قەدەم قويغان.

2015-يىلى 8-ئايدا، مۇھەببەت كىنوسى «مۇھەببەتلىشىۋاتقان شەھەر» فىلىمدىكى ئاساسلىق ناخشا « ئەگەر سەن بولمىساڭ» دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلغان ھەمدە ئېيتىپ بەرگەن.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاڭ مەنيۈ مۇزىكا ھاياتىدىكى تۇنجى ناخشىسى «Look In My Eyes»نى ئېلان قىلغان.

جاڭ مەنيۈنىڭ ئاتا-ئانىسى شاڭخەيلىك. ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، جاڭ مەنيۈ ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. جاڭ مەنيۈ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىنى قوبۇل قىلالمىغان، شۇڭا دادىسى بىلەن ناھايىتى ئاز بېرىش-كېلىش قىلغان.

1987-يىلى، جاڭ مەنيۈ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا رېژېسسور ئىر دۇڭشىڭ بىلەن تونۇشقان، كېيىن، ئىككىسى مۇھەببەتلەشكەن، 1990-يىلى، جاڭ مەنيۈ ئىر دۇڭشىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن.

1997-يىلى، جاڭ مەنيۈ بىلەن فىرانسىيەلىك رېژىسسور ئاۋلىۋېي.ئاسياس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، 1998-يىلى يىل ئاخىرىدا ئاۋلىۋېي.ئاسياس بىلەن توي قىلغان، 2002-يىلى 5-ئايدا جاڭ مەنيۈ ئاۋلىۋېي.ئاسياس بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#